برىتانىيە

برىتانىيە ئىمپېرىيەسى بولسا ئەنگىلىيەنىڭ ھوكۈمرانلىقىدىكى دۇنياۋى ئىمپىرىيە. برىتانىيە ئىمپېرىيەسى (British Empire) بولسا بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئەنگىلىيە) تەرپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان يەرشارى خاراكتېرلىك ئىمپېرىيە بولۇپ يەر مەيدانى 33 مىليون670 مىڭ كۋادرت كلومېتېرغا يېتىدۇ. 

برىتانىيە
برىتانىيە
ئۇيغۇرچە نامى برىتانىيە ئىمپېرىيەسى
ئىنگىلىزچە نامى British Empire
پايتەختى لوندۇن
نوپۇسى 458 مىليون (1938-يىلى)
تىلى ئىنگىلىز تىلى
خەنزۇچە نامى 大英帝国
ئورنى ياۋرۇپا
زىمىنى 33 مىليۇن 600 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر(1919-يىلى)
ئاساسلىق مىللەتلەر ئىنگىلىز، ھىندى، ئەرەب، شوتلانىد، ئىرلانىد
يېزىقى لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى ئىنگىلىز يىزىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىمپىرىيە زىمىنلىرىبرىتانىيە ئىمپېرىيەسى (British Empire)بولسا بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئەنگىلىيە) تەرپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان يەرشارى خاراكتېرلىك ئىمپېرىيە بولۇپ يەر مەيدانى 33 مىليون 670 مىڭ كۋادرت كلومېتېرغا يېتىدۇ. برىتانىيە ئېمپىريىسى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 1920-يىلى پارىژ  تىنىچلىق سۆھبىتىدە گېرمانىيەنىڭ مۇستەمىلىكىلىرنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كېيىن تولۇق گۈللىنىش مەزگىلىگە يەتكەن،يەرشارى زېمىنى ۋە يەرشارى نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەپ دۇنيا تارىخىدىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ ،ھالقىش دائىرسى ئەڭ چوڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىمپېرىيەگە ئايلانغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە،بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن دۇنيا مىللەتپەرۋەرلىك ھەركىتىنىڭ كۆتۈرۈلىشى ،بىرلەشمە پادىشاھلىق دۆلەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ برىتانىيە ئېمپىريىسى تەدىرىجى يىمىرىلىدى.

نۆۋەتتە، بىرلەشمە پادىشاھلىق ۋە ئۇنىڭ ئىلگىركى كۆپ قىسىم مۇستەملىكە دۆلەتلىرى برىتانىيە  فېدېراتسىيسىى دەيدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى،بۇنىڭ برىتانىيە ئېمپىريىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،بىرلەشمە پادىشاھلىق  سىياسىي،تاشقى ئىشلار،ئىقتىساد جەھەتلەردە برىتانىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا قايتا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولدى.برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە،ئېمپىريىنىڭ زېمىنى ۋە تەۋە جايلىرى ئانتاركتىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە قىتئە،بەش ئوكيانغا تارقالغان.‹برىتانىيەنىڭ قۇياشى مەڭگۈ پاتمايدۇ›دەيدىغان سۆزلەر پەيدا بولغان،شۇڭلاشقا برىتانىيە ئېمپىريىسى ئىسپانىيە ئېمپىريىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ‹كۈن پاتماس ئىمپېرىيە›دەپ ئاتالغان.

برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ شەكىللىنىشى برىتانىيەلىكلارنىڭ  300 نەچچە يىللىق سودا،ئاھالە كۆچۈرۈش،قوراللىق بويسۇندۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلى، شۇ مەزگىلدە يەنە تىنىچ سودا پائالىيەتلىرى ۋە تاشقىي پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرلىغان.برىتانىيە ئېمپىريىسى پۈتۈن دۇنيا دائىرسىدە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ دىنى،ئېتىقاد،قانۇن،تۈزۈم،ئادىمىيەت،ئىلىم-پەن،تېخنىكا،سودا،تىل ۋە  باشقۇرۇش ئەندىزىلىرنى تارقىتىشقا ياردەمدە بولغان.ئېمپىرىينىڭ زومىگەرلىكى بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆز زېمىننىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە ئېشىشىگە،خەلقئارا سىياسيىدا تېخىمۇ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەمدە بولغان.بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆز زېمىنىدىكى دېموكراتىينىڭ ئۈزۈلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى مۇستەملىكىلەردىكى خەلقلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە كەلگۈسىنى قارار قىلالايدىغان بولدى،قانۇن تۇرغۇزۇش ئىدارىسى ئومۇميۈزلۈك سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە سىياسەت يۈرگۈزۈش مەھكىمىسى(ھۆكۈمەت)نى بىۋاستە سايلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئەلۋەتتە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇقلۇق ۋالىيلىرى بىرلەشمە پادىشاھلىق تەرپىدىن ئەۋەتىلىپ ،مۇستەملىكىلەرنىڭ تاشقى ئشلار ۋە مۇداپىئە ھوقۇقىنى بىۋاستە تىزگىلەيتى.

مۇستەملىكىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ برىتانىيە ئېمپىريىسىگە نەزەر سالدىغان بولساق،ياخشى،يامان پىكىرلەرھەر قايسىسى يېرىمدىن ئىگەللەيدۇ.ھەرقايسى مۇستەملىكىلەر بىرلەشمە پادىشاھلىقتىن ئىلغار مەدەنيەتنىڭ پەن-تېخنىكىسىغا ۋە مەبلەغ سېلىپ ئېچىشىغا ئېرىشىپ ئىقتسادنىڭ تەرەقىياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرلۈشىگە،يەنە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنلىرى ۋە سىياسىي رامىكىسى،خەلقئارالىق تىل ئېنگلىز تىلىغا ئېرىشتى.ھەرقايسى مۇستەملىكىلەر ئىمپېرىيەدىن ئايرلىپ  مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆزىنىڭ پارلامېنتلىق دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇستەمىلىكە خەلقىگە قالدۇرۇپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ،نەتىجىدە ھەممىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ كىتەلمىدى.كۆپ قىسىم  مۇستەملىكىلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن يەنىلا برىتانىيە فېدېراتسىيسىدە قېلىشنى تاللىدى.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ مۇستەملىكە قىلىشى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەۋزەل ئورۇنغا قويغان ئەلۋەتتە.بىرلەشمە پادىشاھلىق گەرچە مۇستەملىكىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۇل-مۇئەسسەلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ،بىراق ئۇلار ئاساسلىقى مۇشۇ مۇستەملىكىلەر ماللىرنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا توشۇلۇپ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش  ياكى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا مۇستەملىكە بازارلىرىغا توشۇلۇشى ئۈچۈن ياسالغان.ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاپتونۇم يەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نىسپىي تەڭپۇڭلىققا ئېرىشكەن.بىراق ئېمپىريىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى،ئافرىقا،ئاسىيادىكى مۇستەملىكىلىرى  كۆپ ھاللاردا سانائەتكە كېرەكلىك خام-ئەشيالارلنىڭ (ياكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرنىڭ) تەمىنلىگۈچىسىلا بولۇپ قالغان.ئۇندىن باشقا،برىتانىيە ئېمىريىسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەرقايسى مۇستەملىكىلەردىكى مىللەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن،ھەرقايسى مۇستەملىكەلەردە  ‹بۆلۈپ باشقۇرۇش›، ‹قابىللار تۈزۈمى›، ‹ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى باشقۇرۇش› قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرۈگۈزۈگەنلىكى مۇستەملىكەلەردىكى  مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن بىۋاستە ۋاز كېچىپ كېتىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىرېلاندىيە، ھىندىستان،  پاكىستان، زىمبابۋى، كېنىيە، سۇدان، ئۇگاندا، ئىراق، گۋىنا، فىجى قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئوخشاش بولىمغان مىللىي توقۇنۇشلارغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەپچى بولدى.

