قويۇپ بېرىش روجىكى

سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش

ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بېرىشتە قايسى ۋاقىتتا قويۇپ بەرگۈسى كەلسە شۇ ۋاقىتتا قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، چوقۇم ئاۋۋال ياخشىراق بىر قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى تاللاش لازىم. ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىت دائىرىسى قويۇپ بېرىش روجىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قويۇپ بېرىش روجىكى
چەتئەلچە نامى launch window
خەنزۇچە نامى 发射窗口

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش1970-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلىمىزنىڭ «شەرق قىزاردى-1» ناملىق تۇنجى ھەمراھى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىدىغان چاغدا، قويۇپ بېرىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئاللىقاچان ئولتۇرۇپ بولغان، ئەمما توشۇغۇچى راكېتا سۈنئىي ھەمراھنى يۇقىرى بوشلۇققا كىرگۈزگەندە، يەنىلا قۇياش نۇرى ئۇنىڭغا چۈشەتتى، كىشىلەر قاپقاراڭغۇ ئاسماندا ئوربىتىغا كىرىپ ئايلىنىۋاتقان ئۈچىنچى باسقۇچلۇق راكېتانى ۋە سۈنئىي ھەمراھنى كۆرەلەيتتى. مۇشۇ قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى تاللاشتىكى سەۋەب، بۇ ۋاقىت يەر يۈزىدە كۆزىتىشكە بەكمۇ مۇۋاپىق ئىدى. 

لېكىن ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرى ھەمىشە يەنە بەزى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىگە ئورنىتىلغان ئەسۋاب، ئۈسكۈنىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قويۇپ بېرىش روجىكىگە قارىتا تەلىپى بولىدۇ. مەسىلەن، يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشتە، سۈنئىي ھەمراھتىكى كۆرۈنىدىغان نۇرلۇق يىراقتىن سېزىش ئۈسكۈنىسىنى يەر يۈزىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئوبدان قوبۇل قىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن، بۇ تۈردىكى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنى قويۇپ بېرىش رۇجىكى ھەمىشە كۈندۈزدە تاللىنىدۇ. بەزى ئالەم قاتنىشى ئۈسكىنىلەرگە قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيە تاختىسىدىن پايدىلىنىپ توك بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇ تۈردىكى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنى قويۇپ بېرىشتە، ئالەم قاتناش ئۈسكۈنىسى ئوربىتىغا كىرگەندە، ئۇنىڭغا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقى، ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسى شۇئان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىنەلەيدىغان-تەمىنلىنەلمەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بەزى يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلرىى، مەسىلەن، قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھ، ئادەم چۈشكەن ئالەم كېمىسى قاتارلىقلارنىڭ كۈندۈزى، بەلىكى ھاۋارايى ياخشىراق چاغدا يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنى قويۇپ بېرىش روجىكىنى تاللىغان چاغدا ئويلىشىش كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، قويۇپ بېرىش روجىكىنى تاللاش نۇرغۇن شەرت-شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر قويۇپ بېرىش روجىكى قولدىن بېرىپ قويۇلۇپ، ئۆز ۋاقتىدا قويۇپ بېرىش مۇمكىن بولمىغاندا، كېيىنكى بىر قويۇپ بېرىش روجىكىنى كۈتۈپ تۇرۇش لازىم.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#