ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش

ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش

ھامىلىنىڭ ئالدىن كېلىش قىسمى ساغرا قىسمى ياكى پۇتى بولسا ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 臀先露

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھامىلىنىڭ ئالدىن كېلىش قىسمى ساغرا قىسمى ياكى پۇتى بولسا ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تۇغۇت ئومۇمىي سانىنىڭ 3~4% نى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىلدىكى ئالدىن كېلىشتە ھامىلىنىڭ بېشى ئەڭ ئاخىرىدا چىققاچقا دائىم قىيىن تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ تۇغۇت يولىنىڭ كېڭىيىشى ياخشى بولمىسا، ھامىلە بېشىنىڭ ئۆزگىرىشى ياخشى بولمايدۇ ۋە ھامىلىنىڭ ساغرىسى ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئانا ۋە بالىغا ئوخشاشلا مەلۇم زىيىنى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تۇغۇت قوبۇل قىلىش تېخنىكىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇغۇت ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىش، شۇنداقلا ساغرا بىلەن كېلىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى پىششىق ئىگىلەش، ئانا ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۇغۇت ئالدىدا ئالدىن كېلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1.يالغۇز ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش ياكى پۇت تۈز، ساغرا بىلەن كېلىش، بۇنىڭدا ھامىلىنىڭ ئىككى پۇتى يۇقىرىغا تۈز سوزۇلغان بولۇپ، ساغرا بوغۇمى ئىگىلگەن، تىزى تۈز سۇنۇلغان بولۇپ، ساغرىسى ئالدىن كېلىدۇ.

2. پۈتۈنلەي ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش ياكى ئارىلاش ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىش: ھامىلىنىڭ ئىككى يانپاش بوغۇمى ۋە تىزى پۈكۈلگەن بولۇپ، پۇت ۋە ساغرىسى ئوخشاش ۋاقىتتا داسقا كىرىدۇ.

3. پۇت بىلەن ئالدىن كېلىش: بۇ بويۇن ئالدىن كېلىش ۋە تىزى ئالدىن كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساغرا بىلەن ئالدىن كېلىشنىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە توققۇز كۆز بەلگىلەش نۇقتىسى قىلىنىپ ئالتە خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇلار توققۇز كۆز سول ئالدىن كېلىش، توققۇز كۆز سول كەينى ئالدىن كېلىش، توققۇز كۆز ئوڭ ئالدىن كېلىش، توققۇز كۆز ئوڭ كەينى ئالدىن كېلىش، توققۇز كۆز سول توغرىسىغا ئالدىن كېلىش، توققۇز كۆز ئوڭ توغرىسىغا ئالدىن كېلىشتىن ئىبارەت.

بەدەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويىلىدۇ.

1. قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش: بالىياتقۇنىڭ تۈۋىدىن قاتتىق ۋە يۇمىلاق كەلگەن ھەمدە لەيلەتمە سېزىم بولغان ھامىلە بېشى ئورنىدىن، بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا بىر قەدەر يۇمشاق ئەمما تەكشى بولمىغان ساغرا قىسمى قولغا ئۇرىنىدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى بىرقەدەر ئېگىز ئورۇندا، يەنى كىندىك ئەتراپىدا ياكى تېخىمۇ ئېگىزرەك جايدا ئاڭلىنىدۇ.

2. مەقئەت ئارقىلىق تەكشۈرۈش: داس بوشلۇقىنىڭ ئىچى بىر قەدەر بوش بولۇپ، تەكشى بولمىغان ساغرا قىسمى ياكى ئۇششاق پۇت-قوللار قولغا ئۇرىنىدۇ. ئەگەر مەقئەتتىن تەكشۈرگەندە ئېنىق بولمىسا جىنسىي يول ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

3. جىنسىي يول ئارقىلىق تەكشۈرۈش: بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ھامىلىنىڭ ساغرا قىسمى، تاشقى جىنسىي ئەزاسى، توققۇز كۆز سۆڭىكى، پۇت-پاقالچاقلىرى قولغا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭدا يۈز ۋە قوللىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 

① ئىككى ياڭاق سۆڭىكى بىلەن ئېغىزى ئۈچ بۇرجەك شەكىلنى پەيدا قىلىدۇ. ئىككى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك دۆڭچىسى بىلەن مەقئەت بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدىن چىش ئوقۇرى ۋە ھامىلىنىڭ نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى سېزىلىدۇ. مەقئەتتىن چەمبەرسىمان تۇتام سىزىقى سېزىلىدۇ ھەمدە تەكشۈرگەن قول بارمىقىدا ھامىلىنىڭ چوڭ تەرىتى بولىدۇ. 

