چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش

چىللە قىزىتمىسى

تۇغۇتتىن بۇرۇن، تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ جىنسىي يولدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تۇغۇتتىن كېيىن يەرلىك ئورۇندا ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىشى چىللە دەۋرىدىكى يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش
كېسەللىك سەۋەبى سىرتتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى 2 −، 3-كۈنلىرى كۆرۈلىدۇ.
خەنزۇچە نامى 产褥感染

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇغۇپ 24 سائەتتىن كېيىنكى 10 كۈنگىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچىگەندە، ئىككى قېتىملىق ئۆلچەشتە ℃ 38 دىن يۇقىرى بولۇش تۇغۇتتىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەلنى كۆپىنچە كونا ئۇسۇلدا تۇغۇت قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى ئېغىر قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار بولسا ئوكسىگېن قاچقۇچى زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى، ئوكسېگىن خۇمار جاراسىملار، قان ئېرىتكۈچى ئالتۇن رەڭلىك زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى، ئۈزۈمسىمان شارچە جاراسىمى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە جاراسىمى بولۇپ، كۆپىنچە ئوكسىگېنغا مايىل ۋە ئوكسىگېندىن قاچقۇچى جاراسىملار بىلەن ئارىلاشما ھالدا يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ.

1. سىرتتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇت قوبۇل قىلغاندا ياكى ئوپېراتسىيە قىلغاندا دېزىنفېكسىيە ياخشى بولماسلىق، تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ جاراسىملار بىلەن بۇلغانغان قوللىرى، نەپەس يولى، سايمانلار، تېڭىق ماتېرىياللىرى ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر ئارقىلىق تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ جىنسىي يولىغا جاراسىملار كىرىش، تۇغۇت دەۋرىدە مەقئەت ياكى جىنسىي يولنى تەكشۈرگەندە جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، چىللە دەۋرىدە تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. 2. ئۆز بەدەنلىك يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. جىنسىي يولدا ياشاۋاتقان جاراسىملار ۋە بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى كېسەللىك ئوچاقلىرىدىكى جاراسىملار جىنسىي يوللارغا بىۋاسىتە ياكى قان ئارقىلىق تارىيىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقۇملىنىش يوللىرى: يۇقۇملىنىش كۆپىنچە ئارىلىق، جىنسىي يول ياكى بالىياتقۇ بىلەن بالا ھەمرىيى ئورۇنلاردا جايلاردا بولىدۇ. ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلىگەن ياكى ئۆز ۋاقتىدا داۋالانمىغان بولسا كېسەللىك جاراسىمى لىمفا سىستېمىسى، قان ئايلىنىش ئارقىلىق ۋە شىللىق پەردىلەرنى بويلاپ ئەتراپتىكى ئەزالارغا ياكى پۈتۈن بەدەنگە تارىلىپ، يەرلىك ياكى پۈتۈن بەدەنلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە ئالامىتى: يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى 2 −، 3-كۈنلىرى كۆرۈلىدۇ. قان ئۇيۇلمىسى خاراكتېرلىك ۋېنا ياللۇغى 2 ~ 1 ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق جىنسىي ئورگانلارغا كىرگەندىن كېيىن ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئۆزىگە خاس ئالامەتلەرنى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. 1. تاشقى جىنسىي ئەزا، جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينىنىڭ يۇقۇملىنىشى: بۇنىڭدا چات ئارىلىقىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئەڭ كۆپ ئۇچراپ، يەرلىك ئورۇن قىزىرىدۇ، ئىششىيدۇ. قاتتىق تۈگۈنچە پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىپ، باسقاندا قاتتىق ئاغرىيدۇ. جىنسىي يولدىكى يېرىلغان ۋە بېسىلىشقا ئۇچراپ نىكروزلانغان جايلاردىكى يۇقۇملىنىشلار يارا پەيدا قىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينىنىڭ يىرتىلغان ئېغىزىدىكى يۇقۇملىنىشنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ ياللۇغلىنىش لىمفا كانالچىلىرى ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە ھالدا بالىياتقۇ يېنىدىكى قوشۇمچە توقۇلمىلارنى ياللۇغلاندۇرىدۇ، تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ.

2. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى: بۇ چىللە دەۋرىدىكى يۇقۇملىنىشلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى بولۇپ، جاراسىملار بالا ھەمرىيى ئاجرالغان يۈزدىن بۆسۈپ كىرىپ، بالىياتقۇنىڭ پۈتۈن سويۇلغۇچى پەردىسىگە تارقىلىدۇ، ھەتتا مۇسكۇل قەۋىتىگىچە بارىدۇ. كېسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن كلىنىكىدىكى كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يەڭگىل ئالامەتلىرى كۆپىنچە چوڭ ئۈچەي تاياقچە جاراسىمى ۋە ئوكسىگېندىن قاچقۇچى زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى 5~3-كۈنىدىن باشلاپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃ 38 دىن ئاشىدۇ. قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ. بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى)ئەسلىگە كېلىشى( ياخشى بولمايدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ، چىللە خۇنى كۆپىنچە دۇغلۇق ۋە سېسىق پۇرايدۇ. ئېغىر ئالامەتلىرى كۆپىنچە قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلۈپ، بالىياتقۇنىڭ مۇسكۇل قەۋىتىگىچە يېتىپ بارىدۇ. كېسەل ئۇشتۇمتۇت توڭۇپ تىترەپ، قاتتىق قىزىپ، بەدەن ھارارىتى ℃ 39~40 گىچە بولۇپ، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ. بالىياتقۇنى باسقاندا ئاغرىش ئېنىق بىلىنىدۇ، چىللە خۇنى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ بولمايدۇ)ئەگەر ئوكسىگېندىن جاراسىملار بىلەن يۇقۇملانغان بولسا چىللە خۇنى كۆپ بولۇپ، سېسىق پۇرايدۇ(. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، جاراسىملار بالىياتقۇ يېنىدىكى قوشقۇچى توقۇلمىلارغا ۋە داس بوشلۇقى، قورساق پەردىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىنى ھەتتا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك شۇكنى پەيدا قىلىدۇ.

3. داس بوشلۇقى قوشقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى: بۇ كۆپىنچە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بالىياتقۇ يېنىدىكى قوشقۇچى توقۇلمىلارغا تارقىلىدۇ. بۇنىڭدا بىمار قىزىيدۇ. تىترەپ بەدەن ھارارىتى 39~39.5℃ گىچە كۆتۈرۈلىدۇ. تۆۋەنكى قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلا تەرىپى ئاغرىيدۇ. كېسەل ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. بالىياتقۇ ھەرىكەتلەنمەيدۇ. بالىياتقۇنىڭ بىر تەرىپىدىكى ياكى ئىككىلا تەرىپىدىكى توقۇلمىلار قېلىنلىشىپ، باسقاندا ئاغرىيدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇن بارغانسېرى كېڭىيىپ، مونەك پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى قاتتىقلىشىدۇ. كېسەللىك تورمۇزلانمىسا يىرىڭداپ، داس بوشلۇقىدا يىرىڭلىق مونەكنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇ يىرىڭلىق مونەك يېرىلسا قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالىرى ياللۇغى: بۇ داس قوشقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنىڭ بىۋاسىتە كېڭىيىشىدىن پەيدا بولۇشى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمدان ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالار يىرىڭلىق ئىششىقىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. بىمارنىڭ قىزىتمىسى ℃ 39~40 قا يېتىدۇ، كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قورساق پەردە ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەچكە پۈتۈن قورساقنى باسقاندا ئاغرىيدۇ.

