دۇڭۋەن بازىرى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. دۇڭۋەن بازىرى (ساۋەن ناھىيەسى)
  2. دۇڭۋەن بازىرى (گۇچۇڭ ناھىيەسى)
ساۋەن ناھىيەسى

دۇڭۋەن بازىرى

دۇڭۋەن بازىرى

دۇڭۋەن بازىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دىكى ساۋەن ناھىيەسى گە قاراشلىق بازار.

ئۇيغۇرچە نامى دۇڭۋەن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 416.4 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 东湾镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى
نوپۇسى 10542 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى dōng wān zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇڭۋەن بازىرىدۇڭۋەن بازىرى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، قوشۇمچە سانائەت، ساياھەتچىلىك، تىرانسپورت كەسپى، سودا ئىشلىرى، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق تۈرلۈك كەسپلەرنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرغان ئۇنىۋېرسال، كىچىك شەھەر-بازار. ئومۇمىي كۆلىمى 416.4 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 62 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 580 مىڭ مو، تەۋەسىدە كۆمۈر، بەت تۇز تېشى، ھاك تېشى قاتارلىق مول كان بايلىقلىرى بار.

دۇڭۋەن بازىرىدۇڭۋەن بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تارباغاتاي ۋىلايىتى دىكى ساۋەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. جۇغراپىيلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ˊ30°80-ˊ07°85، شىمالىي كەڭلىك ˊ13°44-ˊ37°43 ئارسىدا، شەرقتە ماناس دەرياسىغىچە، غەربى ساۋەن ناھىيەسى نىڭ شىگوبى بازىرى ۋە نيۇچۈەنزى چارۋىچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتاشقان، شىمالى بېيياڭشەن تېغىنىڭ ئارقا تەرىپى ۋە ئۇلان ئۇس بازىرى غىچە.

دۇڭۋەن بازىرىنىڭ تەۋەسىدە: دوڭۋەن كەنتى، چۈەنجاڭزا كەنتى، شاڭدۇڭدى كەنتى، خۇجياجاڭزى كەنتى، تيەنجياجاڭ كەنتى، جاڭجياجۇاڭ كەنتى، شياگوبى كەنتى، شيادۇڭدى كەنتى، دۈڭسەنگۇ كەنتى، جىياسەنزە كەنتى، كۆكساز كەنتى، شىدى كەنتى، پەنجياجاڭ كەنتى، كۇەنگۇ كەنتى، نەنۋەن كەنتى، چىڭشەن كەنتى، نىڭجياخې كەنتى، جاشىياۋ كەنتى، قوش كۆۋرۈك كەنتى، كازىۋەن كەنتى قاتارلىق 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ چارۋىچىلىق كەنتى بار.

دۇڭۋەن بازىرىدۇڭۋەن بازىرى تەۋەسىدە خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، مانجۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق 7 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي ئائىلە سانى 2387 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 10542 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %39 نى ئىگەللىگەن.

دۇڭۋەن بازىرى2005-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 215 مىليون 880 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 105 مىليون 220 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 ئاشقان، 2-كەسىپنىڭ 29 مىليون 620 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8 ئاشقان، 3-كەسىپنىڭ 80 مىليون 940 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %18 ئاشقان، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6055 يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 ئاشقان.

1. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت بازىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

2. كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى ئاساس قىلغان قېزىلما بايلىق پىششىقلاش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

3. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە توغرا لىنىيىلىك بىرلەشمە خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن.

4. ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە بازارنىڭ رولىغا تولۇق تايىنىپ، بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسىنى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە قاراتقان.

5. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ھەر يىلى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئۈچ يىلدا ئاساس سېلىش، بەش يىلدا ئۈنۈم كۆرۈش»نى ئومۇمىي تەرەققىيات نىشانى قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#