برىتانىيە ئېمپىرىيسى دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قوللانغۇچىسى ئېلزابىتIنىڭ ئاسترولوگى ۋە ماتېماتىك جون دى (John Dee) . ئەمەلىيەتتە بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆزىنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىق (United Kingdom ) دېگەن نامىنى ئىشىلتىشنى ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان، بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھىمۇ ئۆز زېمىنىدا ئېمپراتۇر ئاتالمىغان (ھىندىستان پادىشاھى دېگەن نامىدىن باشقا) . شۇڭلاشقا برىتانيە ئېمپىريىسى دېگەن پەقەت بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلدىكى غەيرى ھۆكۈمەت ئاتالمىسى بولۇپ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە تاشقى مۇستەملىكىلىرنىىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى ئىپادىلەشتە ئىشىلتىدۇ.

مىلادىيە 1066-يىلى نورماندىدىن كەلگەن ۋىليام I نىڭ ئەنگىلىيە (England) نى بويسۇندۇرۇشى، ياۋورپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سىياسىي، دىنىي مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئەنگىلىيە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىشلىرىغا چېتىلدى. نورمان سۇلالىسى، ئانجۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى فرانسىيەدىن كەلگەن بولغاچقا ، پادىشاھلار ئۆزنىڭ كۆپ قىسم زېھنىنى فرانسىيەدىكى زېمىنىغا سەرپ قىلىدى. 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپاغا بولغان قوي يۇڭى سودىسدىن تەرەقىي قىلغان تاشقى سودا ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندى. بۇ مەزگىل دەل ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى بويسۇندۇرۇشلىرنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، 1282-يىلىدىكى ۋالېس (Wales)قا بولغان كېڭىيىشىنى،1169-يىلدىكى ئىرېلاندىيەگە بولغان بويسۇندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1296-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيەگە بولغان قىسقا تىزگىنلىشىشى 1314-يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ، بۇ ئىككى رايوننىڭ ھەقىقىي بىرلىككە كېلىشى 1603-يىلدىكى ‹بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىش قانۇنى› ئارقىلىق تىنىچ ئەمەلگە ئاشقان. 1204-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھلىرى نورماندىدىكى زېمىندىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇلار نىكاھ ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زېمىنلىرغا ۋارسلىق قىلىش ئارقىلىق فرانسىيەدە  كۆپ قسىم زېمىنلىرغا ئىگە بولدى، بۇ زېمىنلارنى  1453-يىلىغا كەلگەندە قولدىن بېرىپ قويدى.شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1563-يىلىغىچە ئەنگىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قولىدا  پەقەت فرانسىيەنىڭ شىمالىيدىكى ئىستراتېگىيلىك مۇھىم پورت گالايسلا قالدى، 1563-يىلىغا كەلگەندە گالايستىنمۇ ئايرىلدى.

مۇستەملىكىسىئېمپىريىنىڭ چەتئەلدىكى كېڭەيمىچىلىكى بولسا ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ دېڭىزدىكى ئېكىسپىدىتسىيىسى، برىتانىيە ئارىلى ۋە ياۋروپا قۇرۇقلۇقى سىرتىدىكى جايلارنى مۇستەملىكە قىلىپ ئاھالە كۆچۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ 1485-يىلىدىن 1509-يىللارغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان ھېنرى (Henry VII) نىڭ قوللانغان ئاكتىپ دېڭىز سىياسىتىدىن باشلانغان . رىچارد (Richard III) قۇرۇپ چىققان قوي يۇڭى سودىسى ئاساسىدا  ھېنرى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ يېقىنقى زاماندىكى دېڭىز-ئوكيان سودا سىستېمىسنى قۇرۇپ چىقتى ھەم بىرلەشمە پادشاھلىقنىڭ كېمىسازلىق سانائىتى ۋە يول باشلاش تېخنىكىسنى تەرەقىي قىلدۇردى. بۇ سىستېما كېيىنكى سودا ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھارزىرلىدى.ماسسا چۇستېس قولتۇقى شىركىتى، بىرلەشمە پادىشاھلىق شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قاتارلىق سودا شىركەتلىرى برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ چەتئەللەردىكى كىڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن مۇھىم زور تۆھپە قوشتى. ھېنرى ئەينى ۋاقىتتىكى كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولغان بىرلەشمە پادىشاھلىق خانلىق دېڭىز ئارمىيسى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پورتمائۇستا بىرلەشمە پادىشاھلىقتىكى تۇنجى قۇرغاق پرىستان قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. 1587-يىلى ۋالتېر رالېي سىر (Sir Walter Raleigh) روئانوكتا  ۋىرگىنىيەنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىق مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، بىراق بۇ مۇستەملىكىنىڭ ئۆمىرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ ،ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىللىكى،ناچار ھاۋارايى ،دېڭزى ساھىلى ۋە يەرلىكتىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ئەنگىلىيە بۇ مۇستەملىكىدن ئامالسىز ۋاز كەچتى.

1588-يىلى تۇدور سۇلالىسى ئىلزابېت (Elizabeth I) مەزگىلىدە ئىسپانىيەنىڭ تەڭداششىز فىلوتىغا بولغان جەڭدە غەلبە قازىنىش ئەنگىلىيەنىڭ دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى رەسمىي بېكىتتى. 1604-يىلى ستۇئارت سۇلاسىىنىڭ پادىشاھى جامېس(James I) ئىسپانىيە بىلەن‹لوندون شەرتنامىسى› ئىمزالاپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. 1607-يىلى ئەنگىلىيە ۋىرگىنىيەنىڭ جامېس بازىرى (Jamestown) دا چەتئەلدىكى  تۇنجى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسنى قۇردى. شۇندىن كېينكى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە ئەنگىلىيە چەتئەللەردە ئۈزلۈكسىز كۈچىنى كېڭەيتتى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي تەرەقىياتىنى مۇستەھكەملىدى. 1707-يىلى ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە پارلامېنتى لوندوندا بىرلەشتۈرۈلۈپ برىتانىيە پارلامېنتى ھاسىل قىلىندى.

برىتانىيە ئېمپىريىسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە شەكىللەنگەن،ئۇ ۋاقىتتا ئەنگلىيە ئامېرىكا قىتئەسىدە كۆپ  پارچە مۇستەملىكە قۇرۇپ چىققان، بۇ مۇستەملىكەلەر بۈگۈنكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئەسلىي 13 شتاتىنى،كانادانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنىچ ئوكيان ئۆلكىلىرى،كارب دېڭىزدىكى بەزى ئاراللار (مەسلەن يامايكا ، باربادوس قاتارلىق) نى ئۆزئىچىگە ئالغان.

