لوكانىس

1976-يىلى مونترېئال ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 16 ياشلىق ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لوكانىس بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل تۈردە دۇنيا سەۋىيىسىگە ئىگە سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لوكانىس
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىر
چەتئەلچە نامى Gregory Efthimios Louganis
خەنزۇچە ئىسمى 格雷戈里·埃夫西米奥斯·洛加尼斯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1960-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تەنھەرىكەت تۈرى سۇغا سەكرەش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  1976-يىلى مونترېئال ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 16 ياشلىق ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لوكانىس بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل تۈردە دۇنيا سەۋىيىسىگە ئىگە سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالىدۇ، ھەربىر مەيداندا دېگۈدەك ئۇنىڭ ماھارىتى مۇكەممەللىككە يېقىنلىشىدۇ.  1984-ۋە 1988-يىللىق ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ سەكرەش تاختىسىدىن سەكرەش ۋە سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرەش ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشىدۇ. 

1982-يىلى يازدا، لوكانىس دۇنيا سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىچىگە ئۆرۈلۈپ بىر يېرىم ئايلىنىشتەك قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتنى ئىشلەيدۇ. يەتتە رېپىرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تولۇق نومۇر بېرىدۇ. بۇنداق ئىش خەلقئارا چوڭ مۇسابىقىلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. لوكانىس پەقەت قانائەت قىلمايدۇ، سۇغا سەكرەش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدۇ. 1983-يىلى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى يېڭى ھەرىكەتتىن ئۈچنى قوشۇپ ئورۇنداپ، ئەتراپتىكىلەرنى تاڭ قالدۇرىدۇ.

لوكانىس بىر يېرىم ياش ۋاقتىدا ئۇسسۇل مەشقىگە كىرىشىپ، ئۈچ يېشىدا سەھنىدە ئويۇن كۆرسەتكەن. كېيىن يەنە ماھارەت ئۆگەنگەن ھەمدە مۇسابىقىگە قاتناشقان، توققۇز يېشىدىن باشلاپ سۇغا سەكرەشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «سۇغا سەكرەش شېئىردەك نەپىس بولۇشى كېرەك» دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىغان. تا بۈگۈنگىچە دۇنيادا تېخى ھېچ بىر سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ھەرىكەتنى لوكانىستەك كۆركەم، نازاكەتلىك، بىمالال، شېئىر كەبى جەلپلىك ئورۇنداپ باققىنى يوق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1669375.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#