قارا قۇر

قارا قۇر

قارا قۇر (ئىلمىي نامى: Tetrao tetrix) يەنە بىر نامى: قۇر (ئورمان توخۇسىنىڭ بىر خىلى)  ئوتتۇرا دەرىجىلىك توخۇ تۈرىدىكىلەرگە تەۋە يەر قۇشلىرى. تاغلىق، ئورمان، ئوچۇقچىلىققا يېقىن ئەتراپتىكى قارىغايلىق، قېيىنزارلىق ۋە يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ئارىلاش ئورمانلاردا ياشايدۇ. ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران شاخلىرى، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى، ھاشاراتلارنىمۇ يەيدۇ. ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي قىسىملىرى ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن.

ئۇيغۇرچە نامى قارا قۇر
ئىنگلىزچە نامى Black Grouse
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى توخۇسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئورمان توخۇلىرى ئۇرۇقدىشى، كەرىقۇر ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑琴鸡
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى ئورمان توخۇلىرى ئائىلىسى، كەرىقۇر ئائىلىسى
تۈرى قارا قۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا قۇرقارا قۇرنىڭ تەن شەكلى  ئوتتۇرا ھال، چوڭ-كىچىكلىكى ئۆي توخۇسى بىلەن ئوخشاش. تېنى پۇختا، تۇمشۇقى قىسقا، كونۇس شەكىللىك، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنى چوقۇلاپ يىيىشكە ماس كېلىدۇ؛ قانىتى قىسقا يۇمىلاق، ئۇچۇشقا گال؛ پۇتى كۈچلۈك، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ، ھەرىكەتلىنىشكە، مېڭىش ۋە يەر قېزىشقا ماھىر؛ بۇرۇن تۆشۈكى ۋە پۇتىدا پەيلىرى بار. ئەركەك قۇش پۈتۈن تېنىنىڭ پەيلىرى قارا، باش، بويۇن، گال، تۆۋەنكى دۈمبە قىسمىدا كۆكۈچ يېشىل مېتال يالتىرىقى بولىدۇ. چىشى قۇشلارنىڭ پۈتۈن تېنىنىڭ پەيلىرى سارغۇچ قوڭۇر، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك داغلار بولىدۇ؛ بويۇن، كېكىردەك قوڭۇر رەڭلىك؛ قانات ئۈستىدە قۇيۇن ئەينىكى روشەن بولمايدۇ. قۇيرۇقى ئاچا شەكىللىك، سىرتقا ئېگىلىدۇ.  قانىتى ئۈستىدە بىر ئاق داغ پارچىلىرى بولۇپ، قانات ئەينىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزگىچە 18 دانە قارا قوڭۇر قۇيرۇق پېيى، ئەڭ سىرتقى تەرەپتىكى ئۈچ جۈپ ئورغاقسىمان ئالاھىدە ئۇزارغان سىرتىغا قاراپ ئبگىدۇ، غەربىي ئوكياندىكى قالۇن شەكلىگگ ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا «قۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەڭدار پەردىسى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ تۇمشۇقى ۋە بارماقلىرى قېنىق قوڭۇر؛ پۇتىدىكى يالىڭاچ پوستى قىزغۇچ سېرىق رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ. 

چوڭ-كىچىكلىكى

قارا قۇرىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى : 

  ئەركەك قارا قۇر  چىشى قارا قۇر 
 بەدەن ئېغىرلىقى 1600 گرام  1000 گرام 
 تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 540-610 مىللىمېتىر  446-490 مىللىمېتىر 
 تۇمشۇق ئۇچى  25-35 مىللىمېتىر  20-28 مىللىمېتىر 
 قانىتى ئۇزۇنلۇقى 263-293 مىللىمېتىر  232-250 مىللىمېتىر 
 قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 190-258 مىللىمېتىر  139-150 مىللىمېتىر 
 ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 48-62 مىللىمېتىر  48-60 مىللىمېتىر 

( ئىزاھات : ئەركەك ♂، چىشى ♀)