شىكەر قومۇش كۆپ چىقىدىغان كارب رايونى قۇللارنىڭ ئىشلىشىگە بەكلا تايىنىپ قالغان بولۇپ، ئەنگليەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ كۆپ پايدا چىقىدىغان مۇستەملىكىسى ھېسابلىناتتى. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇستەملىكىلەر ئەنگلىيەنى تاماكا، پاختا، گۈرۈچ بىلەن تەمىنلەيتى، شىمالىي قىسمىدىن بولسا يۇڭ-تېرەلەر كۆپ چىقاتتى، شىمال تەرەپ ئىقتىسادى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كارب ئاراللىرىغا ئوخشاش ئەنگلىيەگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق شىمالدىكى كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەرلەر نۇرغۇنلىغان ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىنى ئۆزىگە جەلىب قىلدى. ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىمپېرىيەسى ئۇرۇش ۋە مۇسىتەملىكە قىلىش ئارقىلىق تەدىرجى كېڭەيدى، مەسىلەن: ئەنگلىيە-نېدېرلاندىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق ئەنگلىيە يېڭى ئامېستېردام (بۈگۈنكى نيۇيورك) قا ئېرشتى. ئەنگلىيەنىڭ توختىماسىتىن تەرەقىي قىلغان ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرى ئۈزلۈكسىز غەربكە قاراپ كېڭىيىپ تېخىمۇ كۆپ تېرىلغۇ يەر ئىزدىدى. ‹يەتتە يىللىق ئۇرۇش› تا ئەنگلىيە فرانسىيەنى مەغلۇب قىلدى،ھەم 1760-يىلى يېڭى فرانسىيەنىڭ ھەممە زېمىنىنى بېسىۋېلىپ ئەنگليەنى شىمالىي ئامېركىدىكى ئەڭ چوڭ رايوننىڭ تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈردى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئاۋسترالىيە (1788-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلانغان، دەسلىپىدە جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىندىغان جايى بولغان) ۋە يېڭى زىلاندىيە (1840-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلانغان) لەر ئەنگلىيەنىڭ باشقا بىر مۇستەملىكە قىلىش نىشانى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىلاندىيەدىكى يەرلىكلەر ئۇرۇش ۋە كېسەل تۈپەيلىدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نوپۇسى %60-%70 غىچە كامىيىپ كەتتى. بۇ مۇستەملىكىلەر كېيىن ھەممىسى ئاپتومىيەنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەم قوي يۇڭى ۋە ئالتۇن ئېكسپورت قىلدىغان جايغا ئايلاندى.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ مۇستەملىكە سىستېمىسى 18-ئەسىردىلا زاۋالققا يۈزلەنىشكە ئىدى، ۋىگ (Whig)پارتىيسىدىكىلەر دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ھوقۇقنى ئۇزاق مەزگىل تىزگىنلىگەن مەزگىل (1714-يىلدىن1764-يىلغىچە) دە ، ئىمپېرىيە بىرلەشمە پادىشاھلىققا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم بولمىغان ئورۇنغا چۈشۈپ  قالدى، مۇستەملىكلەرگە سەل قاراش خاھىشىنى ئۆزگەرتىدىغان  بىر قاتار تەدبىرلەر (ئاساسلىقى مۇستەملىكلەردىن تېخىمۇ كۆپ باج يىغىش) ئاخىردا  ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى (1775-يىلدىن 1783-يىلغىچە) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بىرلەشمە پادىشاھلىق نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان مۇستەملىكىسى برىتانىيەگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 شىتاتىدىن ئايرىلىپ قالدى.

ئەنگلىيە گېنىرالى چارلېس كورنۋاللېسنىڭ يورك بازىرىدا تەسلىم بۇلىشى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ 17-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە شىمالىي ئامېركىدىكى كېڭەيمىچىلىك قىلغان بۇ مەزگىل بەزى چاغلاردا ‹برىتانىيە بىرىنچى ئىمپېرىيەسى› دەۋرىمۇ  دېيىلدۇ. بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ 18-ئەسىردىن باشلاپ ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كېڭەيمىچىلىك قىلغان مەزگىل بولسا ‹برىتانىيە ئىككىنچى ئىمپېرىيەسى› دەۋرى  دېيىلدۇ. بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئامېركىغا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن ئايرىلىشى مۇستەملىكەلەرگە بولغان سىياسىي ھۆكۈمرانلىق بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئىرىشىشىگە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىدن دېرەك بەردى. بىرلەشمە پادىشاھلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرگە بولغان مۇداپىئە ۋە مەمۇري باشقۇرۇشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن ، ناھايىتى تېزلا ئامېركىغا بولغان سودىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا ئېرىشتى.

مېركانتىلىزم (سودا ھېرىسلىقى) بولسا ئىقتىساد ئىلمىنىڭ بىر خىل نەزەريىسى بولۇپ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى بايلىق تالىشىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چەتئەل مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى . بىراق ‹برىتانىيە ئىككىنچى ئېمپىريەسى›مەزگىلىدە، مېركانتىلىزم ناھايىتى تېزلا ئادام سمىسنىڭ ئەركىن قويېۋېتىش،كلاسسىك لېبرالىزمىغا ئورۇن بوشاتتى.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ شىمالىي ئامېرىكدىكى مۇستەملىكىلىرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تەجرىبىسى شۇكى ، بىرلەشمە پادىشاھلىق مۇستەملىكەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، سودىنىڭ يەنىلا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى بولدى. بۇ دەل 1840-يىلدىن 1850-يىللارغىچە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ كانادا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئاق تەنلىكلەرگە دومىنئون (ئاپتونۇم جاي) ئورنىنى بەرگەنلىلىكىنىڭ سەۋەبى.چۈنكى بۇ دۆلەتلەردىكى ئاق تەنلىكلەر مۇستەملىكەلەردە تۇرىدىغان ‹ۋەتەن خەلقى› دەپ قارىلاتتى. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى ئىرېلاندىيەنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىدى، ئۇ 1801-يىلى ‹بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى› دېگەن نامدا مەزكۇر دۆلەتكە قوشۇۋېتىلدى.

بۇ مەزگىلدە، بىرلەشمە پادىشاھلىق قۇل سودىسنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى (1807-يىلى)، ھەمدە بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى باشقا دۆلەتلەرگە زورلاپ تاڭدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا بىرلەشمە پادىشاھلىق يەرشارى تەۋەسىدە قۇل سودىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتتى. قۇللۇق تۈزۈممۇ 1834-يىلى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ مۇستەملىكەلىردە بىكار قىلىندى، بىراق بۇ ئەھۋال 1920-يىل ئەتراپىدا ئاندىن رەسمىي تۇراقلاشتى.

كونا مۇستەملىكە ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەركىن سودا بىلەن  بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەركىن سودا پرىنسىپى 1840-يىلىغا بارغاندا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى،بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ‹قوناق قانۇنى› ۋە ‹دېڭىز قاتنىشى قانۇنى› نىڭ  بىكار قىلىنشى دەل ئۇنىڭ بەلگىسىدۇر. ئەركىن سودا بىرلەشمە  پادىشاھلىقنىڭ بازارلىردا تولۇق قويېۋېتىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆزىنىڭ بازارلىرنى قويېۋېتىلشنى ئىلگىرى سۈردى.

بەزىلەر ئەركىن سودىنىڭ گۈللىنىشى پەقەت بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ،ھەرقانداق پەلسەپىۋى كۆز-قاراش بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ.بىرلەشمە پادىشاھلىق ھەقىقەتەن مەلۇم بىر خىل سىياسەتنى باشقا دۆلەتلەرنى ئىجرا قىلغۇزۇشتا ئۆزىگە ۋاققاندا بەكرەك ھېرسمەن ئىدى.بىرلەشمە پادىشاھلىق گەرچە شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ 1815-يىلى ناپولېئوننىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيتى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ھەقىقىي تۈردە بېكىتتى. سانائەت ئىنقىلابى بىرلەشمە پادىشاھلىقنى گەپ كەتمەيدىغان زور ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز-ئوكيانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىشلار بىلەن ئىزچىل ئارلىق ساقلاپ كەلگەن بىرلەشمە پادىشاھلىق ئۆزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش پىلانىنى يۈرگۈزدى، چەتئەللەرگە بولغان بۇخىل كېڭەيمىچىلىك دەل ئەركىن سودا ۋە ئستراتېگىيلىك ئەۋزەللىك بىلەن بىر ‹غەيرى رەسمىي ئىمپېرىيە› قۇرۇش ئىدى.مەسىلەن ‹غەيرى رەسمىي ئىمپېرىيە› تەرپىدىن ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان جوڭگو ۋە پېرسىيەلەر بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ھەيۋىسى ئاسىتىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بازارلىرنى قويېۋېتىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە شەرتسىز ھالدا بىرلەشمە پادىشاھلىققا نۇرغۇن ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بەردى. ئىمپېرىيە ۋە ‹غەيرى رەسمىي ئىمپېرىيە› نىڭ كېڭىيىشى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى خام ماتېرياللارغا ئېرىشىشىگە،تېخىمۇ كۆپ تاۋارلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرغا توشۇشىغا  قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

1815-يىلدىكى ۋېنا يىغىندىن 1870-يىلىدىكى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغىچە بىرلەشمە پادىشاھلىق ئىزچىل دۇنيا سانائەت زومىگىرى بولۇپ يەرشارىدىكى %30 سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرلىش بازىسى بولۇپ كەلدى. ‹دۇنيا زاۋۇتى›ھېسابلىندىغان بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرنى شۇنچە ئۈنۈملۈك،كۆپلەپ ئىشلەپچىقاردى ھەمدە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرلىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەتئەللەرگە توشۇلغاندىن كېيىن باھاسىنىڭ  يەرلىكتىكە ئىشلەپچىقىرلىغان مەھسۇلاتلىرغا باققاندا تېخىمۇ بەك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولالىدى.چەتئەل بازارلىرى پەقەت سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولىسلا،رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزمىگەن تەقىدىردىمۇ ، بىرلەشمە پادىىشاھلىق يەنىلا ئەركىن سودىدىن زور پايدىغا ئېرىشەلىدى.

