مەقئەت ئاقمىسى
مەقئەت ئاقمىسى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەتراپىدا پەيدا بولىدىغان، يىرىڭلىق ئىششىق تۆشۈكى تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكتىن كۆرۈلىدىغان، دائىم زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان، ئاقما ئەتراپى قىزىرىپ، شەلۋەرەيدىغان، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتمىسا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مەقئەت ئەتراپىدا پەيدا بولغان ئۇششاق يىرىڭلىق ئىششىقلارنىڭ تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- مەقئەت ئاقمىسى مەقئەت كۆتەن ئۈچەي ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولۇپ، مەزكۇر يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېغىز ئېلىشى ياكى يېرىلىپ داۋالاشتا داۋالاش توغرا تولۇق بولماي بىر ئاقما قانال شەكىللىنىپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئادەتتە ھەرقانداق جاراھەت بولۇپمۇ يىرىڭلىق جاراھەتلەر ساقىيىشقا قاراپ ماڭغاندا ئۇنىڭدا بىر قانالچە شەكىللىنىدۇ. قانالچىنىڭ يۈزىنى بىرخىل ئۆلۈك بىخلىما گۆش قاپلايدۇ. دااۋالىغۇچى ماھىر بولسا يارا قانىلى ئىچىگە گۆشخور دورىغا چىلانغان داكا تىقىدۇ، داكا كۈنىگە يەڭگۈشلەنسە، بۇ داكا يارا قانىلىدا بىخلىما گۆش ئۈندۈرگىلى قويمايدۇ. بۇنداقتا يارىنىڭ ئىچى تازىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى گۆشلەر بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ ئاقما شەكىللەنمەي يارا ساقىيىدۇ، بۇنداق داۋالانمىسا بىخلىما گۆشلەر يارىنىڭ تولۇق ساقىيىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، ئاقما تۆشۈك پەيدا قىلىدۇ.
- كۆتەن ئۈچەي-مەقئەت ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولۇش، كۆتەن ئۈچەيدىكى جاراھەتلەر چوڭقۇرلىشىپ، بوۋاسىر پۈۋەكچىلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىپ يىرىڭلاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. [0]
ئالامىتى: داۋاملىق يىرىڭ ۋە زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرۇش، ئەتراپى شەلۋەرەش، قىزىرىش، ئاقما تۆشۈكى ئېتىلىپ قالسا ئىششىپ قاتتىق ئاغرىتىش، بەزىدە ياللۇغلىنىپ ئومۇمىي بەدەنلىك قىزىتما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
- بىرىنچى، كۆتەن ئۈچەيگە يەتمىگەن ناسوردا داۋاملىق زەرداب ۋە يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ ئىشتاننى بۇلغايدۇ. زەرداب سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ناسور ئەتراپى قىزىرىپ شەلۋەرەيدۇ، ھەتتا تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، ئاقما تۆشۈك ئېغىزى ئېتىلىپ يىرىڭ توسۇلۇپ قالسا ياكى ئۇفۇنەتلىنىپ ياللۇغ شەكىللەنسە قاتتىق ئاغرىيدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ بەدەن ھارارىتى ئۆرلەيدۇ. بىمار تېنىدە بىرخىل بىتاپلىق ھېس قىلىدۇ.
- ئىككىنچى، كۆتەن ئۈچەي بىلەن ئۆتۈشمە شەكىللەنگەن بولسا، يۇقىرىدىكى ئومۇمىي بەدەنلىك ۋە يەرلىك ئالامەتلەردىن تاشقىرى تۆشۈكنىڭ بىر ئېغىزى كۆتەن ئۈچەيدە بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە ئاقمىدىن گەندە كېلىپ قالىدۇ-دە، يەل چىقىدۇ.
- يۇقىرىدىكى ئىككى خىلنى پەرقلەندۈرۈشتە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىمارنى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقا بۇيرۇپ مەقئەتكە پاختا قويۇلۇپ تۆۋەنگە چىڭقىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئەگەر ئۈچەيگە تۇتاشقان بولسا ئاقمىدىن يەل چىقىدۇ، تۇتاشمىغان بولسا يەل چىقمايدۇ.
- ئىنچىكە پاختا پىلتىگۈچ گۈل يېغىغا تەگكۈزۈلۈپ ئاقما تۆشۈككە ئاۋايلاپ تىقىلىدۇ، بىر بارماق مەقئەتكە تىقىلىپ پىلتىگۈچ ئۇچى ئىزدەپ كۆرۈلىدۇ، ئۈچەيگە تۇتاشقان بولسا، پىلتىچ ئۇچى بارماققا ئۇرۇنىدۇ، تۇتاشمىغان بولسا ئۇرۇنمايدۇ.[0]
1-رېتسېپ
تەركىبى: زەمچە، ئەنزۇت، سەبرە، كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، ئانارگۈلى، سۈمەر 12 گىرامدىن، زانكار ئۈچ گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ سەرەڭگە تېلى چوڭلۇقىدا تىلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئاقما جاراھەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تېڭىلىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: ئەنزىرۇت، ئانار پوستى، موزا، زەمچە، كۆك قەغەز كۈلى، سۆئدى كوپى 30 گىرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن مىس 15 گىرام، مۇرمەككى، خونسىياۋشان، كۈندۈر ئالتە گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم ئاقما ئۈستىگە سېپىلىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى توققۇز گىرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىرۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گىرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گىرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمونىيا ئۈچ گىرامدىن، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
- داۋالاش پىرىنسىپى: يارىنى تازىلاش، بىخلىما گۆشلەرنى يوقىتىش ۋە يېڭىدىن ئەت ئۈندۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
- مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بىنەپشە شەربىتى، زىماتى ئىسپىغۇل، ھەببى كىبرىت، ئايارەنج لوغانزىيا، سوفۇپى چار دورا قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
- دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق تەبىئەتلىك، غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قورۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى
http://www.saglambiz.com/LookContent.jsp?id=1530&mItem=1&cid=14
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.