كېپىنەك بېلىق

كېپىنەك بېلىقنىڭ رەڭگى كۆركەم بولۇپ، قارىماققا چىرايلىق كېپىنەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ تېنى ھەم ياپىلاق، ھەم نېپىز بولغاچقا، خەتەرگە يولۇققاندا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كىچىك مارجان خادا تاشلار ئارىسىغا ۋە تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ. كېپىنەك بېلىق ئاجايىپ قالتىس « ھۆسن ئۆزگەرتىش پادىشاھى » بولۇپ، ئۇلار نەچچە مىنۇت ۋاقىتتىلا ئۆز بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كېپىنەك بېلىق
ئىنگلىزچە نامى Butterflyfish;
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى كېپىنەك بېلىق ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蝴蝶鱼
تارقالغان رايونلار تىنچ ئوكيان، شەرقىي ئافرىقا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئوكۇنسىمانلار تۈركۈمى
لاتىنچە نامى Chaetodon spp

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېپىنەك بېلىق كېپىنەك بېلىق ئادەتتە ئىسسىق بەلباغ بېلىقلىرى، كىچىك مارجان بېلىقلار تۈرى، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، ئىنچىكە يوللۇق كېپىنەك بېلىق. كېپىنەك بېلىق تېنى ياپىلاق، مارجان خادا تاشلار توپى ئارىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار تېز ۋە چاققان مارجان شاخلىرى ياكى تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ. كېپىنەك بېلىق ئاغزى شەكلى ناھايىتى مۇۋاپىق ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار مارجان ئۆڭكۈرىگە بېرىپ تۇرىدۇ. كېپىنەك بېلىقنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى داغ قارىماققا كىچىك كۆزگە ئوخشايدۇ ، ئوزۇقلۇق تۇتقۇچى دائىم كېپىنەك بېلىقنىڭ قۇيرۇق قىسمى بىلەن باش قىسمىنى ئاسان پەرق ئېتەلمىگەچكە ، كېپىنەك بېلىق غىپپىدە تىكىۋىتەلەيدۇ . 

كېپىنەك بېلىقئادەتتىكى ئاتىلىشى: ئىسسىق بەلباغ بېلىقلىرى، مارجان بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

ئائىلىسى ئۇرۇقدىشى : سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى، ئوكۇنسىمانلار ئەترىتى، كېپىنەك بېلىق ئائىلىسى. 

تۈرلەرنىڭ سانى : دۇنيادا تەخمىنەن 18 ئۇرۇقداش، جۇڭگودا 14 خىلدىكى تەخمىنەن 40 كېپىنەك بېلىق ئائىلىسى بار. 

كېپىنەك بېلىقبەدىنى ياپىلاق ھەم ئىگىز، رۇمبا ياكى تۇخۇمسىمان شەكىلدە. ئەڭ چوڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، ئىنچىكە يوللۇق كېپىنەك بېلىق. ئېغىزى كىچىك، ئالدىغا سەل سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئىككى ئىڭىكىدىكى چىشلىرى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، ئۆتكۈر، قىلچىق ھالەتتە ياكى چوتكا قىلى ھالەتتە بولىدۇ؛ تاڭلاي سۆڭىكىدە چىشى يوق. كېپىنەك بېلىق ئاغزى شەكلى ناھايىتى مۇۋاپىق ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار. 

كېپىنەك بېلىقكېپىنەك بېلىق ئىللىق ئوكيان سۈيىدە ياشايدىغان، ياشاش تۇرمۇشى كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان كىچىك بېلىق تۈرى. كېپىنەك بېلىق سۇدا ئۆسىدۇ، كىچىك مارجان خادا تاشلىرى بېلىقلىرى تۈرىدىن، بەدىنى ياپىلاق ماس مارجان توپى ئارىسىدا ئۇياق - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار تېز ۋە چاققان مارجان شاخلىرى ياكى قورام يېرىقىدىن مارجان ئۆڭكۈرىگە كىرىۋالىدۇ، ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، مەسىلەن، ئىنچىكە يوللۇق كېپىنەك بېلىق. 

كېپىنەك بېلىقتارقىلىش رايونى پۈتۈن دۇنيادا 6 ئائىلىسى 30 نەچچە تۈرى بار، ئاساسلىقى ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىر قەدەر ئىللىق سۇ رايۇنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا ئاز مىقداردا، يېڭى گۋېنىيە تاتلىق سۇ رايۇنىغا ئاز مىقداردا تارقالغان. جۇڭگو تەيۋەن دېڭىزى، شىشا تاقىم ئارىلى دېڭىز قاتارلىق رايۇنلارغا تارقالغان. 

يېمەكلىكى : كىچىك تىپتىكى ئۇمۇرتقىسىز ھايۋان، كىچىك تىپتىكى قاپلىق (قاسراقلىق) ھايۋانلار. [0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#