قارا قۇيۇن

قارا قۇيۇن
ئامېرىكا قارا قۇيۇن كۆپ چىقىدىغان رايون، ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 1000-2000 قېتىمغىچە قارا قۇيۇن چىقىدىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بەش قېتىمدىن توغرا كېلىدۇ. قارا قۇيۇننىڭ بۇنداق كۆپ چىقىشى دۇنيادا تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قارا قۇيۇن
باشقا نامى Tornado
يۈز بېردىغان ۋاقتى ياز پەسلىدىكى يامغۇر كۆپ بولغان گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايىدا
خەنزۇچە نامى 龙卷风
تۈرى تەبىئەت ھادىسىسى، چەكتىن ئاشقان ھادىسە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا قۇيۇن1940-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ، سابىق سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ گوركىي رايۇنىدا يامغۇر بىلەن بىللە بىرنەچچە مىڭ روبلى قىممىتىدە كۆمۈش تەڭگە ياغقان. كىشىلەر بۇنىڭدىن ھەيران قىلىپ ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشقان . ئەسلىدە ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ قويۇلغان كۆمۈشلەر تاغ كۆچۈش سەۋەبىدىن ئېچىلىپ قالغان ، ھەمدە قارا قۇيۇننىڭ تەسىرىدە ھاۋادا ئۇچۇپ يامغۇر بىلەن بىللە يەرگە چۈشكەن . 

قارا قۇيۇن شىددەتلىك ئايلىنىدىغان ھاۋا ئېقىمى بولۇپ ، سىرىتتىن قارىسا خۇددى تەتۇر ئېسىپ قويۇلغان ۋارونكىغىلا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستى بۇلۇت قاتلىمى بىلەن، ئاستى يەر يۈزى بىلەن دېڭىزغا تۇتاشقان . قارىماققا ئاسماننىڭ تۈۋرۇكىگە ياكى ئەپسانىلەردىكى ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ. 

قارا قۇيۇن ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى قۇرۇقلۇقتا ھاسىل بولىدۇ، كىشىلەر «قۇرۇقلۇق قارا قۇيۇنى» دەپ ئاتىشىدۇ؛ يەنە بىرخىلى دېڭىز-ئوكيانلاردا ھاسىل بولىدۇ، ئۇنى«دېڭىز-ئوكيان قارا قۇيۇنى» دەپ ئاتايدۇ. قارا قۇيۇن دائىم يۈز بەرمەيدۇ ، ئۇنىڭ تەسىر قىلىدىغان ئارلىقى نەچچە ئون مېتىردىن نەچچە يۈز مېتىرغىچىلا، ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا ، ئەڭ قىسقا بولغاندا بىر نەچچە مىنۇت ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر نەچچە سائەت داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭ بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىمۇ ئەڭ قىسقا بولغاندا 30 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر نەچچە يۈز كىلومېتىرغا يىتىدۇ. 

قارا قۇيۇنسۇ پارى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك  ئامېرىكىدا قارا قۇيۇننىڭ كۆپ چىقىشى ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، كىلىمات شارائىتى، شۇنىڭدەك ئاتموسفېرا (كونۋېكسىيە) ئايلانما ئېقىمى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 

بىرىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ شەرقى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تىنچ ئوكيانغا يېقىنلىشىدۇ، جەنۇبىي مېكسىكا قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۈچ تەرىپى دېڭىز بولغاچقا، نۇرغۇن پارلار دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئېقىپ كىرىدۇ. ئاسماندا پار كۆپەيسە ئاسانلا يامغۇرلۇق بۇلۇت بولۇپ شەكىللىندۇ، يامغۇرلۇق بۇلۇت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندە قارا قويۇنغا ئايلىنىدۇ.