بىرلەشمە پادىشاھلىق 1757-يىلدىكى پلاسسېي ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ھىندىستاننىڭ بېنگال شىتاتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى، 1770-يىلى مەزكۇر شتاتتا خەلقتىن ھەددىدىن ئارتۇق باج-سېلىق يىغىلغانلىقى تۈپەيلىدىن  ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بەردى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ھىندىستاننى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى. 1857-يىلىدىكى ھىندىستان قوزغىلىڭىدىن كېيىن مەزكۇر شىركەت باشقۇردىغان جايلار بىرلەشمە پادشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇلشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرلىدى.ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە 1876-يىلى ھىندىستان پادىشاھى دەپ جاكارلاندى.

سەيلون (بۈگۈنكى سرىلانكا)، بېرما، مالاييالارمۇ بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئاسىيادىكى تەسىر دائىرسىگە كىرىپ قالدى.1842-يىلدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېنگىلىزلار جوڭگونىڭ قولىدىن شياڭگاڭ ئارىلىنى تارتىۋالدى.

بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ جوڭگو بولغان قىزىقىشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىردا باشلانغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا بىرلەشمە پادىشاھلىق جوڭگودىن چاي ئىمپورت قىلغان. چاي ئىمپورت قىلىش بىرلەشمە پادىشاھلىق تەرەپتە غايەت زور سودا تەتۈر بالانىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە پادىشاھلىق ھىندىستانندىن جوڭگوغا ئەپيۇن ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق كېلىپ چىققان چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولدى، بۇ قىلمىش ئەلۋەتتە جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلاتتى، مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىرىنچى قېتىمىلىق ئەپيۇن ئۇرۇشى بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇندىن كېيىنكى ئككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدا بىرلەشمە پادىشاھلىق بىلەن فرانسىيە يەنە بىر قېتىم غەلبە قىلىپ، بىرلەشمە پادىشاھلىق جوڭگودا تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشتى.

ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن بىرلەشمە پادىشاھلىق بىلەن جۇڭگو بىر خىل مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى.بىرلەشمە پادىشاھلىق گەرچە شياڭگاڭغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىرلەشمە پادىشاھلىق بىلەن جوڭگو ئوتتۇرسىدىكى سودا ئاساسلىقى جوڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن بىر نەچچە پورتىدا ئېلىپ بېرلىدى.جوڭگونىڭ نوپۇسى بەكلا كۆپ،زېمىنىمۇ كىچىك ئەمەس، بىرلەشمە پادىشاھلىق جوڭگونى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشمە پادىشاھلىق بىر مۇستەقىل جوڭگونىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، چۈنكى جوڭگونىڭ گۇمران بولۇشى غەربتىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىرلەشمە پادىشاھلىق بىلەن بىرلىكتە  جوڭگونى بۆلۈشىۋېلىپ   بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ جوڭگودا ئېرىشكەن بارلىق ئالاھىدە ئىمتىيازلىرغا جەڭ ئېلان قىلىشى مۇمكىنچىلىك تۇغدۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلەشمە پادىشاھلىق بىر قۇدىرەتلىك جوڭگونى كۆرۈشنىمۇ خالىمايتى،چۈنكى ئەگەر جوڭگو كۈچيىپ كەتسە ئەسلىدىكى بەزى شەرتنامىلارنى بىكار قىلىۋېتىشىدن ياكى قايتا ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىشىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ خىل پوزىتسىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ جوڭگوغا بولغان  قارىماققا زىدىيەتلىك بولغان سىياسىتىنىڭ   چۈشەندۈرۈلىشى ئىدى ، بىرلەشمە پدىشاھلىق بىر تەرەپتىن مەنچىڭ ئوردىسىغا ياردەملىشىپ تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭىنى باستۇردى،يەنە بىر تەرەپتىن فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

بىرلەشمە پادىشاھلىق تۇنجى سانائەتلەشكەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن،پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ خام ماتېرىيال كېلىش مەنبەسى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرنىڭ ئېكسپورت قىلىش بازىرىغا ئايلاندۇردى. بىراق باشقا دۆلەتلەرنىڭ  سانائەتلىشىشىگە ئەگىشىپ، 19-ئەسىرگە بارغاندا ئۇ خىل ئەھۋالدا تەدىرجى ئۆزگىرىش بولدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ خام ماتېرىيال تەمىنلەش مەنبەسى ۋە ئېكسپورت بازارلىرنى بارغانسېرى قوغداشقا كىرىشتى. 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە، بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك رىقابەتلىشىشگە دۇچ كەلدى. سانائەتلىشىش گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكدا ناھايىتى تېز ئېلىپ بېرلىپ ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەدىن ئىبارەت كونا كاپتالىستىك دۆلەتتىن ھالقىپ كەتتى. مەسىلەن 1870-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيەنىڭ توقۇمچىلىق ۋە مېتال سانائىتى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە تېخنىكا ئۈنۈمدارلىقىدا ئەنگلىيەدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ چۇشتى ھەمدا گېرمانىيە بازارلىردا ئەنگلىيەنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنى مەغلۇب قىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، گېرمانىيە ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى ‹دۇنيا زاۋۇتى› ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلاپچىقىرىپ بېرىدىغان سەۋىيەگە يەتتى.

شەكىلسىز ئېكسپورت بۇيۇمىلىرى (مەسلەن: بانكا مۇلازىمىتى،سۇغۇرتا،كېمە ترانسپورت) ئەنگلىيەدە گەرچە  سودا تەتۈر بالانىس بولۇشىدىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەنگليەنىڭ سودا سوممىسى دۇنيا سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى 1880-يىلىدىكى تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەشتىن 1913-يىلدىكى ئالتىدىن بىرىنى ئىگەللەشكە چۈشۈپ قالدى.ئەنگلىيە سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر بازىردىكى رىقابەتتە مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەرەقىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىدىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولالمىدى. ئەنگلىيە ھەتتا ئىلىگىرى ئىگە بولغان ھىندىستان، جوڭگو، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافىرىقا دېڭىز بويلىرى قاتارلىق رايونلاردىكى سودىدا يېتەكچىلىك ئورنىدىن مەھرۇم قالدى.

