ئەڭ قاتتىق پارتلىغان يانار تاغ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1851-يىلى 5-ئاپرېلدا ھىندونېزىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا 1000 كىلومېتىرنىڭ كۆپرەك دائىرە ئىچىدىكى ئاھالە يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن كۈچلۈك ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا سۇمباۋا ئارىلىدىكى تامبۇرا يانار تېغىنىڭ قاتتىق پارتلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىدۇ. 

يانار تاغلارنىڭ پارتلىشى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر ۋېزۇۋېي، كراكاتا ئۇ ياكى پېللنى ئەسكە ئېلىشىدۇ. دەرۋەقە، بۇ يانار تاغلار كۈچلۈك پارتلاش بىلەن داڭ چىقارغان، لېكىن تامبورا يانار تېغىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار كۆپ ئارقىدا تۇرىدۇ. بۇ قېتىم تامبورا يانار تېغى پارتلىغاندا چىققان ئېنىرگىيە 8400 چىتىرىيىلىيارت ئېرگگە يەتكەن. 1883-يىلقى ھىندىنوزىيىدىكى كاراكاتا ئۇ يانار تېغىنىڭ قاتتىق پارتلىشى ناھايىتى ئاتاقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئون مىڭ چاقىرىم يەرنى زىلزىلگە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ كۈلى ئۈچ ئوكيانغا تارقالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن چىققان ئېنىرگىيە تامبورا يانار تېغىدىن چىققان ئېنېرگيىنىڭ سەكسەندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

تامبورا يانار تېغى سۇمباۋا ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى سانگار يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا گىئولوگىيە تارىخىدا كۆپ قېتىم يانار تاغ ھەركىتى بولغان. لېكىن 1815-يىلى پارتلاشتىن بۇرۇن، ئۇ خېلى ئۇزاق تىپ-تېنچ تۇرغان، يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ئەزەلدىن پارتلاپ باقمىغان. بۇ ھال ۋىزوۋىي يانار تېغىنىڭ مىلادى 79-يىلقى قاتتىق پارتلىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋالىغا تامامەم ئوخشاپ كېتىدۇ. 

قاتتىق پارتلاشتىن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تامبورا تېغىنىڭ چوققىسىدا ھورلۇ بۇلۇتلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇلار بارا-بارا قويۇق قارىداپ كەتكەن، ئاخىرى ئۇلارنى شامالمۇ تارقىتىۋېتەلمىگەن. ئاقىۋەت 1815-يىلى 5 ئاپرېل تاڭ سەھەردە تامبورادا ئىنسانلار خاتىرلەپ ئالغان ئەڭ كۈچلۈك يانار تاغ پارتلاشقا باشلىغان. يانار تاغ ئېغىزىدىن ئىنتايىن كۆپ گاز ۋە ۋولقان كۈلى ئېتىلىپ چىققان. 10-، 11-ئاپرېلدا پارتلاش ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پارتلاش بارا-بارا ئاجىزلاپ 15-ئىيۇلغا قەدەر داۋام قىلىپ، ئاندىن تىنجىغان.

بۇ قېتىمقى پارتلاش ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى پارتلاشلارغا زادى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى 1600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىشىلەر ئاڭلىغان، ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۈلى 480 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى ئاسماننى ئۇدا ئۈچ كۈن قاراڭغۇلاشتۇرۇۋەتكەن. 12-ئاپرېل چۈشتە بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياۋا ئارىلى شۇنچىلىك قاراڭغۇلاشقانكى، ئادەم قولىنى ئۇزاتقاندا ھەتتا ئۆزىنىڭ بەش بارمىقىنىمۇ كۆرەلمىگەن. يانار تاغ پارتلىغاندا دەھشەتلىك قارا قويۇن كۆتىرىلىپ، يانار تاغ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ دەرەخلەرنى يىلتىزلىرى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىغان. يانار تاغ ئېغىزىدىن چىققان لاۋا ئېقىپ كەڭ جايلارنى بېسىپ ئاخىرى دېڭىزغا قويۇلغان. يانار تاغ پارتلىغاندا دېڭىز شاۋقۇنى كۆتۈرۈلگەن ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن جايلار ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. تامبورا بازىرىمۇ ئالتە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. پۈتۈن پارتلاش جەريانىدا، يانار تاغ ئۈستىدىن تەخمىنەن 30 كۇب كىلومېتىر تاغ جىنىسى(70 مىليارد توننا) يوقىلىپ، دىئامېتىرى 6000 مېتىردىن ئوشۇق بولغان، چوڭقۇرلۇقى 7000 مېتىر كېلىدىغان ئىنتايىن زور چۆكمە يانار تاغ ئىزى شەكىللەنگەن. يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ۋولقان كۈلى جەمئىي 50-60 مىليارد توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلارنىمۇ باسقان. بۇلارنىڭ قېلىنلىقى يانار تاغنىڭ شەرقىدە 20 كىلومېتىر نېرىدىكى جايلاردا 90 سانتىمېتىر، 250 كىلومېتىر نېرىدىكى جايلاردا 25 سانتىمېتىر كەلگەن؛ يانار تاغنىڭ غەربىدە 70 كىلومېتىر نېرىدىكى جايلاردا 60 سانتىمېتىر، 400 كىلومېتىر نېرىدىكى جايلاردا ئەڭ كۆپ بولغاندا 22 سانتىمېتىر كەلگەن. تامبورا يانار تېغىنىڭ مۇنداق كۈچلۈك پارتلىشى ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىققان ماددىلارنىڭ تەركىبىدە ھەرخىل گازلارنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى مىقداردا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتىلىپ چىققان ماددىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا گاز ۋە ئۇچۇپ يۈرگەن ماددىلار 99% تىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلغان. لاۋا بولسا بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن. 

تامبورا يانار تېغىنىڭ ھازىر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2851 مېتىر كېلىدۇ. 1819-يىلى ئۈزۈل-كېسىل تىنچىغاندىن بۇيان، توپ-توغرا 161 يىل ئىچىدە ھېچقانداق ھەركەت قىلمىغان. (جاڭ شيەنيۈي)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#