چىش ئاغرىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىش ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مىجەزنىڭ ماددىلىق ۋە ماددىسىز بۇزۇلۇشى، قۇرت چۈشۈش، ياللۇغلىنىش، چىش تۈۋى تازىلىقىنىڭ ناچارلىقى، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە سۈپەتسىز يېمەكلىكلەر، ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن قويۇق يەل ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: چىشنىڭ تۈۋى قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش، شۇنداقلا چىش مىلىكى، ئېغىز ئىچى، چىش يىلتىزى لوقۇلداپ ئاغرىش، بەزىدە ئېڭەك قوشۇلۇپ ئاغرىش ۋە ئىششىپ قېلىش، بەزىلەردە ئاغرىق ئورۇن يىرىڭ يىغىش، باشمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: سىركە 300 مىللىلىتىر، يەرلىك تۇز، زەمچە 15 گىرامدىن، يالپۇز، سېرىقچېچەك، زىرە 10 گىرامدىن، سۇ بىر لىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: سىركىدىن باشقا دورىلارنى قاينىتىلغان سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۇس ئوتتا سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە سېركىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم ئېغىز چايقىلىدۇ.
چىش ئاغرىقىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
بىر چىمدىم كۈچىلا تالقىنى بىلەن بىر چىمدىم سامساقنى پوستىنى ئېزىپ تاماكىغا ئوخشاش يۆگەپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ تۈتۈنىنى شوراپ ئېغىز بوشلۇقىدا ئايلاندۇرغاندا، چىش ئاغرىقى بىر سائەت ئىچىدە پەسىيىدۇ ھەمدە ئاغرىش قايتا قوزغالمايدۇ. تۈتۈننى ئېغىز ئىچىدىلا ئايلاندۇرۇش، ئىچىگە شورىماسلىق لازىم.
بىر دانە توخۇ ئۆتىنى بىر ئاز ئاق ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پەلكۈچ بىلەن ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزۈلسە ئۈنۈم بېرىدۇ.
تېتىتقۇنى چوكىنىڭ ئۇچىغا تەگكۈزۈپ، ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
ھۆل زەنجىۋىلنى ياپراقچە قىلىپ كېسىپ ئاغرىغان چىشقا قويۇپ چىشلىسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. بۇنى قايتىلاپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
لەگلەك تورىدىن ئېلىندى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.