ۋاڭ شۇگۇەن

ۋاڭ شۇگۇەن

ۋاڭ شۇگۇەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدىن، 23 يېشىدا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىدا ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيىنىڭ گرېنۋىچ دېڭىز ئارمىيىسى ئىنستىتۇتىدا كېمىسازلىق ئۆگەنگەن. دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتى دۇنياغا مەشھۇر گرېنۋىچ رەسەتخانىسى بىلەن قوشنا بولغاچقا، ئۇ دائىم رەسەتخانىغا بېرىپ ئۆگىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ شۇگۇەن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرى
كەسپى ئاسترونومىيە ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 王绶琯
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1923-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ شۇگۇەنبېيجىڭدىكى مىيۈن سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىدىكى بىر تۈزلەڭلىككە شامالدۇرغۇچقا ئوخشاپ كېتىدىغان 28 دانە ئەسۋاب رەتلىك قويۇلغان، بۇ بېيجىڭ رەسەتخانىسى قۇراشتۇرغان «رادىئو ئىنتېرفېرومېتر» . بۇ ئۈسكۈنىلەر كۈندۈزى قۇياشقا، كېچىسى يۇلتۇزلارغا ئەگىشىپ ئايلىنىپ، يىراق كۆكتىن كەلگەن رادىئو دولقۇنىنى كېچە-كۈندۈز قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ «باش غوجىدارى» ئېلىمىزنىڭ رادىئو ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى، بېيجىڭ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۇگۇەن (1923 −) ، ئۇنى كىشىلەر «يۇلتۇزلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدىغان ئادەم» دەپ ئاتىشىدۇ. 

ۋاڭ شۇگۇەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدىن، 23 يېشىدا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىدا ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيىنىڭ گرېنۋىچ دېڭىز ئارمىيىسى ئىنستىتۇتىدا كېمىسازلىق ئۆگەنگەن. دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتى دۇنياغا مەشھۇر گرېنۋىچ رەسەتخانىسى بىلەن قوشنا بولغاچقا، ئۇ دائىم رەسەتخانىغا بېرىپ ئۆگىنىدۇ. 1949-يىلى ۋاڭ شۇگۇەن مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر ئاۋىئاماتكا لايىھىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، باشقا چاغلاردا يازغان ئاسترونومىيىگە دائىر خاتىرىسى ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسىغا دائىر بەزى يېڭى قاراشلىرى يېزىلغان دىسسېرتاتسىيىنى ئەينى چاغدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇلى گېرىنگېلغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى رەسەتخانىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ماقۇللۇق ئالىدۇ.

ۋاڭ شۇگۇەن 1953 -يىلى، ۋاڭ شۇگۇەن ۋەتەنگە قايتىپ، جاڭ يۈجې قاتارلىق پېشقەدەم ئاسترونوملارغا ھەمكارلىشىپ، ئاسترونومىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1958-يىلى، 30 نەچچە ياشلىق ۋاڭ شۇگۇەن جۇڭگودا رادىئو ئاسترونومىيىسىنى بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 20 نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش، سانسىز كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە، جۇڭگونىڭ ئۆز رادىئو ئاسترونومىيە قوشۇنى بارلىققا كېلىدۇ، بۇ قوشۇنغا ۋاڭ شۇگۇەن باشچىلىق قىلىدۇ. 1984-يىلى، ئۇلار بېيجىڭنىڭ مىيۈن ناھىيىسىنى بازا قىلغان «رادىئو ئىنتېرفېرومېتىر» بىرىكمە سىستېمىسىنى تاماملايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ رادىئو ئاسترونومىك كۆزىتىشى خەلقئارادىكى ئىلغار قاتارغا ئۆتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#