مادراس
مادراس ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر، مۇھىم پورتى، ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان مۇھىم سودا سانائەت مەركىزى.
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مادراس ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر، مۇھىم پورتى، ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان مۇھىم سودا سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 5 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) . مادراس پورتى سۈنئىي پورقت بولكۇپ، ئىككى تارماق قانال، تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.
مادراس ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن ھىندىستاندا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، تېرە-خۇرۇم، يېمەك-ئىچمەك سانائەتلىرىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدىكى پېرامبوردا ھەرخىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت ئورنى، شەھەرنىڭ جەنۇبىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان كالاپپاكام دېگەن جايدا ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. شەھەردە يەنە خەلقئارا ئايرودرومى، كىنو ستۇدىيىسى، مۇزېيخانا، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. مادراس پورتى ئارقىلىق تېرە، يۇڭ، پاختا، كوفى، چىرىمتال قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. مادراس ھىندىستاننىڭ بومباي، مورموگان، ۋىساكاپاتنام، كالىكوتتىلاردىن قالسا بەشىنچى ئورۇندىكى چوڭ پورتى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.