چياڭزۇ مىللىتى

چياڭزۇ مىللىتى

چياڭزۇ مىللىتى ئۆزىنى «ئېرما» ياكى «ئېرياڭ» دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «يەرلىك كىشى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «يەرلىك» دېگىنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابازاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شۇۋېن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، ۋېنچۇەن ناھىيىسى، لىشيەن ناھىيىسى، خېيشۈي ناھىيىسى، سۇڭپەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چياڭزۇ مىللىتى
خەنزۇچە نامى 羌族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چياڭزۇ مىللىتىھەيۋەت بىلەن مەۋج ئۇرۇپ ئاقىدىغان مىنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىدىكى پىچاقتەك تىك قىيالار ئارىسىدا بامبۇك زەنجىردە ياسالغان بىر كۆۋرۈك بار بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك تەبىئىي خەتەرلىك جايدا ئۆتۈشمە ھاسىل قىلغان. بۇ كۆۋرۈككە مىخ ۋە كۆۋرۈك گۇندىسى ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، پەقەت بامبۇك زەنجىرلەر قاتارىسىغا تىزىلىپ ئىككى قىرغاق تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈستىگە تاختاي تىزىلغان، پىيادىلەر ئەركىن ماڭالايدۇ. بۇ نەپىس بامبۇك زەنجىرلىك كۆۋرۈكنىڭ قۇرغۇچىسى ئەقىللىق ۋە باتۇر چياڭزۇ مىللىتىدۇر.

چياڭزۇ مىللىتى ئۆزىنى «ئېرما» ياكى «ئېرياڭ» دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «يەرلىك كىشى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «يەرلىك» دېگىنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابازاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شۇۋېن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، ۋېنچۇەن ناھىيىسى، لىشيەن ناھىيىسى، خېيشۈي ناھىيىسى، سۇڭپەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ. «چياڭ» ئەسلىدە قەدىمكى خەنزۇلارنىڭ غەربىي قىسىمدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئاتىشى بولۇپ، ھازىرقى چياڭزۇ مىللىتى قەدىمكى چياڭلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

چياڭزۇ مىللىتىچياڭزۇ مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى چەت رايونلار بولۇپ، ئۇ يەر قاتمۇقات چوققىلار ۋە دەريا-ئېقىنلار بىلەن ئورالغان، سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول، ئورمان كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ، پەلەمپەيسىمان ۋادا ئىنتايىن مۇنبەت. چياڭزۇلار دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ،« قارلىق تاغدىكى پۇرچاق  »ئۇلارنىڭ داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. چياڭزۇلار ياشاۋاتقان جايلار چوڭ مۈشۈكئېيىق ۋە سېرىق يايلىق مايمۇن ياشايدىغانلىقى بىلەن جاھانغا مەشھۇر بولۇپ، چارۋىچىلىق بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، بۇ يەر يەنە داڭلىق دورا ماتېرىياللىرى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. كەشتىچىلىك، گۈل بېسىش ۋە توقۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەلئارا ھۈنەر-سەنئىتى ئىنتايىن داڭلىق. چياڭزۇ خەلقى تاشچىلىق، توسما ياساش ۋە قۇدۇق قېزىشقا ماھىر. 

چياڭزۇ ئەر-ئاياللىرى ئادەتتە كەندىردىن ئىشلەنگەن ئۇزۇن كەمزۇل كىيىپ، سىرتىغا قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن پىنجەك كىيىدۇ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ، پۇتىنى بوغىدۇ. قىز-ئاياللار ھەر خىل بېزەكلەرنى تاقاشقا ئامراق. چياڭزۇلار تاش بىلەن رەتسىز قوپۇرۇلغان پوتەيسىمان ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، بۇ خىل ئۆيلەر ئادەتتە ئۈچ قەۋەت بولىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئاشلىق ساقلايدۇ، ئىككىنچى قەۋىتىدە ئادەملەر تۇرىدۇ، ئەڭ ئاستىدىكى قەۋىتىدە چارۋا مال باقىدۇ. پوتەيسىمان ئۆيلەرنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىشىگە ئاسان بولۇش ئۈچۈن ياغاچ تاختاي ياتقۇزۇلىدۇ.

چياڭزۇلارنىڭ تىلى جەنۇب-شىمال دىئالېكتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دىئالېكتقا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېزىقى يوق بولۇپ، خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدۇ. زاڭزۇلار بىلەن قوشنا رايونلاردىكى چياڭزۇلار لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشقا، قالغانلار ساكرامېتالىزم دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆگزىسىگە تاشنى قويۇپ ئىلاھ ئورنىدا باش ئۇرىدۇ.

 بۇ مىللەتنىڭ ئۇسسۇلى ئىچىدە گۇجۇاڭ توشالاڭ دېگەن ئۇسسۇلى ھەممىدىن مودا، ئەنئەنىۋى نەزىر-چىراغ ئۆرپ-ئادەت ئۇسسۇلى» قۇياق ئۇسسۇلى «قويۇق مىللىيچە ئۇسلۇبقا ئىگە. چياڭزۇلارنىڭ نېيىمۇ كىشىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#