ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى

ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى

سوغۇق ئۆتۈش، يۇقۇملىنىش، قان ھەم بەلغەم خىلىتى مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە تىز، پاچاق، ئوشۇق، جەينەك ۋە بىلەك چوڭ بوغۇملىرىدا، شۇنداقلا بوغۇملارنىڭ توقۇلما ۋە شىللىق پەردىلىرىدە يۈز بېرىدىغان ياللۇغلىنىشلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۇشتۇمتۇت باشلىنىپ بوغۇملار قىزىرىپ ئاغرىش، بوغۇملار ئىششىش ۋە ئاخىر بوغۇملار قاتتىقلىشىپ، ھەرىكەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەلدۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى سوغۇق ئۆتۈش، يۇقۇملىنىش، تىز، پاچاق، بوغۇملىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى بوغۇملار قىزىرىپ ئاغرىش، بارا-بارا ئاغرىق كۈچىيىش، بوغۇملار ئىششىش
تەۋە بۆلۈم سۆڭەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بىلەك،بوغۇم،جەينەك،پاچاق،ئوشۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوغۇق ئۆتۈش، يۇقۇملىنىش، قان ھەم بەلغەم خىلىتى مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە تىز، پاچاق، ئوشۇق، جەينەك ۋە بىلەك چوڭ بوغۇملىرىدا، شۇنداقلا بوغۇملارنىڭ توقۇلما ۋە شىللىق پەردىلەردە يۈز بېرىدىغان ياللۇغلىنىشلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئۇشتۇمتۇت باشلىنىپ بوغۇملار قىزىرىپ ئاغرىش، بارا-بارا ئاغرىق كۈچىيىش، بوغۇملار ئىششىش ۋە ئاخىر بوغۇملار قاتتىقلىشىپ، ھەرىكەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ۋە يۇقىرى قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سەبرە سۇقۇتى، تۇربۇت 25 گىرامدىن، سېرىق ھېلىلە پوستى، بوزىدان، سۆرۈنجان ئالتە گىرامدىن، رۇمبەدىيان، سوقمۇنىيا ئۈچ گىرامدىن، مۇقەل توققۇز گىرام، كۈدە مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈدىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغىتەركىبى: زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ئازاراقى 18 گىرام، گاۋزىبان گۈلى، زورەنبات، ئۈستقۇددۇس، كەتىرا، نارجىل، چىلغوزا، شاقاقۇل، لاچىندانە ئالتە گىرامدىن، ئاق سەندەل، قەلەمپۇر ئۈچ گىرامدىن، ئامىلە، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىقچېچەك، بىنەپشە گۈلى، بابۇنە، بۇغداي كېپىكى، زىغىر، ئاق لەيلىگۈلى، شۇمشا 30 گىرامدىن، كۈنجۈت يېغى ۋە سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، كۈنجۈت يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: قىزىق ھالەتتە يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 

بوغۇم ياللۇغى ھەم كونا زېدە ئاغرىقلىرى ھاۋا تۇتۇلغاندا، يامغۇر، قار ياغقاندا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

ھاۋا تۇتۇلغاندا ياكى يامغۇر، قار ياغقاندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، ئاتموسفېرا بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. نەملىك ئاشىدۇ، ئادەم ئورگانىزمى سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، سوغۇق ئالدى بىلەن تېرىدىكى ئىسسىق-سوغۇقنى سەزگۈچى ئەزالارغا تەسىر قىلىدۇ. ئاندىن بۇ سەزگۈ نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە مەركىزىي تۈگىنىگە يەتكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە تېرە، مۇسكۇللاردىكى كىچىك (كاپىيىللار) قان تومۇرلىرى بىلەن تۈكلەرنى تىكلىگۈچى مۇسكۇللار يىغىلىپ توخۇئەت پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزالارنىڭ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ يەرلىك ئورۇندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىشقا باشلايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باغداش تورىدىن ئېلىندى 

http://mixed.bagdax.cn/2015/1114/13812.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#