يىتىلگەن ئەركەك قۇش

قارا قۇريىتىلگەن ئەركەك قارا قۇرنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى ئاساسەن قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ باش، بويۇن، تۆۋەنكى دۈمبە ۋە بەل قاتارلىق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، كەڭ تەرىپى پارقىراق كېلىدۇ، بويۇن قىسمى تېخىمۇ يورۇق پارقىراق؛ قانات پەيلىرى كۆپىنچە قارا قوڭۇر، چوڭ پەي بىلەن قاپلانغان ۋە دەسلەپكى پەيلىرىنىڭ تۈۋى قىسمى ئاق، ئاق رەڭلىك قانات داغلىرى بولىدۇ، چوڭ ئۈستى پەيلىرىنىڭ پەي ئۇچىمۇ ئاق، ئىچى تەرىپى چوڭ پەي بىلەن قاپلانغان ئىككى پەينىڭ تۈكچىللىرى قوڭۇر رەڭلىك ئالابالداق چېكىتلەر بار؛ ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر؛ قۇيرۇقى قارامتۇل قوڭۇر، مەركىزى قۇيرۇق پېيى ئۇچى سۇس كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك، سىرتقى تەرەپ ئۈچ جۈپ قۇيرۇق پېيى ئۇزۇن ئورغاقسىمان ھەمدە سىرتقا ئېگىلىدۇ. قۇيرۇق پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، ئارىلاش ئاچ قوڭۇر داغلىق . قورساق قىسمى قارا قوڭۇر؛ قانات ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ۋە قولتۇق پەيلىرى بىردەك ئاق. پۇتى پەي بىلەن قاپلانغان كەينى ئوخشىمايدۇ، ئالدى قوڭۇر ھەم ئۇچىدا ئاق رەڭلىك داغلىرى بولدۇ.

يىتىلگەن چىشى قۇش

قارا قۇريىتىلگەن چىشى قارا قۇرنىڭ يۇقىرىقى گەۋدە، قۇيرۇق ۋە ئىككى قانىتى بىلەن قاپلانغان پەيلىرى كۆپىنچە قارامتۇل قوڭۇر ۋە كەڭ قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك تاغىل سىزىقچىلار ئارىلاشقان، باش ۋە بويۇن بىر قەدەر ئىنچىكە قىسمى قارا قوڭۇر رەڭلىك يوللىرى بولىدۇ، چىشىسىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر سۇس؛ بەل بىلەن قۇيرۇق پەيلىرىنىڭ ئۇچى قارا. قاناتلىرى ئىچىدە ئۈستى پەيلىرىنىڭ پەي ئۇچى ئاق ھەم قارا چېكىت بولىدۇ. چوڭ پەي بىلەن قاپلانغان تۈۋى ۋە ئۇچى ئاق، كىچىك قاناتلىرىدا داغلىرى بولىدۇ. ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، باشقا پەينىڭ تۈكچىللىرى كۈل رەڭ، پەي ئۇچى سۇس ئاق. ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرىنىڭ تۈۋى قىسمى ئاق، لېكىن كۆرۈنمەيمەن. ئېڭەك ۋە بوغۇز قىسمىدىكى بىرنەچچە جايلىرى ساپ قوڭۇر رەڭلىك؛ كۆكرەك قوڭۇر قىسمىدا قارا قوڭۇر داغلار بار، پەيلىرىنىڭ ئۇچى ئاق بولىدۇ؛ ئىككى بىقىنىمۇ شۇنداق، لېكىن قارا داغ بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، پەي گىرۋىكى كۈل رەڭ قىسمىدىمۇبار. قورساق قىسمى قارا قوڭۇر، زىچ ۋە سۇس قوڭۇر رەڭ داغلار بار، پەيلىرىنىڭ ئۇچى ئاق بولىدۇ؛ قۇيرۇقى ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق، شالاڭ ھەم كەڭ قارامتۇل قوڭۇر داغلار بار، ئالدى گىرۋىكى قارا داغ يۇقۇپ قالغاندەك قوڭۇر كېلىدۇ. قۇيرۇقى ئاچا شەكىللىك، لېكىن يان قۇيرۇق پەيلىرى سىرتقا ئېگىلگەن  ئەمەس، قولتۇق پەيلىرى ۋە قانات ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ. 

