قوغۇشۇن
قوغۇشۇن بولسا خىمىيەلىك ئېلمېنت، ئۇنىڭ خىمىيەلىك بەلگىسى Pb، ئاتوم رەت نومۇرى 82، ئاتوم ئېغىرلىقى ئەڭ چوڭ غەيرىي رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوغۇشۇن بولسا خىمىيەلىك ئېلمېنت، ئىنسانلار بۇندىن 7000 يىللار ئىلگىرىلا ئۇنى بايقىغان ۋە ئىشلىتىشنى بىلگەن بولۇپ، تارقىلىشى كەڭرى، قېزىش ئاسان، ئېرىش نوقتىسى تۆۋەن بولغاچقا، قوغۇشۇن ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن پايدىلانغان مېتاللارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ خىمىيەلىك بەلگىسى Pb ( لاتىن تىلىدا: Plumbum ئېنگلىز تىلىدا: lead )، ئاتوم رەت نومۇرى 82، ئاتوم ئېغىرلىقى ئەڭ چوڭ غەيرىي رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى.
قوغۇشۇن يۇمشاق ۋە سوزۇلۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان، ئاجىز مېتال، ئۇ ئېغىر مېتال تۈرىگە تەۋە.
قوغۇشۇن ئەسلى رەڭگى كۆكۈچ ئاق رەڭلىك بولۇپ، ھاۋادا سىرتقى يۈزى ناھايىتى تېزلا بىر قەۋەت تۇتۇق كۈل رەڭ ئوكسىد بىلەن قاپلىنىپ قالىدۇ.
قوغۇشۇننى قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت كىسلاتالىق باتارىيە، ئوق ئۇچى، سنارەد، كەپشەرلەش ماتېرىيال، بېلىق تۇتۇش ئەسۋابلىرى، بېلىقچىلىق سايمانلىرى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە بىر قىسىم قېتىشما، مەسىلەن ئېلېكترون كەپشەرلەشتە ئىشلىتىلىدىغان قوغۇشۇن قەلەي قېتىشمىسىنى ياساش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. قوغۇشۇننى ئۇندىن سىرت يەنە رادىئاتسىيەدىن ساقلاش ئىشلىرىدا خام ماتېرىيال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىكى چويۇن توپلارمۇ قوغۇشۇندىن ياسىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.