 5. داس بوشلۇقى يامراش خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى: داس بوشلۇقى يامراش خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى بولسا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى ۋە داس بوشلۇقى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ياللۇغىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياللۇغ داس بوشلۇقى دائىرىسىلا چەكلەنگەنلىكتىن، داس بوشلۇقى قورساق پەردە ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ياللۇغلىنىش داۋاملىق كېڭەيسە، داس بوشلۇقىدىن ئېشىپ، قورساق پەردىسىدە يامراش خاراكتېرلىك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى قورساق پەردىسىگە قان تولۇپ ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالار ۋە ئۈچەي ئەگمىلىرى ئارىلىقىدا چاپلىشىش يۈز بېرىپ، ھەرقايسى ئەزالار ئارىلىقىدىكى سىرغىتما ماددىلار يىغىلىپ قېلىپ، يەرلىك ئورۇندا يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى بالىياتقۇ-تۈز ئۈچەي ئويمىنىدىكى داس بوشلۇقى يىرىڭلىق ئىششىقىدۇر. بۇ كۆپىنچە تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃ 39~40 قا چىقىدۇ. بىمار قورساق كۆپۈپ ئاغرىغانلىقىنى، كۆڭلى ئېلىشقانلىقىنى ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. پۈتۈن قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش ئېنىق بولىدۇ. يەرلىك ئورۇندا مونەك پەيدا بولىدۇ.

6. قان ئۇيۇلمىسى خاراكتېرلىك ۋېنا ياللۇغى، قان يۇقۇملىنىش(قاننىڭ ئۇففۇنەتلىنىشى)چىقىدۇ. يۇقۇملانغان نوكچا ئوڭ تەرەپتە بولسا، تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنا قان ئايلىنىشى ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ ئۆپكە ئۆتكۈر كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمار ئۆلۈپ كېتىدۇ. سول تەرەپتە بولسا، بۆرەك قان تومۇرلىرىغا كىرىپ يۇقۇملىنىش قان يېتىشمەسلىكتىن بۆرەك نىكروزى(چىرىش) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ ۋېناسىدىكى نوكچا يانپاش غول ۋېناسىغا بېرىپ داس بوشلۇقى ۋېناسى بىلەن ياللۇغىنى ۋە تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسى قان ئويۇلمىسى خاراكتېرلىك ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ قان ئويۇلمىسى خاراكتېرلىك تۆۋەنكى مۈچىلەر ۋېناىسىدىكى قان ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تۆۋەنكى مۈچىلەردە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. تېرىلىرى تاتىرىپ ئاقىرىدۇ. ياللۇغلانغان نوكچا ۋە جاراسىملار ياكى ئۇنىڭ زەھىرى قان ئايلىنىشقا كىرگەندە قان يۇقۇملىنىش كېسىلى(قاننىڭ ئۇففۇنەتلىنىشى)ۋە يىرىڭ زەھىرى قانغا ئۆتۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان ئۇيۇلمىسى خاراكتېرلىك ۋىنا ياللۇغى كۆپىنچە تۇغۇتتىن كېيىنكى 10 −، 15-كۈنلىرى پەيدا بولىدۇ. پۈتۈن بەدەندە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى بولۇشتىن تاشقىرى، يوتا ۋىنا بار جايدا قاتتىق ۋە ئۇزۇن نەرسە قولغا ئۇرۇنىدۇ. باسقاندا ئاغرىش روشەن بولىدۇ، پۇت ئىششىپ ئاقىرىپ كېتىدۇ. قان يۇقۇملىنىش(قاننىڭ ئۇففۇنەتلىشىشى) ۋە يىرىڭ زەھىرى بىلەن قان زەھەرلىنىش كېسىلىدە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى ئېغىر بولىدۇ. دائىم جۆيلۈش، ھوشىدىن كېتىش كېلىپ چىقىدۇ. يىرىڭ زەھىرى قانغا ئۆتكەندە پۈتۈن بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدا يۆتكىلىشچان يىرىڭلىق ئىششىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شوك كېلىپ چىقىدۇ.

كېسەللىك تارىخى، تىپىك كېسەللىك ۋە لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. يەرلىك ئورۇننى تەكشۈرگەندە تاشقى جىنسى ئەزالار ۋە يارا ئېغىزى ئەھۋالى، چىللە خۇنىنىڭ خاراكتېرى ۋە پۇرىقى، بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش ئەھۋالى، بالىياتقۇ ۋە قورساق تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى باسقاندا ئاغرىش-ئاغرىماسلىققا دىققەت قىلىش لازىم. تۇغۇتتىن كېيىنكى 10 كۈنگىچە، پرىنسىپ جەھەتتە جىنسى يولدىن تەكشۈرمەسلىك لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا ئەستايىدىل دىزىنفىكسىيە قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈلىدۇ. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتە قان، سۈيدۈك ۋە بالىياتقۇ بوينى ئاجرالمىلىرىدىن جاراسىم ئۆستۈرۈپ تەكشۈرۈش، ئۆپكىدە قان نوكچىسى بارلىقى گۇمان قىلىنسا كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگىندە رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

بۇ كېسەلنى يۇقىرى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى، ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى قاتارلىق باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش ئالامىتىدىن ۋە چىللە مەزگىلىدە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.

