ماتورلۇق ئۇچقۇ

ماتورلۇق ئۇچقۇ

ماتورلۇق ئۇچقۇ 12 ~16 مىكرو ماتور، ھالەت كونترول سىستېمىسى ۋە مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. ماتورلۇق ئۇچقۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يۆلەنچۈكىدە ئىككى تۇتقۇچ بار، بىرى تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتنى كونترول قىلىدۇ؛ يەنە بىرى ئايلىنىشنى كونترول قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ماتورلۇق ئۇچقۇ
خەنزۇچە نامى 机动飞行器

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماتورلۇق ئۇچقۇ1983-يىل 4-ئاينىڭ7-كۈنى ئامېرىكىلىق ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم كىيىمى كىيىپ، «رىقابەتچى» ناملىق ئالەم ئايروپىلانىدىن چىقىپ، پايانسىز ئالەم بوشلۇقىدا 3 سائەت 40 مىنۇت تۇردى. بىراق، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر ئەسۋاب يۈدۈۋالغان بولۇپ، بۇ ئەسۋاب ماتورلۇق ئۇچقۇ دېيىلەتتى. مۇشۇ ئەسۋاب بولغاچقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا بىمالال «يۈرەلەيدۇ» .

ماتورلۇق ئۇچقۇ 12 ~16 مىكرو ماتور، ھالەت كونترول سىستېمىسى ۋە مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. ماتورلۇق ئۇچقۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يۆلەنچۈكىدە ئىككى تۇتقۇچ بار، بىرى تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتنى كونترول قىلىدۇ؛ يەنە بىرى ئايلىنىشنى كونترول قىلىدۇ. تۇتقۇچنى قول بىلەن ئىتتىرسە، ئاپتوماتىك قۇرۇلما بۇيرۇق بويىچە ھەرىكەت يۆنىلىشى ماتورىنى قوزغىتىپ، ماتورلۇق ئۇچقۇ پۈركىگەن يېقىلغۇ گازنىڭ كۈچى ۋە يۆنىلىشىنى تەڭشەيدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىسى كېرەكلىك يۆنىلىشكە «ماڭىدۇ» . 

ئالەم ئۇچقۇچىسى بوشلۇقتىن ئۇچار كېمىگە ياكى ئالەم ئايروپىلانىغا قايتماقچى بولسا، بىر جۈپ يۆنىلىش ماتورىنى ئوت ئالدۇرۇپ ۋە ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ تېزلىكىنى كېمەيتىپ، خۇددى ئايغا چىقىش كېمىسى ئايغا يۇمشاق قونغاندەك، ئۇچار كېمىگە ئاستا-ئاستا قايتىپ كېلىدۇ.لېكىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلغاندا، پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى ماتورلۇق ئۇچقۇنىڭ ھالىتىگە تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ مەشغۇلات جەريانىدا ماتورلۇق ئۇچقۇنى قولى بىلەن باشقۇرۇشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن، بوشلۇقتا ئۇچۇش ئىنژېنېرلىرى ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ماتورلۇق ئۇچقۇ كەشىپ قىلدى. ئالەم ئۇچقۇچىسى پەقەت «سولغا» ، «ئوڭغا» ، «ئالدىغا» ، «كەينىگە» دېگەندەك بۇيرۇقنى بەرسىلا، ماتورلۇق ئۇچقۇدىكى ئاۋاز پەرقلىگۈچ مىكرو ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ «مېڭىپ كېتىدۇ» . ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان مۇنداق ماتورلۇق ئۇچقۇ ئۇچار كېمىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كوماندىسىنى بىۋاسىتە ئاڭلاپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئالەم پونكىتىغا بېرىپ، سانلىق مەلۇمات ئېلىپ قايتىدۇ ياكى سايمانلارنى ئالماشتۇرىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#