قارا قۇرقارا قۇر بال قارىغاي ۋە ئارىلاش ئورمان بەلۋېغىدا ياشايدىغان قۇش تۈرى، ساپ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، ئورمان ئوتلىقى، چىملىق، ئورمان، جىلغىلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. ئاساسلىقى يېڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان ۋە ئورمان يايلاق رايونى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە 600-900 مېتىر، بەزىدە 1500 مېتىر ئەتراپىدا ياشايدۇ. بال قارىغاي ئورمىنى، موڭغۇلىيە قارىغىيى ئورمىنى، ئاق قېيىن ، ياۋا تېرەكلىك ۋە باشقا كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان تەركىب تاپقان ئارىلاش ئورمان ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بەك ئامراق، يېقىندىن بېرى ئەتراپىدىكى بوش يەرلەرگە، ئورمانلىقتىكى چىملىق، ئورمان، ئوتلاق ۋە ئېرىق بويىدىكى چاتقاللىق يېنىدا، يەنە ياش ئورمان ۋە ئورمان ئارىسىدىكى بوش يەر (تاشقىن ئۆسىدىغان چاتقاللار، كىسىلگەن دەرەخزارلىق، چىرىك ياغاچ) قاتارلىق جايلاردىمۇ، يەنە شۇنىڭدەك دەريا بويلىرىدا بۈك-باراقسان چاتقاللىق بار بولغان جايلاردىمۇ ياشايدۇ.

قارا قۇر دائىم توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەربىر توپ بىر نەچچە ئون تال، ھەتتا نەچچە يۈزدىن تەركىب تاپىدۇ؛ پەسىل، يېمەكلىك ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەتىيازلىق ھەرىكەتلىنىش دائىرىسى كەڭ، كۆپىنچىسى يەر يۈزىدە ئۇزۇقلۇق ئىزدەپ يەيدۇ. ياز پەسلىدە ئۇۋا رايونى ئەتراپىدىكى يەر يۈزىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، بەزىدە دەرەختىمۇ ياشايدۇ، پەقەت پائالىيەت دائىرىسى كىچىكرەك. 

قارا قۇرقارا قۇرنىڭ يۈگۈرۈك ئۇچۇش قابىلىيىتى ھەم كۈچلۈك، دەرەخلەردە ھەرخىل قىياپەت بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. سەزگۈرلۈكىنى يۇقىرى ئەمەس.

قارا قۇر ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ياز پەسلىدە ھاشاراتلارنىمۇ يەيدۇ. ئادەتتە چاتقال دەرەخلەرنىڭ يۇمران شاخلىرى، ئۈندۈرمە، گۈل رېتى (قېيىن، قىزىل سۇۋادان، سۆگەت قاتارلىقلار)، شىرنىلىك مېۋە (ئېيىقئۈزۈمى) قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. ھاشاراتلار (ئاساسلىقى چۈمۈلە ۋە تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ لىچىنكىلىرى ۋە ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، دانلىق زىرائەت) قاتارلىقلارنى قوشۇمچە ئوزۇق قىلىدۇ.

دۇنيادىكى تارقىلىشى 

قارا قۇرقارا قۇر ئالبانىيە، ئاۋسترىيە، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، جۇڭگو، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ئىتالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، لاتۋىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، موڭغۇلىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، بولان، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە.

نەسلى قۇرۇش مۇمكىن بولغان جايلار: مونتېنېگرو، سېربىيە؛

رايونلۇق نەسلى قۇرۇپ كەتكەن جايلار: كرودىيە، ۋېنگرىيە، رۇم (تۈركىيە

كىرگۈزگەن جايلار: كانادا، ئامېرىكا.

لاغايلاپ يۈرۈيدىغان جايلار: بوسنىيە، دانىيە، فائېرو تاقىم ئاراللىرى، كورېيە، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، ماكېدونىيە. 

جۇڭگودىكى تارقىلىشى 

قارا قۇرجۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، ئۇرچىخان، خوڭخۇارجى، گېنخې؛ كىچىك ھىنگان چوققىسىنىڭ شۇنۋۇ، سۈنۋۇ، لوبېي، نۇۋەن يۈەن، ۋەنداشەن تېغى، جاڭگۇاڭسەي چوققىسى؛ چاڭبەيشەن تېغى رايونى بولغان سېرىق قارىغايلىق، مەنجياڭ، چىيەنچۈەن؛ شىنجاڭ تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چۆچەك، قەشقەر ۋە شىمالىدىكى ئالتاي قاتارلىق جايلاردا؛ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋېيچاڭ قاتارلىق جايلاردا ھەممىسى كۆچمەس قۇشلار. 

قارا قۇر تەخمىنەن بىر يىلدا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، كۆپىيىش ۋاقتىدا بىر خوزار كۆپلىگەن مېكىيان بىلەن جۈپلىشىدۇ. چوڭ ھىنگان تېغىدا كۆپىنچە ئاينىڭ 4-ئاينىڭ بېشىدا كەلگەندە كۇيلەپ جۈپلىشىدۇ.