1.يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش بىلەن چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش كېسەللىك تارىخى ۋە كىلنىك ئالامەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. يەنى يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش بولغاندا دەسلەپتە زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرىلىپ، بىمار ماغدۇرسىزلىنىدۇ، باش ئاغرىش، قىززىش بولىدۇ. بولۇپمۇ غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك يۆتەل بولۇش ھەتتا بەلغەم چىقىرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغاندا كېسەللىك تارىخىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش تۇغۇتلۇق ئاياللاردىلا كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى نەپەس يولى ياللۇغى جىنسى جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

2.بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى بىلەن چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش كىلنىك ئالامەت، قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئاساسى ئالامەتلىرى توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، بەل ئاغرىش، پات-پات سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك مىقدارى ئاز، ئېچىشىپ كېلىش، سىيگەندە ئاغرىش، سۈيدۈك دۇغ بولۇش، سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە نۇرغۇن يىرىك ھۈجەيرىلىرى ۋە قان ھۈجەيرىلىرى تېپىلىدۇ.

3. ئۆتكۈر ئەمچەك ياللۇغى بىلەن چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش كىلنىك ئالامەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. ئۆتكۈر ئەمچەك ياللۇغىدا بىماردا كۆپىنچە توڭۇش ۋە يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ. قايسى تەرەپ ئەمچەك ئاغرىسا، چىڭقىلىش سېزىمى كۈچلۈك بولىدۇ. سۈتنىڭ چىقىشى راۋان بولمايدۇ. كېسەللەنگەن جاي قاتتىق مونەكلىشىپ قالىدۇ، ئاغرىيدۇ. ئىسسىق بىلىنىدۇ. تېرىسى قىزىرىپ، ۋىنا قان تومۇرلىرى كۆپىشىپ كېڭىيىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا يەرلىك ئورۇندا لۆمىلدەش سېزىمى بولىدۇ. ئاغرىش ئورنىغا ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

4. ئۆپكە سىلىدىن پەرقلەندۈرۈشتە كېسەللىك تارىخى، تىپىك ئالامىتى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەرقلەندۈرىلىدۇ. ئۆپكە سىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا ئىلگىرى سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ. كىلنىك ئالامەتلىرىدىن بىماردا ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، كېچىدە ئوغرى تەرلەش، چۈشتىن كېيىن تۆۋەن قىزىتما بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. قان چۆكمىسى تەجربىسى ئىشلىگەندە نەتىجىسى 20mm/h دىن يۇقىرى چىقىدۇ.

5. چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن كىلنىك ئالامەت، كېسەللىك سەۋەبى، داۋالاش جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش مۇھىت تېمپىراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بىماردا كۆپ ئۇسساش بولىدۇ، كۆپ سىيىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى قايىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا مۇھىت ئالماشتۇرۇپ سۇ ۋە تۇز تولۇقلىغاندا بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى تېزلىكتە يوقايدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىنمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ. چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالامەتلىرى مۇھىت ئالماشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىشلىتىدىغان دورىلار ئاساسلىق ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئاساس قىلىدۇ.

1. ھامىلىدارلىق مەزگىلى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، تۇغۇتتىن 2 ئاي ئىلگىرى ۋاننىدا يۇيۇنۇشتىن ۋە جىنسى ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا جىنسى يولنى چايقاپ يۇماسلىق ۋە داۋالاش ئېلىپ بارماسلىق لازىم. ئەگەر جىنسى يولدىن تەكشۈرۈش زۆرۈر تېپىلغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلغان ئاساستا مىكروپسىز مەشغۇلات ئېلىپ ېبرىش لازىم. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قوشۇلۇپ كەلگەن كېسەللىكلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالاش كېرەك.

