ئوزونوسفېرا قاتلىمى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەر شارى ئەتراپىنى قېلىن بىر قات ئاتموسفېرا قاتلىمى قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازوت، ئوكسىگېن ۋە كاربون(u2163) -ئوكسىدى 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە ئون خىل گاز بار. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوزون قاتلىمى، يەرشارىدىن 25 كىلومىتىردىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رايۇندا ئوزونىسفىرا قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بىز ئۇنى ئوزۇن قاتلىمى دەپ ئاتايمىز. ئوزون قاتلىمى ئىچىدىكى ئوزون ئاساسلىقى ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن شەكىللەنگەن. كۆپچىلىككە مەلۇم، قۇياش نۇرى ئىچىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئۇزۇن دولقۇن ۋە قىسقا دولقۇن دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، ئاتموسفېرادىكى (%21) بولغان ئوكسىگېن مولېكۇلىسى قىسقا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشقان چاغدا، ئوكسىگېن مولېكۇلىسى پارچىلىنىپ ئاتوم ھالەت كىلىدۇ. ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ تۇراقسىزلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ باشقا ماددىلاردا رېئاكسىيە پەيداقىلىدۇ. مەسىلەن، سۇ رېئاكسىيىسى ۋە كاربون (C) ئوكسىدلار رېئاكسىيىلىشىپ كاربون (CO2) نى ھاسىل قىلىدۇ.
ئاتموسفېرانىڭ ئوزونوسفېرا مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغقاندا، ئۆلچەم ھالىتىدە قېلىنلىقى ئاران ئۈچ مىللىمېتىرلا كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى غايەت زور بىر سۈزگۈچكە ئوخشاش، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى پۈتۈنلەي سۈزۈۋالىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر گەرچە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئادەملەر ئۇنى نورمىدىن ئارتۇق قوبۇل قىلسا تېرە راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۈپىتى بۇزۇلۇپ، مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئاپتوموبىل، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كاربون، خلور، فتور قاتارلىق خىمىيىۋى ماددىلار ئوزۇن بىلەن ھاۋاغا قويۇۋېتىلگەچكە ئۇلار ئاتموسفېراغا كۆتۈرۈلۈپ، ئوزۇن بىلەن خىمىيىۋى رېئاكسىيە ياساپ، ئوزونوسفېرا قاتلىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ، ھەتتا تېخى قاتلامدا تۆشۈك پەيدا قىلىۋاتىدۇ. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاتموسفېرادىكى ئوزونوسفېرا قاتلىمىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. ئانتاركتىكانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا 10 مىليون كۋادرات كىلومېتر كۆلەمدىكى بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان، بۇ پۈتكۈل ياۋروپانىڭ يەر كۆلىمىگە تەڭ كېلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان چاغدا، ئالىملار ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ئوزۇنوسفېرا قاتلىمىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خلور، ختور، كاربونلاشقان بىرىكمە ماددىلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىشنى، فتورسىز يېشىل توڭلاتقۇلارنى ئادەتتىكى توڭلاتقۇلارنىڭ ئورنىغا دەسىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى يەنە ھەر 9-ئاينىڭ 16-كۈنىنى «دۇنيا ئوزونوسفېرا قاتلىمىنى قوغداش كۈنى» قىلىپ بەلگىلىدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.