قارا قۇرچېتىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەركەك قۇش ئايرىلىپ، 5-ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە چىشى قۇش چېتىشىقان جاينىڭ ئەتراپىغا ئۇۋا ياساپ تۇخۇم تۇغىدۇ. ئۇۋىسىنى ئاق قېيىن، تاغ تېرىكى، قارىغايلىق ياكى قاپاق تېرەك ئورمان ئەتراپىدىكى پىنھان جايلاردىكى دەرەخ ياكى چاتقاللىق ئاستىدا يەر يۈزىگە. يىقىلغان دەرەخ يېنىغا ياكى چىملىققا بىۋاستە ئۇۋا سالىدۇ. چاڭگىسى ناھايىتى ئاددىي بۇلۇپ، ئانچە چوڭ بولمىغان ئورەكتىن ئىبارەت،  ئۇۋا ئىچى شاخ-شۇمبا، غازاڭ، ئوت-چۆپ ۋە پەي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇخۇمىنىڭ سانى 4-13 دانە، 8-10 دانىسى يىتىلىدۇ. تۇخۇمى سۇس بېغىر رەڭدە بولۇپ، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قېنىق قوڭۇر داغلىرى بولىدۇ، دېغى يوقلىرىمۇ بار. تۇخۇمى ئېغىرلىقى 27.6-36 گىرام، تۇخۇمىنىڭ چوڭلۇقى: 34-38 × 45-50 مىللىمېتىر. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 31 كۈن بولىدۇ. ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان قۇش بالىسى سېرىق، چىشى قۇش بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، مۈرە پەيلىرى بىلەن دۈمبە پەيلىرىنىڭ كەڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىك يوللۇق، 1-2 كۈندىن كېيىن قۇش بالىلىرى ھەر تەرەپكە يۈگرەپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، 10 كۈندىن كېيىن بالا قۇش قاناتلىرىنى سوزاليدۇ، بىر ئايدىن كېيىن قىسقا ئارىلىققا ئۇچالايدۇ.

قارا قۇرنىڭ 7 كەنجى تۈرى بار. 

  ئۇيغۇرچە نامى  خەنزۇچە نامى  لاتىنچە نامى 
 1. قارا قۇر شىمال كەنجى تۈرى 黑琴鸡北方亚种 Tetrao tetrix baikalensis
 2. قارا قۇر ئەنگلىيە كەنجى تۈرى  黑琴鸡英国亚种 Tetrao tetrix britannicus
 3. قارا قۇر شىنجاڭ كەنجى تۈرى  黑琴鸡新疆亚种 Tetrao tetrix mongolicus
 4. قارا قۇر كەنجى تۈرى  黑琴鸡指名亚种 Tetrao tetrix tetrix
 5. قارا قۇر سىبىرىيە كەنجە تۈرى  黑琴鸡西伯利亚亚种 Tetrao tetrix tschusii
 6. قارا قۇر شەرقى شىمال كەنجى تۈرى  黑琴鸡东北亚种 Tetrao tetrix ussuriensis
 7. قارا قۇر رۇسىيە كەنجى تۈرى  黑琴鸡俄罗斯亚种 Tetrao tetrix viridanus

قارا قۇر پېيىنىڭ رەڭگى ۋە بەدەن شەكلى بويىچە يەتتە كەنجى تۈرى بار. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئۈچ كەنجى تۈرى بار، يەنى شىنجاڭ كەنجى تۈرى، شىمال كەنجى تۈرى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كەنجىتۈرى. بۇ ئۈچ كەنجى تۈرى پەيلىرى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ  شىنجاڭ كەنجى تۈرى پەيلىرى پەرق بىر قەدەر روشەن، يەنە ئىككى كەنجى بىر قەدەر ئوخشىشىپ بەدەن شەكلى جەھەتتە ئەڭ چوڭ بولۇپ، شىنجاڭ كەنجى تۈرى ئەڭ كىچىك.

قارا قۇر«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN)؛ 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە (ver 3.1) كىرگۈزۈلگەن ___ خەتىرى تۆۋەن (LC).

جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان دەرىجىسى: 2-دەرەجىلىك كۈچكە ئىگە ۋاقتى: 1989.

جۇڭگو ھالاكەت ئېغىزىدا تۇرغان ھايۋانلار توغرىسىدىكى قىزىل تاشلىق كىتابتىكى دەرىجىسى: ئاسان خەتەرگە ئۇچراش خەۋپى بار، كۈچكە ئىگە ۋاقتى: 1996.[0]


Tetrao tetrix baikalensis
Tetrao tetrix tschusii

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#