ئۇيغۇرچە نامى قوستىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 680 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阔斯特克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۇرچىن ناھىيەسى
نوپۇسى 4789 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوستىق يېزىسىقوستىق يېزىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، غەربىي بۇرچىن ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر، دۇۋلايتى يېزىسى بىلەن قوشنا؛ شەرقتە ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، 217-دۆلەت يولى بۇ يېزىغا تۇتاشقان، يېزا قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. يېزىغا قاراشلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق كەنتى 7، چارۋىچىلىق كەنتى ئىككى. يېزا بويىچە ئومۇمىي نوپۇسى 4789 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ لار 2385 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %49.8 ئىگىلەيدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت 2404 ئادەم، %2.50 ىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 680 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 71 مىڭ مو، ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 59 مىڭ 400 مو، تېرىقچىلىقتا سېرىق پۇرچاق، مايلىق دان،بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر ئاساس قىلىنىدۇ، بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا، ئەلا سۈپەتلىك سېرىق پۇرچاق بىلەن داڭلىق.

قوستىق يېزىسى2004-يىلى يېزا بويىچە تېرىلغان سېرىق پۇرچاق 40 مىڭ مو، ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 7 مىليون 800 مىڭ كىلوگرام. ئۆي ھايۋانلىرى ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 75900 تۇياق، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 تۇياق چارۋا توغرا كېلىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 34 مىليون يۈەن؛ مالىيە كىرىمى 340 مىڭ يۈەن، مالىيە نىسبىتى %9.4 ئاشقان؛ يېزا-كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى638900 يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4008 يۈەن.

قوستىق يېزىسىقوستىق يېزىسىغا قاراشلىق قوستىق كەنتى، قىزىل ئۈيىنكى كەنتى، ئاقتېرەك كەنتى، جېتئاغاش كەنتى، كۆكدالا كەنتى، قوستوغان كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، سارقۇم كەنتى، قىيدەلى كەنتى قاتارلىق توققۇز كەنت بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#