ئەنگليە سودىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالى 1837-يىلىدىن 1896-يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادى كاساتلىشىش تۈپەيلىدىن تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. سودىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل قىسلىقى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرنىڭ بېسىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۆلەت ئىچدىكى سانائەتنى قوللاشقا مەجبۇر قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياۋرپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر تەدىرجى ھالدا ئەركىن سودا پرىنسىپىدن ۋاز كېچىشكە باشلىدى. (گېرمانىيە 1879-يىلى،فرانسىيە 1881-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەركىن سودا پرىنسىپدىن ۋاز كەچكەن). ئۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسى دۆلەت ئىچى ۋە ئېكسپورت بازارلىرنىڭ قوشلاپ تارىيشى بولدى. ياۋروپادى كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كارخانا رەھبەرلىرى چەتئەللەردىكى مۇستەملىكەلەرنى يېڭى بازار قىلىشقا باشلىدى ،چەتئەلدىكى مۇستەملىكىلەر مېتروپولىيە (خوجايىن دۆلەت) لەرنىڭ ئېكسپورت بازارلىرىغا ئايلاندى،  ئۇلار سودا قورغىنىنىڭ قوغدىشى ئاسىتىغا قويۇلۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاۋارلىرنى مېتروپولىيە تاۋارلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلمەس قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇلار ئەرزان خام ماتېرىياللار بىلەن  تەمىنلەيدىغان جايغا ئايلاندى. ئەنگلىيە گەرچە ئەركىن سودىدا 1932-يىلىغىچە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزنىڭ تەسىر-دائىرسىدىكى رايونلارنىڭ باشقا سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيەمۇ چەتئەللەردىكى مۇستەملىكەلەرنى تالىشىشقا ئاكتىپ قاتناشتى.

1870-يىلدىن 1914-يىلىدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىل، ياۋروپانىڭ مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە ئېدېئولوگىيە ھالىتى ‹يېڭى ئېمپىرىيالىزم›دەپ ئاتالدى. بۇ بىر بۆلەك مەزگىلنىڭ ئەڭ روشەن يۈزلىنىشى  ياۋروپادىكى  ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ‹ئىمپېرىيە ئۈچۈن ئىمپېرىيە› بولۇپ چەتئەلدە مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش ۋە مۇستەھكەملەش بىلەن ئاۋارە بولدى.

بۇ مەزگىلدە ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى مۇستەملىكىلىرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىليون كۋادرت كلومېتېرغا يەتتى.ئافرىقىغا 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە يارۋروپالىقلارنىڭ ئايىغى ئانچە يەتمىگەن ئىدى، بىراق بۇ مەزگىلدە ئافرىقا قىتئەسى جاھانگىرلارنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. كېڭەيمىچىلىك باشقا رايونلاردا ناھايىتى تېز ئېلىپ بېرىلدى، بولۇپمۇ شەرقىي-جەنۇبى ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا رايونلىرىدا. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەلەرمۇ دەل مۇشۇ مەزگىلدە مۇستەملىكە تالىشىش قاتارىغا قېتىلدى.

1875-يىلى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئېمپىرىيالىزم دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇ يىلدا،بېنجامىن دىسرائېلى (Benjamin Disraeli) رەھبەرلىك قىلغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پاتتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلغان مىسىر ھۆكۈمدارى ئىسمائىلنىڭ قولىدىن  سۇۋەيىش قانىلىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. ئەنگلىيە شۇنىڭدىن باشلاپ ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى سودىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ قانالنىڭ تىزگىنلەش ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. 1882-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرسىدىكى مىسىرنى تالىشش جېدىلى ئەنگلىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

چاررۇسىيەنىڭ 1828-يىلىدىن باشلانغان جەنۇبقا بولغان تەدىرجى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا تەھىدىت ئېلىپ كېلىشىگە بولغان ئەندىشە ئەنگلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتتى: 1878-يىلى ئەنگلىيە سىپرۇسنى تىزگىنلەپ، ئۇنى ئوسمان ئېمپىريىسىنى قوغداشنىڭ تايانچ نۇقىتىىسى قىلدى. ئۇندىن ئاۋال ئەنگىليە يەنە 1854-يىلىدن 1856-يىلغىچە بولغان قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشتى ھەم ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى چاررۇسسىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جەنۇبقا كېڭىيىشنى توسۇش ئۈچۈن ئىدى.ئەنگلىيە جەمئىي ئۈچ قېتىم ئافغانىستان ئۇرۇشى قوزغىدى، 1842-يىلدىكى بىرىنىچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ۋىكتورىيە مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە دۇچار بولدى. بىر پۈتۈن ئەنگلىيە قوشۇنى چاررۇسسيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پۇشتۇلار تەرپىدىن ۋەت-ۋەرىكى چىقىرۋېتىلدى. 1880-يىلىدكى ئىككىنچى قېتىمىلىق ئەنگلىيە -ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە قوشۇنى قەنداھاردا مەغلۇب بولۇپ كابۇلدا قورشاۋغا چۈشۈپ قالدى،ئاخىردا ئامالىسز ھىندىستانغا چېكىندى. 1919-يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشى ئافغانىستاندىكى قەبىلەلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن تەسىر بار سىياسيون، سودىگەرلەر ئىمپېرىيەنىڭ مۇھىملىقىنى رەسمىي يوسۇندا تونۇپ يەتتى، بولۇپمۇ دۇنيا سودا بازارلىردا ئىگەللىگەن نىسبىتى كۈنسايىن تۆۋەنلەۋاتقان ئەنگلىيە تاۋارلىرغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولدى.19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەنگىليە ھەممە بىردەك يېڭى سىياسەت قوللىنىپ ئافرىقىنىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىردىكى مۇستەملىكەلەرنى مۇھىم تالاشقۇچى تەرەپكە ئايلاندى.

1899-يىلدىن 1902-يىلغىچە يۈز بەرگەن جەنۇبى ئافرىقا ئۇرۇشى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئېمپىرىيالىزم دەۋردىكى ئەڭ تىپىك مىسالى. ئەنگلىيە قوشۇنى گەرچە ناھايىتى تېزلا ترانسۋالنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇرلارنىڭ قارشىلىقنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىمپېرىيەنىڭ 400 مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشقا چېتىلىپ  250 مىليون فوندستېرلېڭ ئۇرۇشقا  سەرپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرى چەتئەللەرگە بولغان كېڭەيمىچىلىكنىڭ زۆرۈرلىكىدن گۇمانلىنىشقا باشلىدى، ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىمۇ  ئېستراتېگىيلىك تارېيىشقا باشلىدى. بەزىلەر ھۆكۈمەت كېسىل رودېس (Cecil John Rhodes) نى باش قىلغان تراتسۋال ئالتۇن كانلىرنىڭ كان خوجايىنلىرنىڭ تەسىردە بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىدى دەپ قارىدى. بۇ كېين ئېمپىرىيالىزم دېگەن كاپىتالىزم دەيدىغان كۆزقاراشنى پاكىت بىلەن تەمىنلىدى.

1921-يىلى برىتانىيە ئېمپىريەسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدىكى تېرىتورىيەسى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى جاھانگىرلىك سىياسىتى يولغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى ئەنگىلىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە مەبلىغى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بولغان چەتئەل بازىرى ئىزدەش ئۈچۈندۇر. ياكى بىر خىل ئېستراگىيلىك ئالدى بىلەن قول سېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى دەپ چۈشىنىشكىمۇ  ۋەياكى ھازىر بار بولغان سودا يوللىرنىڭ باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدن بۇزۇۋېتىلشىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.مەيلى قانداق بولۇشىدن قەتئىنەزەر ھەممىسى ئەنگىلىينىڭ كۈنسايىن كۈچىيۋاتقان خەلقئارا مۇھىتتا ئۆزنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر. 1900-يىلىنىڭ دەسلىپىدە جوسىف چامبېرلاين (Joseph Chamberlain) ئەنگىلەينىڭ سودا قورغىنى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگىزمەكچى بولغان بولسىمۇ ناھايتى زور قارشىلىققا ئۇچراپ ئامالسىز ۋاز كەچتى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان ھالەتتىمۇ، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەركىن سودا پرىنسىپىنى نەقەدەر قوللايدىغانلىقنى چۈشەندۈردۇ. يەنە بىر قىسىم تارىخچىلار ئەنگىليەنىڭ يېڭى ئېمپىرىيالىزم سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ئەنگىليەنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، ئەكىسچە تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.

ئەنگىليەنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەرەقىيات جەريانى بىزگە مۇنداق ساۋاق بېرىدۇ: ئېمپىرىيالىزم دەۋرىنىڭ ئالدىدىكى غەرب كاپتالىستىك كۈچلۈك دۆلەتلىرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى رىقابەتلىشىشىنى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىلەرنى باشقۇرۇشنىڭ كۈچىيىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.ھىندىستان 1858-يىلى برىتانىيە ئېمپىرىيىسنىڭ رەسمىي بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستانغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر. بۇ ھەم  1857-يىلدىكى ھىندىستان قوزغىلىڭنىڭ بىۋاستە ئىنكاسى ھېسابلىندۇ. بۇ قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبلىرنىڭ بىرسى دەل ھىندىستاندىكى ئەنئەنىۋى كۈچلەرنىڭ ئەنگىليەنىڭ ھىندىستاندىكى زامانىۋى سىياسەتلىرگە بولغان قارشىلىقىدۇر.

1875-يىلى ياۋروپا دۆلەتلىرنىڭ ئافرىقىدا ئاساسلىقى پەقەت ئالجىرىيە ۋە كاپې (جەنۇبى ئافىرىقىدا، ھازىرقى كېيپتاۋن) دىن باشقا مۇستەملىكىسى يوق ئىدى، بىراق 1914-يىلىغا كەلگەندە ئېفئوپىيە ۋە لېبىرىيەدىن باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرنىڭ ھەممىسى ياۋروپا دۆلەتلىرنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلنىپ قالدى. ئەسلىدىكى پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتە كونترل قىلىندىغان ‹غەيرى رەسمىي ئىمپېرىيە› دىن بىۋاستە كونترول قىلىشقا ئۆتتى.

فرانسىيە،بېلگىيە ۋە پورتۇگالىيەلەر كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىردا مۇستەملىلچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئەنگىلىيەنىڭ ئافرىقىنىڭ ئىسسسق بەلباغ رايونلىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىشىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى.1884-يىلدىن1885-يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان بېرلىن يىغىنى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىدىيەتنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى،يىغىندا‹ئەمەلىي ئىگەللەش›نى ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇستەملىكىلىرنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىندى.بۇ خىل ئۆلچەمنىڭ قوللىنىلشى ياۋروپا دۆلەتلىرنىڭ يەرلىكتىكى قەبىلىلەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ تېخىمۇ چوڭ بولغان ‹ئەمەلىي ئىگەللەيدىغان› يەرلەرگە ئېرىشىشىتىن دېرەك بەردى.

ئەنگليەنىڭ 1882-يىلدىكى مىسىرغا بولغان ھەربىي ئىشغالىيتى (بىۋاستە سەۋەبى سۈۋەيىش قانىلىنى قوغداش) ئەنگليەنىڭ نىل دەرياسى رايونلىرنى تىزگىنلىشگە ئاساس سالدى. 1896-يىلدىن 1898-يىلغىچە ئەنگليە يەنە سۇداننى بويسۇندۇردى.

1898-يىلى ئەنگلىيە جەنۇبى ئافرىقىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىشغالىيىتىنى تاماملىدى، بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئەڭ بۇرۇن 1795-يىلدىكى كاپېنى(ھازىرقى كېيپتاۋن) يۇتىۋېلىشتىن باشلانغان.ئەنگلىيە ئەسلىدىكى جەنۇبى ئافرىقىدىكى گوللاندىيەلىكەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئالتۇن كان رايونى ترانسۋال ۋە ئۇنىڭغا خوشنا بولغان ئورانج ئەركىن دۆلىتى (Orange Free State) غا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن جەنۇبى ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئەنگلىيە جەنۇبى ئافرىقا شىركىتى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا شىمالغا ئىچكىرلەپ كىرىپ كاپېدىكى باي سودىگەر كېسىل جون رودېس (Cecil John Rhodes) نىڭ ئىسمىنى يېڭى ئىگەللىگەن جايغا نام قىلىپ رودېسىيە دەپ ئاتىدى. ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبى ئافرىقا ۋە شەرقى ئافرىقىدىكى غەلبىسى رودېس  بىلەن ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبى ئافىرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالفرېد مىلنېر (Alfred Milner) لارنىڭ ئافىرىقا قىتئەسىدە بىر‹ كاپېدىن قاھىرە›گىچە بولغان بىر مۇستەملىكە ئىمپېرىيە قۇرۇشنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇلار سۇۋەيىش قانىلى بىلەن جەنۇبى ئافرىقا كان رايونىنى تۇتاشتۇرۇشنى تۆمۈريول ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق گېرمانىيەنىڭ تانگانيىكا Tanganyika، بۈگۈنكى تانزانىيەنىڭ بىر قىسىمى) بولغان مۇستەملىكىچىلىكى ئەنگلىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى ئىككىگە بۆلىۋەتتى. شۇڭلاشقا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىشىتىن بۇرۇن ئەنگلىيەنىڭ ئافىرىقىدىكى مۇستەملىكلىرىنىڭ پەقەت تېلېگراف  لىنىيلىرىلا راۋان ئىدى، تۆمۈريول بىلەن تۇتاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قالغانىدى. ئەنگلىيەلىكلەر گەرچە ئەركىن سودىدىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىرى بولىسمۇ ، بىراق ئەنگلىيە 1914-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە ئىمپېرىيەگە ئايلاندى ھەم ئافرىقىنى تالان-تاراج قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارىغا ئايلاندى. 1885-يىلدىن 1914-يىلغىچە ئەنگلىيە تەخمىنەن%30 ئافرىقا نوپۇسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەمما ئوخشاش مەزگىلدە فرانسىيە %15 ئافرىقا نوپۇسىغا،گېرمانىيە %9 گە، بېلگىيە %7 گە، ئىتالىيە %1 گە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. ئەنگلىيەنىڭ نىگېرىيەدىن ئىبارەت بىرلا مۇستەملىكىسىدە 15 مىليون ئادەم بولۇپ فرانسىيەگە قاراشلىق بارلىق غەربى ئافرىقا ۋە گېرمانىيەنىڭ بارلىق مۇستەملىكىلىرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا تەڭ كېلەتتى.

كانادا (1867-يىل) ،ئاۋسترالىيە (1901-يىل)، يېڭى زىلاندىيە (1907-يىل)، يېڭى فوندلاندىيە (1907-يىل) ۋە جەنۇبى ئافرىقا ئىتتپاقى(1910-يىل)لارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن دومىنئون ( ئاپتونومىيلىك جاي) ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ برىتانىيە ئېمپىرىيىسى ئىمپېرىيەدىن برىتانىيە فېدېراتسىيسگە ئۆزگىرشىكە باشلاندى. بۇ يېڭى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەنگلىيەلىك سىياسيونلار بىلەن بىرلىكتە 1887-يىلدىن باشلاپ  قەرەلىك ئۆتكۈزۈلدىغان مۇستەملىكە يىغىنىغا قاتناشتى،مۇستەملىكە يىغىنى 1907-يىلىغا بارغاندا ئىمپېرىيە يىغىنى دەپ ئاتالدى.

