ئەجەل پۈتۈكى

ئەجەل پۈتۈكى ناملىق بۇ كارتون فىلىمدە دىۋە ريۇكۇ ئىنسانلار دۇنياسىغا تاشلىۋەتكەن بىر ئەجەل پۈتۈكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى رايتونىڭ تېپىۋالغانلىقى ۋە بۇ پۈتۈككە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسا شۇنىڭ ئۆلىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئەجەل پۈتۈكى
تۈرى ۋەقەلىك، جىددىي، فانتازىيە، رازۋېدكا، جىنايەت
قويۇلغان ۋاقتى 2006-يىل 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2007-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە
ئىشلەنگەن ئورۇن ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(NTV)ياپونىيە
سېنارىست ئىنو توشىكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 死亡笔记
باشقا نامى デスノート
ئىشلىگەن شىركەت ياپونىيە
رېژىسسور ئاراكى تېتسۇرو
بۆلۈم سانى 37

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەجەل پۈتۈكىئەجەل پۈتۈكى ناملىق بۇ كارتون فىلىمدە دىۋە ريۇكۇ ئىنسانلار دۇنياسىغا تاشلىۋەتكەن بىر ئەجەل پۈتۈكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى رايتونىڭ تېپىۋالغانلىقى ۋە بۇ پۈتۈككە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسا شۇنىڭ ئۆلىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. دەسلىۋىدە ئۇ بۇ خاتىرنىڭ خاسىيىتىگە ئىشەنمەيدۇ، كېيىن ئىسمىنى مۇنداقلا يېزىپ قويغان ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاستا-ئاستا بۇ خاتىرىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ ھەم خاتىرىگە تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەم قانۇن تورىنىڭ سىرتىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ بىر گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ICPO) نىڭ ئالاھىدە ساقچىسى L بولسا رايتونىڭ قىلمشىنى خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈش، قىرغىنچىلىق دەپ قاراپ پۈتۈن دۇنيا ساقچى كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ (L نىڭ مۇشۇنداق ھوقۇقى بار، ئۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولغانلىقتىن ب د ت ئۇنىڭغا مۇشۇ ھوقۇقنى بەرگەن) رايتونى تۇتماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى ھايات ماماتلىق ئەقىل سىنىشىش باشلىنىدۇ.

سىز بۇ كارتوندىن ئاقكۆڭۈل، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر بالىنىڭ ئاستا-ئاستا رەزىللىك قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىگە، بىر ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ئادەمگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولىسىز.

2003-يىلى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ كارتون رەسىم ژورنىلى «ياشلارJump»نىڭ يىللىق ئوقۇرمىنى ئەڭ زور چىمپىيونلۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى كارتون نۇسخىسى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#