چۆرېن يېزىسى
چۆرېن يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى قۇملۇق قىرغاقلارغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۆرېن يېزىسىچۆرېن يېزىسى، شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى قۇملۇق قىرغاقلارغا جايلاشقان. بىر چارۋىچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ مىللەتلىك يېزا، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1668 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتلاق كۆلىمى 700 كۋادرات كىلومېتىر، پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە جەمئىي ئالتە مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە 3 دېھقانچىلىق كەنتى، 3 چارۋىچىلىق كەنتى بار. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2333 گېكتار، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 1594 گېكتار، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 1206 گېكتار. مۇھىم تەبىئىي بايلىقلىرىدىن يەر بايلىقى، سۇ بايلىقى، كۆمۈر بايلىقى قاتارلىقلار بار.
ئومۇمىي كىرىمى
2007-يىلى، چۆرىن يېزىسىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 48 مىليون 390 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 43 مىليون 800 مىڭ يۈەن، 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 420 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 20 مىليون 700 مىڭ يۈەن بولغان. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 4543 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، 2002-يىلدىكىدىن %9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 27 مىليون 470 مىڭ يۈەن، ئورمانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 430 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 17 مىللىمېتىر 530 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى
چۆرېن يېزىسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق ئېلىنغان مىقدارى: ئاشلىق 13125 توننا، ياغلىق دان 371 توننا، قىزىلچا 5000 توننا بولغان، يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي چارۋا-مال 4 مىڭ تۇياق، قوتاندىن چىقىش نىسبىتى %29. يىللىق گۆش مىقدارى 750 توننا، قوي يۇڭى 90 توننا، سۈت مىقدارى 1800 توننا بولغان، تولۇقلاپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 3640 مو، ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش نىسبىتى %242.7، يىللاردىن بۇيان بىنا قىلىنغان ئورماننىڭ تۇتۇش نىسبىتى %85، ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى تىكىش كۆلىمى 163 مو، ۋەزىپىنى ئورۇنداش نىسبىتى %108.7 گە يەتكەن، كۆلىمى 30 مو بولغان،يېڭى يېزا ئاھالە رايونلىرىنى كۆكەرتىش نۇقتىسىدىن بىرى قۇرۇلغان.
ئومۇمىي مۈلكى
2007-يىلى، چۆرېن يېزىسىنىڭ جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈكى 6 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنغىنى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن، يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشكە سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولغان.
بىر يىللىق پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 20 مىڭ يۈەن بولۇپ، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 380 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يىل ئاخىرىدا يېزا تېلېفون ئابۇنېنتى 800 گە، كۆچمە تېلېفون ئابونېنتى 520 گە، ئىنتېرنېت تور ئابۇنېنتى 16 گە يەتكەن. يىل ئاخىرىدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ ئومۇمىي قالدۇق سوممىسى 11244760.43 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.