دومىنئونلار (ئاپتونومىيلىك جاي) ئارىسىدىكى تاشقى مۇناسىۋەتكە ئاساسلىقى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولاتتى، كانادا 1909-يىلى گەرچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەسسىس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىمپېرىيە ئىچىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنىلا ئەنگلىيەنىڭ كاناداغا ئەۋەتكەن ۋالىيسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشاتتى. ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئالىي ۋەكىللىرى (كانادا 1880-يىلى ئۆزىنىڭ ئالىي ۋەكىلىنى تۇنجى بولۇپ ۋەزىپىگە قويغان، ئاۋسترالىيە 1910-يىلى ۋەزىپىگە قويغان)بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ئەلچىلىرى ئىزچىل زىچ ئالاقىلىشىپ تۇراتتى. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە  ئىمپېرىيەدىكى بارلىق ئاپتونومىيلىك جايلار ھۆكۈمەتلىرىگە ۋەكالىتەن ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ھەرقايسى ئاپتونومىيلىك جايلار تاشقى ئىشلار سىياسىتىدە ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى چوڭ ئەركىنلىككە ئىگە ئىدى، ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرى پەقەت ئەنگلىيە مەنپەئەتىگە روشەن خىلاپلىق قىلمىسىلا بولاتتى.كانادىكى لېبرالىستلار پارتىيسى ھۆكۈمىتى 1911-يىلى ئامېرىكا بىلەن قوش تەرەپلىك ئەركىن سودا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېلىشمى ئىمزالىغانىدى، بىراق بۇ كېلىشىم ئاخىردا ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىسيىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقلىنالمىدى.

دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە، ئەسلىدە ھەرقايسى ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ مۇداپىئەسى بىرلىككە كەلگەن ئىمپېرىيە ھەربى رامىكىسغا ئېلىپ كىرىلگەن ئىدى، 1900-يىلدىن كېيىن بۇنى ساقلاپ كېلىش تەسكە چۈشتى، چۈنكى ئەنگلىيە بۇ چاغلاردا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىردا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئېلىشقا باشلىغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە يەنە كۈنسايىن كۈچىيۋاتقان گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. 1909-يىلى برىتانيە ئېمپىرىيسى ھەرقايسى ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيسىگە ئىگە بولۇشىنى قارار قىلدى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ 1887-يىلدىكى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيسىنى ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلەش بەدىلىگە ئەنگلىيەنىڭ تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى فىلوتلىرنىڭ بۇ جايغا ئورۇنلىشىش كېلىشىمىگە مۇخالىپ ئىدى.

بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندى كېيىن برىتانىيە ئېمپىريىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق  كەڭ كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىكىنى تاماملىدى.ئەنگلىيە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ تەستىقى بىلەن ئەسلىدە ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان ئىراق بىلەن پەلەستىنگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. گېرمانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان تانگانىيكا،غەربى-جەنۇبى ئافرىقا (بۈگۈنكى نامىبىيە) ۋە يېڭى گۋىنىيەلەر بىرىتانىيە ئېمپىرىيىسىگە بۆلۈپ بېرىلدى (ئەمەلىيەتتە، غەربى-جەنۇبى ئافرىقا جەنۇبى ئافرىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا،يېڭى گۋىنىيە ئاۋسترالىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى). بىراق بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ رېينلەندىيە (Rheinland) ۋە غەربى گېرمانىيەدىكى ئىشغالىيەت رايونلىرى بىرىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارالمىدى.

ئەنگلىيە گەرچە ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگە ۋە يېڭى مۇستەملىكەلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇرۇشقا كەتكەن غايەت زور خىراجەت كەتتى ، بىر ئىمپېرىيەگە كېرەكلىك غايەر زور چىقىمنى ئۈزلۈكسىز قامداشقا ئامالسىز قالدى. بىرلەشمە پادىشاھلىقتا نەچچە مىليون ئادەم ئۆلۈپ كەتتى،سانسىز مال-مۈلۈك ۋەيران بولدى،نەتىجىدە ئەنگلىيە پاتتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلدى، كاپىتال بازىرى قالايمىقانلاشتى چەتئەللەردىكى مۇستەملىكەلەردە ئەنگلىيەلىك ئەمەلدارلار سانىدا قىسلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،كونا-يېڭى مۇستەملىكەلەردە مىللەتچلىك كەيپىياتى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى، ئىمپېرىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ھەمدە غەيرى ئاق تەنلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا يولۇققان كۈچلۈك ئىرقى كەمسىتىش بۇ خىل مىللەتچىلىك كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۋەتتى.

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ھەرقايسى ئاپتونومىيلىك جايلاردا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بىر مەزگىل بولدى.ھەرقايسى ئاپتونومىيلىك جايلار بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغان چاغدا ئۇرۇشقا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقىنى قارار قىلىش ھوقۇقى تېخى يوق بولغان بولسىمۇ، 1919-يىلى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىنكى ‹ۋېرېسال شەرتنامىسى› نى ئەنگلىيە ۋە ھەرقايسى ئاپتونومىيلىك جايلار ئۆزئالدىغا ئىمزالىغانىدى. 1922-يىلى ئاپتونومىيلىك جايلار ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەگە بولغان ھەربى ھەركىتىنى قوللاۋېرىشنى خالىماي، ئەنگلىيەنى تىنىچ بولغان سۈلھى لايىھسى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى.

ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى 1926-يىلدىكى بالفور خىتابنامىسى ۋە 1931-يىلدىكى ‹ۋېستمىنستېر قانۇن› ى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى بۇ قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى: بارلىق ئاپتونومىيلىك جايلار ئەنگلىيە بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ، ئاپتونومىيلىك جايلار ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان تاشقى ئىشلار سىياسىتى ئەركىنلىكىدىن بەھىرمەن بولىدۇ.مۇستەملىكىلەر 1907-يىلى ئىچكى قىسىمىدا ئاپتونومىيلىك جايلار ئىشلىرنى باشقۇردىغان تارماق تەسسىس قىلدى. 1925-يىلى مۇستەملىكىلەر ئايرىلىپ چىققاندىن كېين مۇستەقىل  بولغان دومىنئون( ئاپتونومىيلىك جاي) مىنىستىرلىكىنى تەسسىس قىلدى ھەم 1930-يىلى تۇنجى مىنىستىرلىك ۋەزىرىگە ئىگە بولدى.

كانادا 1923-يىلى تۇنجى بولۇپ تاشقى ئىشلار شەرتنامىسى ئىمزالىغان ئاپتونومىيلىك جاي بولۇپ قالدى، 1927-يىلى كانادا ۋاشېڭتونغا تۇنجى مەڭگۈلۈك دىپلومات ئەۋەتتى.1940-يىلى ئاۋسترالىيەمۇ چەتئەللەرگە تۇنجى دىپلوماتىنى ئەۋەتتى.

ئىرېلاندىيە ئەركىن دۆلىتى بىر مەيدان ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قانلىق ئۇرۇشتىن كېيىن 1921-يىلى ئاندىن ئاپتونومىيلىك جاي ئورنىغا ئېرىشتى. 1937-يىلى ئىرېلاندىيە ئەنگلىيە بىلەن ئاساسىي قانۇندىكى مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئۈزدى ھەمدە 1949-يىلى برىتانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سىرتىدىكى تولۇق مۇستەقىل  دۆلەت ئىرېلاندىيە جۇمھۇريىتىگە ئايلاندى.ئەسلىدىنلا مۇستەقىل تاكى 1922-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئەنگلىيە تەرپىدىن تىزگىنلەنگەن مىسىرمۇ 1936-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئاساسىي قانۇندىكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى،(گەرچە ئەنگلىيە 1956-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن مىسىردىن قوشۇن چېكىندۇرگەن بولسىمۇ) 1922-يىلدىن ئەنگلىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىراقمۇ 10-يىلدىن كېيىنكى 1932-يىلى تولۇق مۇستەقىل بولدى.

20-ئەسىرنىڭ باشلىردا مىللەتپەرۋەرلىك كەيپىياتى ئەۋج ئېلىشقا باشلاپ مېتروپولىيە (خوجايىن دۆلەت) لەرگە جەڭ ئېلان قىلدى. شۇ چاغلاردا مېتروپولىيەلەرمۇ ئۆز زېمىنى ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى،بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ خىل يۈزلىنىش تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى. ھىندىستان مۇشۇ تارىخى پۇرسەتنى تۇنجى چىڭ تۇتقان دۆلەت بولۇپ قالدى،ئۇندىن كېيىن ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن مۇستەملىكەلەر ئۇنىڭدىن ئۆگەندى. ئەنگلىيەمۇ بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەتنى ئاخىرى قوبۇل قىلىدى ھەمدە بۇرۇنقى برىتانىيە ئېمپىريىسىنى بۈگۈنكى برىتانىيە فېدېراتسىيەسىگە ئايلاندۇردى.

