زېكتى بازىرى
زېكتى بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زېكتى بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. بازار رايونىنىڭ شىمالدا ئابرال تېغىغا يۆلەنگەن، شەرقتە، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۈرگېن يېزىسى دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتاشقان، غەربتە، نىلقا ناھىيەسىگە يېقىن، دۆلەت يولى 218-لىنىيىسى شەرىقتىن غەربكە پۈتۈن بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ۋە ئۆلكە يولى 316-لىنىيەسى بىلەن كېسىشكەن.
زېكتى موڭغۇل تىلىدا «ئۇرۇقلۇق قوچقار» دېگەن مەنىدە. زېكتى بازىرى چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇسۇن دۆلىتى تەۋەلىكىدە بولغان، سۈي، تاڭ، سۇڭ، لىياۋ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ياشاش ماكانى بولغان.
چىڭ سۇلالىسى ئىلى جياڭجۈن ھەم ۋىلايىتى مەھكىمىسىدىن كېيىن، ئويرات يىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونىغا تەۋە بولغان.
گۇاڭشۈ 14-يىلى (1888-يىلى) نىڭيۈەن ناھىيەسى (ھازىرقى غۇلجا ناھىيەسى) قارمىقىدا بولغان.
مىنگونىڭ 19-يىلى (1930-يىلى) توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
1938-يىلى (جۇڭخۇا مىنگونىڭ 27-يىلى)، نىلقا رايونى توققۇز تارا ناھىيەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، نىلقا تەسىس قىلىش ئىدارىسى قۇرۇلغان.
مىنگونىڭ 28-يىلى (1939-يىلى) 6-ئايدا، نىلقا ناھىيەسى رەسمىي قۇرۇلغان.
1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى نىلقا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغان.
زېكتى بازىرى 1954-يىلى نىلقا ناھىيە 3-رايون بولغان.
1954-يىلى ئۆزگەرتىلىپ، نىلقا ناھىيەسى 4-رايون بولغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن 1956-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، نىلقا 4-رايون، كۈنەس ناھىيەسىگە ئايرىپ بېرىلگەن.
1958-يىلى 3-ئايدا، كۈنەس ناھىيەلىك 6-رايون قىلىنغان.
گۇڭشېلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، قىزىل بايراق گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇ يىلى يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، يەنە ئەسلىدىكى يەر نامى بويىچە زېكتى گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
1984-يىلى، ھۆكىمەت بىلەن گۇڭشېنى ئايرىش مەزگىلىدە، گۇڭشى تۈزۈلمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، زېكتى بازىرىغا ئۆزگەرتىلگەن، بازار قارىمىقىدا توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بولغان.
زېكتى بازىرىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق 5703 ئائىلە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 23 مىڭ 200 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ مىللىتى 8236 ئادەم، قازاق مىللىتى 11809 ئادەم، ئۇيغۇر مىللىتى 2185 ئادەم، خۇيزۇ مىللىتى 955 ئادەم، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 58 ئادەم، كۆچمە ئاھالە 5111 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ مىللىتى 4288 ئادەم، قازاق مىللىتى 178 ئادەم، ئۇيغۇر مىللىتى 187 ئادەم، خۇيزۇ مىللىتى 275 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 183 ئادەم.
زېكتى بازىرى قەدىمدىن تارتىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك، بۇ ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغان ياخشى زېمىن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قابىل ئادەملەر، ھەكىملەر، يەتتە ئېقلىمدىكى ئادەملەر بۇ يەرگە توپلانغان، ھەر خىل ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنە، ماھارەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ياخشىلىرىنى تاللاپ، كۆپ تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزگەن. 1978-يىلى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈگەندىن باشلاپ، پۈتۈن بازاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغانلار 300 دىن ئارتۇق ئادەم، رەھبەرلىك ئورنىغا چىققانلار 50 نەچچە ئادەمگە يەتكەن. زېكتى بازىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. 1958-يىلى، پەقەت بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 456 نەپەر بولغان، 2004-يىلىغا كەلگەندە، بازار بويىچە جەمئىي 5 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 7 باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3 خەنزۇ مەكتەپ، 9 قازاق مەكتەپ، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانغانلار 280 دىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەن.
سەھىيە جەھەتتە، زېكتى بازىرى 1956-يىلىدىكى بىر كىچىك شىپاخانا، تەرەققىي قىلىپ 2004-يىلىغا كەلگەندە، 36 نەپەر (دوختۇر 22 ئادەم، سېسترا 14 ئادەم) خىزمەتچى خادىم، ھەر خىل داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە 17 دانە (يۈرۈش)، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئورنىنىڭ بەش داۋالاش تور بېكىتى بار بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.