يەرمەدىكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەرمەدىكىيەرمەدىكى بولسا يەرمەدىكى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يەرمەدىكى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «تاراسىس» ياكى «يەرمەدىكى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.قۇرۇتۇلغان چۆپى ياپىلاق سىلىندىر شەكىللىك ياكى بىر ئۇچى ئىنچىكە،سىرتقى يۈزى قىزىل خورما رەڭ ۋە توق قوڭۇر رەڭلىك، ئازراق پۇراقلىق، تەمى ئاچچىق ھەم قېرىق،
يەرمەدىكى1.يەرمەدىكىنىڭ قۇرۇتۇلغىنىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ بېلىق يېلىمى بىلەن قوشۇپ چاپسا، دوۋساق ياللۇغى، سېرىقئەت يىرتىلىش ۋە كىندىك چىقۇقى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
2. يەر مەدىكىنىڭ ھۆلىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ كۆزگە تېمىتسا، كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كۆز چۆرىسىدىكى قوتۇرنى ۋە كۆزدىكى ئاقنى ئالىدۇ، كۆزگە سۇ چۈشۈشنى توسايدۇ، بولۇپمۇ سۈرمىنى بۇنىڭ سۈيى بىلەن چەككىلەپ، ئاندىن ئىشلەتسە، مەنپەئىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
3. يەرمەدىكىنى يېڭى سېغىلغان ئۆچكە سۈتى بىلەن ياكى كالا سۈتى قېتىقىدىن تەييارلانغان دۇغىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ئاشقازان ۋە جىگەر ئاجىزلىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
سۇپۇپى سۆئلەپ
كېسەللىك مىسالى
باھ ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، جىگەر قېتىشىش، ئىچى سۈرۈش، قاناش، دوۋساق ياللۇغى، چىقۇق، كىندىك چىقۇقى، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى، كۆز چۆرىسىدىكى قوتۇر، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆزگە سۇ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.