بۆلجۈرگەن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۆلجۈرگەن ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يەر بېغىرلاپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، بۆلجۈرگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق بولىدۇ، ئارقا تەرىپى ئاقۇش، ئوڭ يۈزى توق يېشىل رەڭدە، پۈرۈلمىلىرى بولىدۇ؛ گۈل تاجى ياپراقچىلىرى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى ساغۇچ ئاق بولىدۇ. گۈل تېگى چوڭىيىپ، شارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، پىشقاندا قىزىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشكە بولىدۇ، ئۈستىدە ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشاش كىچىك ئوقۇرچىلىرى بولىدۇ، ھەربىر ئوقۇرچىلىرىدا بىردىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇق مېۋىسى بولىدۇ.
قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىنىڭ زەيلىك ئوتلىقى ۋە ئورمان ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردا ئۆسىدۇ.
بۆلجۈرگەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامدىن بولغان قىزىتما، گال ئىششىپ ئاغرىش ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان بۆلجۈرگەندىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 ~ 70 گرام ھۆل بۆلجۈرگەن، 35 ~ 50 گرام، قۇرۇتۇلغان بۆلجۈرگەننى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل بۆلجۈرگەننى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.