 ئىككىنچىدىن، ھەر يىلى ئەتىياز-ياز پەسلىدە، مېكسىكا قولتۇقىدىن كەلگەن ئىسسىق نەم ھاۋا ئېقىمى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سۈرۈلىدۇ، ھالبۇكى بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قسىمى دەل سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىم كونتروللۇقىدا تۇرىدۇ، ھاۋادا تولۇق پار بولغاچقا، يۇقىرى ھاۋا بېسىمى يەنە ئۇنىڭ كۈچلۈك تىك كۆتۈرۈلىدىغان ھاۋا ئېقىمى پەيدا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نەتىجىدە كۆپ ھاللاردا كۈچىيىپ قارا قۇيۇنغا ئايلىنىدۇ. ئامېرىكىدا قارا قۇيۇن ئەڭ كۆپ چىقىدىغان رايون ئۇنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى. قارا قۇيۇننىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇنداق ئىككى يول بار: بىرى، شەرقىي شىمالغىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېكسىكا قولتۇقىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئىسسىق نەم ھاۋا بىلەن سۇبتروپىك يۇقىرى ھاۋا بېسىملىق بەلۋېغى پەيدا قىلغان كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدۇ.

قارا قۇيۇن ئىنتايىن تۇراقسىز بولغان ھاۋا شارائىتىدا، ھاۋانىڭ تېز سۈرئەتتە ئىسسىشى ھاۋادا كۈچلۈك كونۋىتسىيە ھاسىل قىلىپ، ھاۋانى تېخىمۇ تېز سۇرئەتتە يۇقىرغا ئۆرلىتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا قارا قۇيۇن ھاسىل بولىدۇ. قارا قۇيۇننىڭ ھاسىل بولىشى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 

1. ئاتموسفېرانىڭ يەر يۈزىدە 1000 مىتېردىن 2000 مېتىرغىچە بولغان ئارلىقتىكى قىسمىدا ھاۋا بىرئاز ئىللىق ھەم نەم بولىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى جايدىكى ھاۋانىڭ زىچلىق تۆۋەن بولۇپ، ھاۋانىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.

2. ئىللىق ھاۋا قاتلىمىنىڭ ئۈستىدە ئاستىدىكى قاتلام بىلەن تېمپېراتۇرا ئالاھىدە پەرىقلىق بولۇپ، ئاستىنقى قاتلامنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

3. تەتۇر ھاۋا قاتلىمىنىڭ ئۈستىنكى قىسمىدا ھاۋا بىر ئاز قۇرغاق بولۇپ ئاستىدىكى قاتلام بىلەن تېمپېراتۇرىسى ئالاھىدە پەرىقلىق بولغان قارا بوراننىڭ شەكىللىنىشى تېز بولىدۇ.

4. ئاتموسفېرانىڭ تۇراقلىق ھالىتىنى بۇزىدىغان «قوزغاتقۇچ ئامىل» بولىشى كېرەك . يەنى يۇقىردا بايان قىلغان ئەھۋاللار ئاستىدا تۆۋەن بىسىم ، فىرونىت يۈزى، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنىڭ يىقىنلىشىشى ياكى ئىنسانلارنىڭ تەسىرى بىلەن ھاۋا شىددەت بىلەن يۇقىرغا ئۆرلەيدۇ. 

نەم ھەم ئىسسىق ھاۋا شىددەت بىلەن يۇقىرغا ئۆرلىگەندە، ئەتراپتىكى ھاۋا تېزدىن ئۇرۇن تولۇقلايدۇ ھەم ھاۋا قاينىمى ھاسىل بولىدۇ. ھەمدە ناھايىتى تىزلا يەر بىلەن ئاسماننى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ قاينامغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ دەھشەتلىك قار قۇيۇنىنىڭ شەكىللىنىشىدۇر.[0]

قارا قۇيۇننىڭ بۇزغۇنچىلقى  يازنىڭ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ھاۋارايىدىكى قارا قۇيۇننىڭ تەسىر دائىرىسى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ۋەيران قىلىش كۈچى ئىنتايىن زور. 

قارا قۇيۇنبۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تاشيوللىرىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاپتوموبىللارمۇ قارا قويۇن پەيدا قىلىدىغان بىر سەۋەب ئىكەن. تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ كېتىۋاتقان بىر قانچە مىليون ئاپتوموبىل ئىستىرېلكا يۆنىلىشىگە قارشى بىر خىل قۇيۇن شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ قۇيۇنلار ئۈستى ئۈستىگە قاتلىنىپ تۇرىدۇ، مۇبادا ئالاھىدە ھاۋا شارائىتىغا ئۇچراپلا قالسا قارا قۇيۇن بولۇپ شەكىللىنىدۇ. 

سۇ پارى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#