1947-يىلدىكى ئىقتىسادى كىرزس كلېمېنت رىچارد ئاتتلى (Clement Richard Attlee) نىڭ ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى ئەنگلىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى قوغداشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىپ ئامېرىكىنىڭ قەد كۆتۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.ئەنگلىيە چوقۇم ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرسىدىكى تولغانغان مۇناسىۋەت ھازىرغىچە تولۇق ھەل بولۇپ كەتمىدى.

1939-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ گېرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى پەقەت ئۆزى ۋە ئاۋسترالىيەگىلا ۋەكىللىك قىلدى(ئەينى ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە ۋېستمىنستېر قانۇنىنى تېخى رەسمىي قوبۇل قىلمىغانىدى). ئىرېلاندىيەدىن باشقا (ئىرېلاندىيە بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى ھەم ئۇرۇشتا بىتەرەپلىكنى ساقلىدى)، ئاپتونومىيلىك جايلار گېرمانىيەگە ئايرىم-ئايرىم ئۇرۇش قىلغانىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەنگلىيەنىڭ ئەسلىدىنلا ئاجىزلىشىشقا باشلغان ئىقتىسادى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى ھەمدە ئاپتونومىيلىك جايلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئەنگلىيەگە ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى گەۋدىلەندى. 1942-يىلى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون كۇرتىن (John Curtin) ئىلگىرى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەنگلىيە قاراشلىق بېرمىدا تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرنى ئاۋسترالىيەنى قوغداش كۈرشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كەلدى.

ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زىلاندىيە 1951-يىلى ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان ئاۋسترالىيە-يېڭى زىلاندىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسىگە ئەزا بولدى، شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ ئورنىنى بېسىپ تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى يېڭى ھەربىي يېتەكچى كۈچكە ئايلاندى.ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىمۇ 1961-يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئورتاق گەۋدسىگە كىرىشنى كۆزلىدى ھەم 1973-يىلى مەقسىتىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە بىلەن ئۇنىڭ ئاپتونومىيلىك جايلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئەسلىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ئاجىزلىدى،ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئەنگلىيە بازارلىرىغا كىرسە ئالاھىدە ئېتىبار مۇئامىلدىن بەھىرمەن بولالمايدىغان بولدى.

كارب، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە تىنىچ ئوكيان رايونلىردا ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇستەملىكسىزلەشتۈرۈش ھەركىتى مىسىلسىز تېز سۈرئەتتە تەرەقىي ، ئەنگلىيەمۇ بۇ خىل دولقۇننى توسۇشنى تازا كۆزلىمىدى. 1956-يىلدىكى سۈۋەيش قانىلى كىرزسدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ مىسىرغا بولغان ياردىمى ئاستىدا مىسىرغا بولغان ئارلىشىشنى مەجبۇرى توختاتتى.

1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىلىققا ئېرىشتى، بۇ ھىندىستان دۆلەت پارتىيسىنىڭ مۇستەملىكچىلىككە قارشى 40 يىلدىن ئارتۇق  كۈرىشنىڭ غەلبىسى ئىدى.بىراق ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ھىندى مۇرتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدىكى نىزادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئايرىلىشدەك ئېغىر بەدەل تۆلىگەنىدى.ئەنگلىيە ۋە باشقا ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلىشى بۈگۈنكى برىتانيە فېدېراتسىيە تەشكىلاتنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.

1948-يىلى بېرمىمۇ مۇستەقىل بولدى،بىراق برىتانىيە فېدېراتسىيسىگە كىرىشنى تاللىمىدى.ئۇندىن كېيىن يەنە سرىلانكا (1948-يىل) ، مالاييا (1957-يىل) لەرمۇ مۇستەقىل بولدى. 1948-يىلى ئەنگلىيە پەلەستىن رايونىدىكى ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى،شۇندىن كېيىنىكى نەچچى ئون يىل مابەينىدە يەھۇدىلار بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرسىدىكى قانلىق زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى ئۈزۈلمىدى. ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا گرىكچە سۆزلەيدىغان سىپرۇسلۇقلار ئىزچىل پارتىزانلىق جەڭلەر ئارقىلىق سىپرۇسنىڭ گرىسسىيە تېرىتورىيسىدە قېلىشنى ئارزۇ قىلدى، بىراق 1960-يىلى سىپرۇس يەنىلا مۇستەقىل بولۇپ كەتتى.

برىتانىيە ئېمپىريىسنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئاخىرلىشىشى ناھايتى تېز بولدى، ھەتتا يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر مۇستەقىللىقتىن كېيىنىكى خىرىسلارغا يۈزلىنەلمەي قالدى.1957-يىلى گانا 10يىللىق مىللەتپەرۋەرلىك ھەركىتىدىن كېيىن ئاخىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشتى، ئۇندىن  كېيىن نىگېرىيە(1960-يىل)، سېررالېئون ۋە تانگانىيكا (1961-يىل) ، ئۇگاندا (1961-يىل)، كېنىيە ۋە زانزىبار (1963-يىل) ،گامبىيە (1965-يىل) .بوتسۋانا ۋە لېسوتو (1966-يىل) ،سۋازىلاندىيە (1968-يىل) لارمۇ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.

ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى ئافرىقىدىن قوشۇن چېكىندۈرشى شۇ يەردىكى ئاق تەنلىك ئاھالىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى،كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ماۋماۋ قوزغىلىڭى  ئاق تەنلىك پومچېكلارنىڭ ھوقۇقنى ئىگەللىۋېلىشى ئافرىقىدىكى يەرلىك خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسەتتى.جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھاكىميىتنىڭ ئىزچىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشى برىتانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كۆڭلىدىكى بىر تۈگۈن بولۇپ، 1994-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىرقى ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئاق تەنلىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان رودېسىيە فېدېراتسىيەسى 1964-يىلدىكى مالاۋى بىلەن زامبىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا  مۇستەقىل بولۇشى بىلەن پارچىلنىپ كەتكەن بولسىمۇ،جەنۇبى رودېسىيەدىكى ئاق تەنلىكلەر (ئۇلار 1923-يىلدىن باشلاپ ئىزچىل بىر ئاپتونومىيلىك مۇستەملىكە ئىدى) مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئافرىقىلار ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھاكىميىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسدا بۇ رودېسىيە ھاكىميىتى تاكى 1979-يىلغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇردى،ئاخىردا ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن كېلىشىم ئىمزالاپ كۆپ تەرەپ ئورتاق باشقۇردىغان زىمبابىۋى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئۆمىرى قىسقا غەربى ھىندى فېدېراتىسيەسى (1958-يىلدىن 1962-يىلغىچە) نىڭ مەغلۇبىيتىدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ كارب دېڭىزدىكى كۆپ سانلىق مۇستەملىكىلىرى بۆلۈپ باشقۇرۇشنى تاللىدى. 1962-يىلى يامايكا بىلەن ترىنادا ۋە توباگو، 1966-يىلى باربادوس ۋە كارب دېڭىدىكى ئارال دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولدى.ئەنگلىيەنىڭ تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى مۇستەملىكلىرىىمۇ كېيىنكى يىىللاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇستەملىكسىزلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. يېڭى كونسېسىيەنىڭ 99 يىللىق ئىجارە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋە جوڭگو-ئەنگلىيەنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ئەنگلىيە 1997-يىلى شىياڭگاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى جوڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

نۆۋەتتە  ئەنگلىيەنىڭ قولىدا يەنە بىر قىسىم مۇستەملىكەلەر بار.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#