② قول بارماقلىرى قىسقا ھەم يېقىن تىزىلغان بولىدۇ. بەزىدە قول بارماقلىرى بىرقەدەر ئۇزۇن ھەم چوڭ بارمىقى بىلەن كىچىك بارمىقى جۈپلىشىپ قالىدۇ. تاپىنى تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما قول بېغىشى ئۇنداق بولمايدۇ. ھامىلىنىڭ كۆز قارىچۇغىنىڭ زەخىملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەكشۈرگەندە ئاستا، سىللىق، تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئاز ساندىكى ئېنىقلاش قىيىن بولغان كېسەللەرنى B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ۋە رېنتگېندە رەسىمگە ئېلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش:

1. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە: 1) تىز ۋە كۆكرەك بىلەن يېتىش ئۇسۇلى: ھامىلىدارلىقنىڭ 03-ھەپتىلىرىدە يەنىلا كاسىسى بىلەن ئورۇنلاشقان ھامىلىگە بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئاۋۋال سىيىپ بولۇپ، بەلۋاغنى بوشىتىپ، بېشىنى پەس قىلىپ، كۆكرەكنى چاپلاپ تىزلىنىپ، كاسسىسىنى ئىگىز قىلىپ كۈنىگە 3 ~ 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 51 مىنۇت ئەتراپىدا يېتىش لازىم.

2. سىرتقى ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا ھامىلىدارلىقنىڭ 32 −، 36-ھەپتىلىرىدە قورساقنىڭ سىرتىدىن ئايلاندۇرۇپ ھامىلە كاسىنىڭ ئالدىنى كېلىشىنى ھامىلە بېشى بىلەن ئالدىن كېلىشكە ئۆزگەرتىشكە يەنى سىرتتىن ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالدىن كېلىدىغان قىسمى بوش بولۇش، بالىياتقۇ سەزگۈر بولماسلىقى ھەمدە باش سۈيى يېتەرلىك بولغاندىلا ئاندىن سىرتتىن ئايلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئومۇمەن تۇغۇتنىڭ ئالدىدىكى قاناش، ئۆلۈك ھامىلە، بالدۇر تۇغۇت تارىخى بارلارغا ھەمدە بالىياتقۇ دىۋارىدا تاتۇق بولغان ھامىلىدار ئاياللارغا، ئېغىر دەرىجىدىكى كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كەلگەنلەرگە، داس سۆڭىكى تار ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانلارغا ۋە ھامىلە پەردىسى يېرىلغانلارغا بۇ ئۇسۇل قوللىنىلمايدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەشنىڭ ئالدىدا سىيىپ بولۇپ، تىزنى پۈكۈپ ئوڭدىسىغا يېتىپ قورساقنى بوش قويۇپ بېرىپ، ئالدى بىلەن كەلگەن قىسمىنى بوشىتىپ ئاندىن كېيىن ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىلىش يۆنىلىشى بىلەن ئايلاندۇرۇش. بۇنىڭدا مەشغۇلات يېنىك ۋە ئەپچىل بولۇشى لازىم.

تۇغۇت دەۋرىدە: ساغرا ئالدىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي ھالدا تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: بىر قەدەر كىچىك ھەم يۇمشاق بولغان ساغرا قىسمى ئالدىدا چىقىدۇ. بىر قەدەر چوڭ ۋە قاتتىق بولغان ھامىلە بېشى ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدۇ. تۇغۇتنى بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا، قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىنىڭ ئاقىۋىتى بېشى ئالدىن كېلىشكە قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ. ساغرا بىلەن كەلگەن تۇغۇتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتكۈل تۇغۇت جەريانى ساغرا، مۈرە، باشتىن ئىبارەت تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

تۇغۇتنىڭ بىرىنچى دەۋرىدە: يېنىچە يېتىش، كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەتلەنمەسلىك، مەقئەتتىن تەكشۈرۈشنى ئازراق ئىشلەش، ھامىلە پەردىسىنىڭ بۇرۇن يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كلىزما قىلماسلىق لازىم. ھامىلە پەردىسىنىڭ يېرىلغانلىقى سېزىلسە، دەرھال ھامىلە يۈرەك ئاۋازىنى تىڭشاپ، كارىۋاتنىڭ پۇت تەرىپىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، شۇنداقلا جىنسىي يول ياكى مەقئەت ئارىلىقىنى تەكشۈرۈپ، كىندىك بېغىنىڭ چىقىپ قالغان-قالمىغانلىقى ۋە بالىياتقۇ يەنى ئېغىزىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، شۇنداقلا ھامىلە پەردىسىنىڭ يېرىلغان ۋاقتىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا تۇغۇت جەريانىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى ۋە ھامىلە يۈرەك ئاۋازىنى قاتتىق كۆزىتىش لازىم. جىنسىي يول ئېغىزىدىن ھامىلىنىڭ پۇتى) ياكى كاسىسى (كۆرۈنگەندە) كۆپىنچە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى تولۇق ئېچىلىپ بولمىغاندا( سىرتقى جىنسىي ئەزانى دەرھال دېزىنفېكسىيە قىلىش، دېزىنفېكسىيىلەنگەن لاتىنى قولنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ جىنسىي يول ئېغىزىنى توسۇپ تۇرۇش لازىم. پۇتى ئالدىدىن كەلگەن تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئۇسۇلى )قول ئالقىنى بىلەن تاشقى جىنسى ئەزانى توساپ، ھامىلە ساغرىسىنىڭ تۆۋەن چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش)سىرتقا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى

