قۇنۇن

بۇ رويان ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكى 1 ~ 3 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك قۇنۇن بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان غولى ياكى شېخى «قۇنۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قۇنۇن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 钩藤

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ رويان ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكى 1 ~ 3 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك قۇنۇن بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان غولى ياكى شېخى «قۇنۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىندوللۇق ئىشقارلار، خىرسۇتېن (Hirsutine)، ھىپىرىن (Hyperin)، ترفولىن (Trfolin)، كورىنوكسىن (Corynoxeine)، كورىناننىن (Corynantheine) قاتارلىقلار.

تىنچلاندۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، زىققىنى پەسەيتىش رولى بار.

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

تىنچلاندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، تارتىشىشنى توختىتىش.

چۆچۈش، يەلدىن پۇت - قول تارتىشىش، چىشى تارتىشىپ قېلىش، يۇقىرى قان بېسىم، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، باش قېيىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. كۆيدۈرۈلگەن كەركىدان مۈڭگۈزى، تىيەنما غولى، كۆيدۈرۈلگەن چايان، قۇنۇن قاتارلىقلارنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چۆچۈش، قىزىتما، پۇت - قول تارتىشىپ قېلىش، چىشى كىرىشىپ قېلىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

2. ئاق سەندەل، لېپەكگۈلى، سەدەپ، قۇنۇن قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، باش ئاغرىش، باش قېيىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ئەمما قۇنۇننى قايناتقاندا ئۇنى قاينىتىش ۋاقتىنى 20 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك لازىم.

8~20 گىرام.

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

كەتىرا، ئەرەب يېلىمى.

بىنەپشە.

يۈننەن، گۇاڭشى، گۈيجۇ، سىچۈەن، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

قۇنۇن شەربىتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#