پالەك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. پالەك (خام دورا)
  2. پالەك (ئۆسۈملۈك — كۆكتات)
خام دورا
پالەك

پالەك لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، پالەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى سەل ئۈچ بۇرجەك، يىلتىزى ئازراق قىزىل كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پالەك
پارسچە نامى Spinacia oleracea L.
شەكلى يوپۇرمىقى سەل ئۈچ بۇرجەك
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 菠菜
ئىنگلىزچە spinach
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پالەك لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، پالەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى سەل ئۈچ بۇرجەك، يىلتىزى ئازراق قىزىل كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چۆپى يېتىلگەندە، پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

ئاغرىق توختىتىش، ئىسسىقلىقتىن بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ چۆپى ۋە ئۇرۇقىدىن 36 گرام، سىقىلغان سۈيىدىن سەككىز گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

پالەكنى ماش بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان نەزلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىلەن غار-غار قىلسا، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى ۋە يەرقان كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. پالەكنى پىشۇرۇپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان بۇغۇم ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق ۋە قان سەپرادىن بولغان سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. خام پالەكنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرە چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ. پالەكنى ئېزىپ سەدەپ بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#