ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى

ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبىرىستانلىقى

ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبىرىستانلىقى-ئۈرۈمچى نىڭ جەنۇبى شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك جاي-قارلىغاچلىققا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى
چەتئەلچە نامى Cemetery of Revolutionary Martyrs in Urumqi City
ئورنى ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قارلىغاچلىق مەنزىرە رايونى
كۆلىمى 700 مو
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐市革命烈士陵园
تۈرى ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى
قۇرلۇش پۈتكەن ۋاقىت 1956-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبىرىستانلىقىئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، بۇ شەھەرنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قارلىغاچلىق مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان. قەبرىستانلىق شىنجاڭ دىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 1943-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان پارتىيەمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى چېن تەنچيۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 700 مو، 1956-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. شەرقتىن غەربكە قاراپ، سول، ئوڭ، كەينى ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، ئالدىدا ئۈرۈمچى دەرياسى يىل بويى توختىماستىن ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. 

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا بۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، كېيىن، 1985-يىلى قايتا ياسالغان، 1986-يىلى، قەبرىستانلىق گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئىمارىتى قىلىپ تەستىقلانغان. 

ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبىرىستانلىقىكۆرگەزمىخانا، يەنە پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قەبرىستانلىق ئېھتىرام تاۋاپ قىلغاندىكى بېغىشلىمىسى، جۇدې، خې لۇڭ، دېڭ يىڭچاۋ، چېن يى، جياڭ زېمىن قاتارلىق يولداشلار رەسىم ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە ئۇرۇق يازغان ئەسلىمىسىلىرى بار. 

كۆرگەزمىخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئانچە يىراق بولمىغان جەسەت ئۆيى، باشقا ئىنقىلابىي قۇربانلار جەسەت كۈلى قويۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن كەينىدىكى تاغ باغرىغا قەبرىستانلىق تەسىس قىلىنغان، دەپنە قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق شىنجاڭنىڭ ئازادلىق ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پىشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەسىتى بار. 

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن 18:00 گىچە ئېچىۋېتىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#