دىلتار

دىلتار- يېقىنقى زامانلاردىن بېرى مەيدانغا كەلگەن قوش ئىقتىدارلىق چالغۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دىلتار
ياسىغۇچى ئابدۇللا مەجنۇن
ماتېرىيالى ئۈجمە ياغىچى، ئامۇت ياغىچى
ياسالغان ۋاقتى 1986–يىلى
تۈرى چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىلتار يېقىنقى زامانلاردىن بېرى مەيدانغا كەلگەن قوش ئىقتىدارلىق چالغۇ بولۇپ، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ چالغۇ ياساش ئۇستىسى ئابدۇللا مەجنۇن 1986–يىلى ياساپ چىققان.

دىلتار ئۈجمە ۋە ئامۇت ياغاچلىرىدىن ياسالغان. ئۇ كامانچىلىق ۋە چەكمە چالغۇلارنىڭ ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلگەن قوش ئىقتىدارغا ئىگە ئۇنىۋېرىسال چالغۇ.

دىلتارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 155 سانتېمىتىر، 30 تال سىم تار سېلىنغان. ئۇزۇن دەستىلىك كامانچلىق قىسمىنىڭ ئاۋازى مۇڭلۇق، سىلىق، ئۇزۇنلۇقى 120 سانتېمىتىر، 14 تارلىق بولۇپ، بىرلا تارى ئاساسلىق ئورۇنلىنىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكىس سادا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، ھەمدە قۇچاقتا تىك قويۇلۇپ كامانچە سيرىپ چېلىنىدىغان، قىسقا دەستىلىك، چەكمە قىسمىنىڭ ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن، ئۇزۇنلۇقى 85 سانتېمىتىر، 16 تارلىق.

دىلتارنىڭ بېشى چوڭ ۋە ياپىلاقراق بولۇپ، ئىككىلا چالغۇ دەستىسى ئۇنىۋېرىسال ئەكىس سادا قايتۇرۇش رولى بويىچە لايھىلەنگەن. ئۇ پۈتۈن ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ ياسالغان، يۈزلۈكىگە نېپىز تاختاي قويۇلغان. باش قىسمى يۈزلۈكىنىڭ ئاستىغا قانات كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتنىڭ قۇيرۇقى قويۇلغان، بۇ چالغۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

يۈزلۈكىگە مۇزىكا گىربېنىڭ شەكلى ئويۇپ چىقىرىلغان، ھەر ئىككى دەستىسىنىڭ ئۈستىگە ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان قوببە شەكىللىك مۇنار بېشى بېكىتىلگەن، مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەمدە ئۈستىگە مىللىي پاسوندا نەقىشلەر ئويۇلغان.

دىلتار 1988–يىلى، دۆلەت دەرىجىلىك پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى»گە قويۇلغان ھەمدە توكيو، لوندون قاتارلىق چەت ئەلدىكى چوڭ شەھەرلىرىدە ئورۇندىلىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

دىلتار بىلەن ئورۇندالغان مۇقاملاردىن ئارىيىلەر مەملىكەت بويىچە 2–ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#