قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى

ەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ بۇرۇنقى نامى «قەشقەر يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش مەكتىپى» ئىدى. 1966-يىلى 10 ئاينىڭ 12 كۈنى كونا شەھەر ناھىيىسىدە قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى
ئايرىمىسى كەسپىي مائارىپ
ئادرېسى
خەنزۇچە نامى 喀什农业机械化学校
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ بۇرۇنقى نامى «قەشقەر يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش مەكتىپى» ئىدى. 1966-يىلى 10 ئاينىڭ 12 كۈنى كونا شەھەر ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 34432 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 9142 كۋادرات مېتىر. مەزكۇر مەكتەپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتەپلىرىنىڭ بىرسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىغا ۋە ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىغا قارايدۇ. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپ شتاتى 1999-يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 69 نەپەر (ئالىي دەرىجىلىك لېكتور توققۇز نەپەر، لېكتور 35 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1054 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 3700 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.

مەكتەپتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەت قىلىش، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بوغالتىرلىقى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق توققۇز كەسىپ ئېچىلغان. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، پراكتىكا زاۋۇتى ۋە مانتيولۇق، مېتالچىلىق، تراكتور-ماشىنا تەجرىبىخانىسى قاتارلىق كەسپىي تەجرىبىخانا قۇرۇلغان، كۇتۇپخانىدا 32300 پارچە كىتاب ساقلانغان.

 1991-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇش شارائىتىنى باھالاشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان.

قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ بۇرۇنقى نامى «قەشقەر يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش مەكتىپى» ئىدى. 1966-يىلى 10 ئاينىڭ 12 كۈنى كونا شەھەر ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. 1966-يىلدىن 1975-يىلغىچە مەكتەپ ئالتە قېتىم كۆچكەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەرىپى بۇزۇلغان. 1976-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى، شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەر يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1978 يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەكتىپى ھازىرقى ئورنىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#