پىچان بازىرى

پىچان بازىرى

پىچان بازىرى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 42 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى پىچان بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 290 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق
كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鄯善镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى
نوپۇسى 12262 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىچان بازىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 42 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، پۈتۈن بازا كۆلىمى 290 كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 12262 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2469 ئادەم. پۈتۈن بازارغا قاراشلىق ئورۇن 37 گە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ 3 كە، مەسچىت يەتتىگە، كاتولىك دىنى چېركاۋى بىرگە يەتكەن. بازارغا قاراشلىق ئىككى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي كەنت، ئۈچ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار. پۈتۈن بازاردا 3300 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2950 مو، باغ كۆلىمى 330 مىڭ مو. سانائەتتە كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، تۆمۈر تاۋلاش بازغانلاش ئاساس قىلىنغان، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈزۈم، ياڭاق ئاساس قىلىنغان. 3-كەسىپتە ساياھەتچىلىك ئاساس قىلىنغان، قارا يۈزى ياڭاق ئىستىراھەت ساياھەت بەلبېغى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساياھەت لىنىيىسى بار. 2004-يىلى بازار بويىچە مەھسۇلات قىممىتى 250 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

گۇاڭشۈ 28- يىلى پىچان تەسىس قىلىنغان، خەنزۇچە دۆلەت نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «مالەن ئوتى».

پىچان بازىرىغەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە  قۇتغۇز دۆلەت يەر ئۈچۈن، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدى قاڭقىل دۆلىتى قوشۇۋېتىلىپ، تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا لۈكچۈن، پىچان ناھىيىلىرى، قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇملۇق چالاك دەپ ئاتالغان، يۈەن سۇلالىسىدا نامى ليۇچېڭ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ليۇ چېن دەپمۇ ئاتالغان، لۈكچۈن مىڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭتۇڭ يىللىرى تۇرپانغا قوشۇۋېتىلگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24- يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى ھەمدە تۇرپاندا ئالتە شەھەر تەسىس قىلىنغان، پىچان ئالتە شەھەرنىڭ بىرى بولغان. گۇاڭشۈ 28- يىلى (1902 - يىلى) پىچان ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان، تۇرپانغا بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى قۇرۇلغان. ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىغا تەۋە بولغان.

2000- يىلى پىچان بازىرى، پىچان ناھىيەسىگە قاراشلىق بازارنىڭ بىرى بولغان، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ساياھەت ئورنى. پىچان بازىرى، پىچان ناھىيىلىك سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى. بازارغا قاراشلىق مەمۇرىي كەنت 2، بىر چارۋىچىلىق ئەترەت، 8 مەھەللە، 1 باشلانغۇچ مەكتەپ، 90 دىن ئارتۇق ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئىدارىلەر بار.

قۇرۇق ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۆيى، كارىز قاتارلىقلار بار.

يالقۇنتاغ ساياھەت رايونى،  قۇمتاغ قۇملۇقى ( قۇم تاغ ) مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار.

ئالاھىدە مەھسۇلاتىپىچان بازىرى تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، قىش پەسلىدە سوغوق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، ئالاھىدە بولغان ئىقلىم شارائىتى دۇنياغا داڭلىق قوغۇن، كىشمىش ئۈزۈم قاتارلىقلارغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، مەملىكەت بويىچە مېۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە پىچان 33-ئورۇندا.

پىچان قوغۇنىنىڭ سورتى كۆپ، سۈپىتى ئەلا، تەمى ئۆزگىچە. پىچان بازىرىدىكى ئۈزۈم سورتى 550 كە يەتكەن، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ئۈزۈم سورتلىرى ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئەڭ تولۇق رايون ھېسابلىنىدۇ. مېۋە - چېۋىگە تايىنىپ، ئۆزگىچە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، قويۇق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ چىققان، كىروران يۈرۈشلۈك ئۈزۈم ھارىقى ۋە «يىپەك يولى» قۇرۇق ئۈزۈمى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#