(1) تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇدۇلدىن كۆرىنىشى؛

(2) ھامىلە پۇتىنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزادىن چىقىپ قېلىش، ھامىلە ساغرىسىنىڭ تۆۋەنگە چۈشمەسلىكى؛

(3) ھامىلە ساغرىسىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى.

تۇغۇتنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە: دوۋساقتىن سۈيدۈكنى چىقىرىپ، دوۋساقنى بوشاتقاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تۇغدۇرىدىغان ئاياللاردا چات ئارىلىقىنى يانتۇ كەسكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

(1) ئۆزلۈكىدىن تۇغۇش: بۇرۇن تۇغقان ئاياللاردا تۇغۇت كۈچى ۋە تۇغۇت يولى نورمال بولۇپ ھامىلە چوڭ بولمىسا ئۆزلۈكىدىن تۇغالايدۇ. (2)كاسىسىسى بىلەن جايلاشقاندا ياردەم قىلىپ تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى: ھامىلە تەبىئىي ھالدا تۇغۇلىدۇ. لېكىن تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى ھامىلىنىڭ كىندىك قىسمى، مۈرىسى ۋە ھامىلە بېشىنىڭ تۇغۇلۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم. ساغرا بىلەن كەلگەن تۇغۇتقا ياردەم بېرىشتە ئالدى بىلەن بەك بالدۇر ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىمكانقەدەر ئالدىن كېلىش قىسمىنىڭ بەك تېز تۇغۇلۇشىدىن ساقلىنىش، ھامىلە بېشىنىڭ چىقىشىدىكى قىيىنچىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن، يۇمشاق تۇغۇت يولىنى تولۇق كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھامىلە بېشى سەككىز مىنۇت ئىچىدە چىقمىسا، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن باش ئىچىگە قان چۈشۈشى، ھەتتا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن قالسا پۇتى تۈز ھالەتتە ساغرا بىلەن كەلگەندە پۇتنىڭ جىنسىي يولدىن بەك بالدۇر چىقىۋېلىشىنى توساش ھەمدە بۇنىڭ بىلەن ھامىلە بىلىكىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. 

① يالغۇز ساغرا بىلەن كېلىش: بۇنىڭدا بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ پۈتۈنلەي ئېچىلىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈش، ساغرا قىسمى جىنسىي يول ئېغىزىدىن كۆرۈنگەن چاغدا جىنسىي يولنى تولۇق كېڭەيتىش ئۈچۈن، تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى ھامىلىنىڭ ساغرىسىنى تولۇق توسۇپ، ھامىلىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى جىنسىي يول ئىچىگە چۈشۈرۈش كېرەك. ساغرىسى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ پۇتى بەك بالدۇر تۇغۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقى ھامىلىنىڭ پۇتىنىڭ ئارقا تەرىپىگە قويىلىدۇ. قالغان تۆت بارماق ھامىلىنىڭ توققۇز كۆز قىسمىغا قويۇلۇپ چىڭ تىرەپ تۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساغرا قىسمىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ ھامىلە تېنىنىڭ تۇغۇلۇشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھامىلىنىڭ تېنى بارا-بارا تۆۋەنگە چۈشىدۇ. تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى ھامىلىنىڭ پۇتىنى سۈزىدۇ ۋە چىقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىككى قولىنى ھامىلە بەدىنىنىڭ يۇقىرىسىغا يۆتكەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۆكرىكىدە قايچىلاشتۇرۇلغان ھامىلە بىلىكىنى چىڭ بېسىپ، يۇقىرىغا كۆتۈرگۈزمەسلىك ۋە ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىلىپ تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش، شۇنداقلا ھامىلىنىڭ بوينىغا ئېڭەك قىسمى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى پاراللىل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۇغۇت يولىنى تولۇق كېڭەيتىپ، سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1219

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1219

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#