ھېينى

ھېينرىخ ھېينى (1797-1856-يىللار) 19-ئەسىردىكى گېرمانىيە نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى. ئۇ كىچىكىدىنلا بۇرژۇئازىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغان فرانسىيە گە تەلپۈنگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھېينرىخ ھېينى
باشقا نامى Heinrich Heine
تۇغۇلغان ۋاقتى 1797-يىلى
كەسپى شائىر، يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 海因里希·海涅
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1856-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھېينىھېينرىخ ھېينى (1797-1856-يىللار) 19-ئەسىردىكى گېرمانىيە نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى. ئۇ كىچىكىدىنلا بۇرژۇئازىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغان فرانسىيە گە تەلپۈنگەن. 1830-يىلى فرانسىيە خەلقى قايتا تىرىلگەن بوربۇن خانىدانلىقىنى ئىيۇل ئىنقىلابى ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بۇ خەۋەر گېرمانىيە گە يېتىپ كەلگەندە، ھېينرىخ ھېينى ئىنتايىن شادلاندى، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: «قەلبىم شادلىق ۋە ناخشىغا تولدى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم شەمشەر ۋە يالقۇنغا ئايلاندى». ئۇ: «تارمار قىلىشقا توغرىلىغان قورالىمنى قولۇمغا ئېلىپ»، «بېشىمغا گۈلتاج كىيىپ ھايات-ماماتلىق جەڭگە ئاتلىنىمەن» دەپ قەسەم قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن شەمشەر ۋە ئوتقا ئوخشاش شېئىرلىرى بىلەن مۇستەبىتلىككە، زۇلمەتكە قارشى تۇردى، ئىنقىلابنى مەدھىيىلىدى، بىر ئۆمۈر، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى، ئۇ يەنە كېيىنكىلەرگە ئۆزىنىڭ تاۋۇتى ئۈستىگە گۈلچەمبىرەك قويماستىن، بىر تال شەمشەر قويۇپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلدى.

ھېينىھېينرىخ ھېينى 19 يېشىدىن باشلاپ لىرىك شېئىرلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان، 1827-يىلى «شېئىر توپلىمى» نى نەشر قىلدۇرغان. توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆزىنىڭ مۇھەببەت دەردى باش تېما قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكى ئىزھار قىلىنغان شۇنداقلا جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ساددا، ھېسسىياتى چىن، ۋەزنى رەتلىك، ئاھاڭدار، خەلق قوشاقلىرى ئۇسلۇبىغا ۋە رومانتىزم تۈسىگە ئىگە. 1831-يىلىدىن باشلاپ ھېينى فرانسىيىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ بۇ يەردە ھيۇگو، بالزاك، گېئورگى سان قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن دائىم بېرىش-كېلىش قىلدى شۇنداقلا ئۇ يەنە ئوتۇپىك سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ فرانسىيە بوربۇن خانىدانلىقىنىڭ ئەكسىيەتچى ماھىيىتىنى پاش قىلدى. «رومانتىكلار» دېگەن كىتابىدا سەنئەت تۇرمۇشتىن ئايرىلماسلىقى، شېئىرلاردا قىلچە بەدىئىيلىكى بولمىغان ئىنقىلابىي شوئارلارنىلا يېزىۋەرمەسلىك كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

1843-يىلى ھېينى ماركس بىلەن تونۇشتى، بۇ ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئىجادىيىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. سىياسىي شېئىر توپلىمى «دەۋر شېئىرلىرى» دا سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلدى. 1844-يىل 6-ئايدا گېرمانىيىدىكى سىلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، ھېينې «سىلسىيە ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى» دېگەن شېئىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ كۈرىشىگە ئاكتىپ مەدەت بەردى، گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ ئەزگۈچىلەرگە چىش-تىرنىقى بىلەن ئۆچلۈكى ۋە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ئىپادىلىدى، «ساختا ۋەتەن»، «بايلارنىڭ پادىشاھى» ۋە ئەكسىيەتچى دىننى غەزەپ بىلەن تىللىدى ۋە ئۇلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. 

ھېينرىخ ھېينى 1843-يىلى يەنە مەشھۇر داستانى «گېرمانىيە − قىشتىكى چۆچەك» نى يازدى، شېئىردا سىمۋول قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، ئاجايىپ تەسەۋۋۇر ۋە رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى خىلمۇخىل رەزىل ھادىسىلەرگە ۋە ئەكسىيەتچىلەرگە كۈچلۈك زەربە بەردى، ئەسەردە ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە گۈزەل جەمئىيەتكە تەلپۈنۈشى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، شېئىردىكى ئاچچىق مەسخىرە، سەرخىل ئوخشىتىش، كۈچلۈك ئۇرغۇ ۋە ئوبرازلىق، جانلىق تىل ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكىنى ۋە بەدىئىيلىكىنى مۇكەممەل بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە ئەدەبىياتى تارىخىدىكى رېئالىزم بىلەن رومانتىزم ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈلگەن مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#