ئاچاڭ مىللىتى

ئاچاڭ مىللىتى

ئاچاڭلار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دېخۇڭ دەيزۇ-جىڭپۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇڭچۇەن، لياڭخې، لۇشى ۋە باۋشەن رايونىدىكى لۇڭلىڭ قاتارلىق ناھىيىلەرگە تارقالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاچاڭ مىللىتى
خەنزۇچە ئىسمى 阿昌族
ئېنگىلىزچە ئىسمى Achang people
ئومۇمىي نۇپۇسى 39555 (2010-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچاڭ مىللىتىئاچاڭ مىللىتىدە «قىز ئويۇنى» ئۆرپ-ئادىتى بار. ھېيت-بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشكەن بىر توپ قىز-يىگىت مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىشىدۇ ۋە بېيت ئېيتىشىپ كېچىچە ئۇخلىمايدۇ. بەزى يىگىتلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا بېرىپ، قومۇش نەينى يېقىملىق مۇزىكىغا چېلىپ، قىزنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. گەرچە ئۇلاردا ئەركىن مۇھەببەتلىشىشكە يول قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن توي يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى بويىچە بولىدۇ. شۇڭا، قىزنى ئېلىپ قاچىدىغان ئەھۋاللار پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

ئاچاڭلار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دېخۇڭ دەيزۇ-جىڭپۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇڭچۇەن، لياڭخې، لۇشى ۋە باۋشەن رايونىدىكى لۇڭلىڭ قاتارلىق ناھىيىلەرگە تارقالغان. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئېقىن كۆپ بولۇپ، ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان، ئېگىز تاغ ۋە ئېقىنلار ئارىلىقىدا خۇسا، لاسا قاتارلىق تۈز توسمىلار شەكىللەنگەن.

 ئاچاڭلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، شال تېرىشقا ماھىر. لياڭخې رايونىدىكى «خاۋئەنگۇڭ» شال سورتىنىڭ «شال شاھى» دېگەن نامى بار. خۇسا رايونىدىكى ئاچاڭلار پىچاق سوقۇشقا ماھىر، «خۇسا پىچىقى» ھەم ئىشلەپچىقىرىش قورالى، ھەم مۇداپىئە قورالى بولۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق. خۇسا رايونىدىن چىقىدىغان كۆك تاماكىمۇ ئىنتايىن داڭلىق بولۇپ، يىراقتىكى بىرما دۆلىتىگە سېتىلىدۇ. 

ئاچاڭ مىللىتىئاچاڭ ئەرلىرى كۆك، ئاق ۋە قارا رەڭلىك سىدام ئۇدۇل پەشلىك چاپان، ئۇزۇن قارا ئىشتان كىيىدۇ. ئاياللىرى كۈمۈش بېزەك تاقاشقا ئامراق. توي قىلمىغان قىزلار ئۇزۇن تامبال كىيىپ، چېچىنى چوققىسىغا تۈرمەكلىۋالىدۇ. چوكانلار ئادەتتە كۆڭلەك ۋە تار يەڭلىك، ئۇدۇل پەشلىك كىيىم كىيىدۇ، بېشىغا قارا كۆك ياكى كۆك رەخت ئورىۋالىدۇ. ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ سىپارى چايناش ئادىتى بار، ئۇلار چىشىنى دائىم قارا رەڭدە بويىۋالىدۇ، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاچاڭلار ئادەتتە خىش-كاھىشلىق ۋە ياغاچ-تاش قۇرۇلمىلىق ھويلىدا ئولتۇرىدۇ.

خۇسا رايونىدىكى ئاچاڭلار ئومۇميۈزلۈك بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، لياڭخې رايونىدىكىلەر كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغىمۇ چوقۇنىدۇ. ئۆلگەنلەرنى ئادەتتە يەرلىككە دەپنە قىلىدۇ، غەيرىي نورمال سەۋەب بىلەن ئۆلگەنلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. 

ئاچاڭ مىللىتىنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.

ئاچاڭ مىللىتى «ناخشا ئېيتىش» ياشلار ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەت بولۇپ، پىل تاپانسىمان دۇمباق ئۇسسۇلى ۋە مايمۇن ئۇسسۇلى ئىنتايىن ئومۇملاشقان. ئاچاڭلارنىڭ ئويمىچىلىق تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى، قۇرۇلۇش-ئىمارەتلىرى ۋە بۇت تەكچىسىگە ئويۇلغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۈرىتى ئىنتايىن ئوبرازلىق، نەپىس كۆرۈنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3909.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#