2. تۇغۇت مەزگىلى: ئىلمىي ئۇسۇلدا تۇغۇت قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىكرپسىز مەشغۇلات تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، زۆرۈر بولمىغان جىنسى يولدىن تەكشۈرۈشلەرنى ئازايتىش كېرەك. نورمالسىز تۇغۇتلار مەسىلەن: ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى، توختاپ قالغان تۇغۇت، ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش، تۇغۇت يولى زەخمىلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش ھەمدە يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولسىلا بالدۇر دورا بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

3. چىللە مەزگىلى: تۇغۇتتىن كېيىن دىزىنفىكسىيەلەنگەن تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىش، ئۆز ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، دوۋسۇننىىڭ زىيادە توشۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش، تۇغۇت ۋاقتىدا يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلىنغۇچىلارنى يېرىم ئۆرە تۇرغۇزۇش ھەمدە بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى بېرىش كېرەك. داۋالاش ۋە كۈتۈش: بىمارنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، يېرىم ئۆرە ئولتۇرغۇزۇش، يۇقۇملانغان ئورۇننىڭ يەرلىك ئورۇندىلا چەكلىنىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىش، كەم قانلىقنى تۈزىتىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇقلۇققا دىققەت قىلىش كېرەك، قان تولۇقلىغۇچى، بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئانار شەربىتى، مەجۇنى پولات قاتارلىقلار بېرىلىدۇھەمدە تەبىئەت كۈچى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىمارغا گۈلقەنت، ئامىلە نۇشدارى، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلارنى بېرىلىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىنى ساقلاش، بۇنىڭ ئۈچۈن قائىدە بويىچە سۇنى ئۈستى تەرەپتىن قويۇپ يۇيۇش ۋە سۈرتۈپ يۇيۇش، يۇيىدىغان داسنى ئايرىش لازىم. تاشقى جىنسى ئەزادا ياللۇغ بولسا ياللۇغنىڭ شۈمۈرۈلىشى ئۈچۈن ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا ياللۇغلىنىشنىڭ شۈمۈرۈلىشىگە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن تۇزنى قويۇپ قورساققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھارارەت) قىزىتما ( يۇقىرى بولسا، ھارارەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئارپا سۈيى، لىمون شەربىتى، نىلوفەر شەربىتى، بىنەفشە شەربىتى قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ ياكى نىلۇپەر گۈلى، چىلان، ئەينالۇ، ئىت ئۈزۈمى، تۇخۇمى كاسىنە قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئاق سەندەلنى سۇغا ياكى ئەرقى گۈلگە ياكى سىركىگە سۈرۈپ قورساق قىسمىغا چىپىلىدۇ. قىزىتما بىلەن قەي بىللە كەلسە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ھىندىنى سۇغا چىلاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ. يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80-100 مىللىلىتىر، ئىتتىرفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80-100 مىللىلىتىر، ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80-100 مىللىلىتىر، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80-100 مىللىلىتىر، ئەرقى مۇسەففى خۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80-100 مىللىلىتىر، شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60-80 مىللىلىتىر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ ھەمدە بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلاردىن مەجۇنى ئۇبھەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن بېرىلىدۇ. زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شۇك بولسا شوكقا قارشى دورا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە قان بېرىلىدۇ(ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم (يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولغان بولسا جىنسى يول قورساق قىسمىنى يېرىپ يىرىڭنى ئاققۇزۇش لازىم. قان نۇكچىسى خاراكتېرلىك ۋىنا ياللۇغى بولغانلارنىڭ كېسەل بار پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەش ھەمدە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلار بىلەن بىرلىكتە قان تومۇرنى كېڭەيتكۈچى دورىلارنى بېرىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىغان (قاننى جانلاندۇرۇدىغان)، ئويۇپ قالغان قانلارنى تارقىتىدىغان، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇردىغان، ھۆللۈكنى ئاشۇرىدىغان دورىلارنى بېرىش لازىم. يېمەكلىكىگە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار بېرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1235

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1235

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#