سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق قىسمى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك سوزۇلما كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ
ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپىيىش
خەنزۇچە نامى 慢性子宫炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق قىسمى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك سوزۇلما كېسەللىك.

بالىياتقۇ ياللۇغىغا قارىتا ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا تېزلىكتە ياخشىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ياللۇغ دائىرىسى كېڭىيىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى، قورساق پەردە ياللۇغى، تۇخۇمدان ياللۇغىنى ھەتتا بالىياتقۇنىڭ ھەرخىل ئۆسمىلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بالىياتقۇغا تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىغا چۆكمىگە چۈشۈپ، يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇندا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غىدىقلىنىپ ھۈجەيرە-توقۇلمىلار زەخىملىنىپ ئاخىرىدا ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئۆتكۈر بالىياتقۇ ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا داۋالانماسلىقى ياكى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغىغا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مونچاق گۆشى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋەت ئۆسمىسىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قان بىلەن تەمىنلىگۈچى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ ماددا ئالمىشىشىنىڭ قالايمىقانلىشىدىن ياكى بالىياتقۇنىڭ يات ماددىغا قارىتا رېفلىكسلىق قىسقىرىش-كېڭىيىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلىشى سەۋەبىدىن ئىچكى پەردىدە پاسسىپ غىدىقلىنىش، زەخىملىنىش يۈز بېرىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئوفۇنەتلىك ماددىلارنىڭ بالىياتقۇغا ئۇزۇن مۇددەت ياكى تەكرار تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە يۇقۇملىنىش بولۇپ، سوزۇلما ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. 

بالىياتقۇ بوشلۇقىدىكى يات ماددىلارنىڭ غىدىقلىشىدىن بولىدۇ. 

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابلىرىنىڭ تەكرار غىدىقلىشى ياكى ماس كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ۋە ياكى بالا ھەمراھىنىڭ قېپقالغان قىسمىنىڭ چىرىپ قان خىلىتىنى ئوفۇنەتلەندۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغىدا ئاق خۇن كۆپىيىش، رەڭگى قىزغۇچ، بەزىدە قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ئېسىلىش، ئېغىرلىق ھېس قىلىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمى سۇس ئاغرىش، بەزىدە ئېچىشىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ھەم ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ (ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز كۆپ كېلىش، ھەيز كېچىكىپ كېلىش، بەزىدە ھەيز ئازلاش، ھەيز مەزگىلى ئۇزىراش … قاتارلىقلار). تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش ياكى ئاغرىق كۈچىيىش ھەمدە ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش بولىدۇ. ئەگەر ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى بولۇپ قالسا جىنسىي يولدىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئىلگىرى بويىدىن ئاجراش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى سالدۇرۇش، تۇغۇش، ئۆتكۈر بالىياتقۇ ياللۇغى بىلەن ئاغرىش ياكى سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە ئاق خۇن كۆپىيىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئېغىرلىق ھېس قىلىش، يېقىمسىزلىنىش ياكى ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن يۈز بەرسە جىنسىي يولدىن قان كېلىش ۋە باشقا ئاجرالمىلار ئارىلىشىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بەدەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش ھەم ئاغرىق كۈچىيىش بولىدۇ. 

2. ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوينىنى كۆزىتىش سىنىقى مۇسبەت بولىدۇ.

3. جىنسىي يول كېرىگۈچ بىلەن جىنسىي يولنى تەكشۈرگەندە جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينىدا يىرىڭلىق، سېسىق ئاجرالمىلار بولىدۇ. سېلىشتۇرما دىئاگنوزى: سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كۆپىنچە ھاللاردا قوشۇلۇپ كېلىدۇ، ئاجرالما ماددىلار ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش پەيدا بولىدۇ. ئىككىسى ئايرىم يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى يەككە ھالدا يۈز بەرگەندە جىنسىي يول كېرىگۈچ ئارقىلىق تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوينىدا ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈنىدۇ، يەنى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، خالتىلىق ئىششىق، سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. سوزۇلما بالىياتقۇ ياللۇغىدا بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2.باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3.ياللۇغ قايتۇرۇش، يۇمشىتىش، بالىياتقۇنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سەرسىبىل، چۆپچىن، ئىتئۈزۈمى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن، 15 ~ 10 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 82 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن، 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ تاماقتىن كېيىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ تاماقتىن كېيىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ تاماقتىن كېيىن، شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ تاماقتىن كېيىن، ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ تاماقتىن كېيىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىپ قان خىلىتى تازىلىنىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. مەلھىمى داخىلىيۇن، مەلھىمى مۇقەل، مەلھىمى باسلىقۇن قاتارلىقلارنىڭ بىرى بىلەن دوۋسۇن ساھەسى مايلىنىدۇ. خىيار شەنبەر، ئىتئۈزۈمى، ئارپا ئۇنى، بابۇنە گۈلى، سۇمبۇل، ئىكلىلمىلىك، قىزىل سەندەل، جەدۋار، رۇسۇت قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام ئېلىپ، 60 مىللىلىتىر سىركە، 60 مىللىلىتىر گۈل يېغى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆك ئىتئۈزۈمى سۈيى بىلەن زىمات تەييارلاپ، كىندىك ئەتراپىغا چېپىلىدۇ.

كېسەل بولغان مەزگىلىدە زىيادە ھېرىپ-چارچاش، ئېغىر ئەمگەك قىلىشتىن ھەمدە كېسەل تولۇق ساقىيىپ بولغىچە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

جىنسىي ئەزالار تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلى، تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش، چىللە مەزگىللىرىدە تازىلىقىنى ئالاھىدە ياخشى ئىشلەش، جىنسى−ي ئەزالاردا كېسەللىك يۈز بەرسە ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.

 تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

 ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1288

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1288

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#