شېرلى تەمپول

شېرلى تەمپول

شېرلى تەمپول 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانت مونىكادىكى بىر بانكا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. «ھەيدى»، «كىچىك ئىسيانكار»، «يالتىراق كۆز» ناملىق نادىر فىلىملىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ھاۋاخان ھېيىت ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق «بالا چولپان».

ئۇيغۇرچە ئىسمى شېرلى تەمپول
باشقا نامى Shirley Temple
يۇرتى كالفورنىيە شىتاتى سانت مونىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ماگرىن ئۇسسۇل مەكتىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 秀兰·邓波儿
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
كەسپى ئارتىس، ئەمەلدار
توختاملاشقان شىركەت فوكىس كىنو شىركىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شېرلى تەمپول«ھەيدى»، «كىچىك ئىسيانكار»، «يالتىراق كۆز» ناملىق نادىر فىلىملىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ھاۋاخان ھېيىت ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق «بالا چولپان» شېرلى تەمپول 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانت مونىكادىكى بىر بانكا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈر چاغلىرىدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق بالا چولپىنىغا ئايلانغان.

ئۇ يەنە ئامېرىكا تارىخىدىكى دىپلوماتىيە كۈتۈم مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى ئايال مەھكىمە باشلىقى، شۇنداقلا كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى بالا چولپان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى ئۇنى «ماگرىن» نامىدىكى بىر ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەرگەن.

1934-يىلى، ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن شېرلى تەمپول «دەس تۇرۇپ ئالقىشلايلى» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمگە قاتناشقان ھەمدە تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.

1999-يىلى، شېرلى تەمپۇل بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن، ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى باھالاپ چىققان «بىر ئەسىردە يۈز مەشھۇر چولپان» تىزىملىكىدە 18-رەتكە تىزىلغان.

شېرلى تەمپول 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيەدىكى ئۆيىدە 85 يېشىدا ۋاپات بولغان.

شېرلى تەمپولشېرلى تەمپولنىڭ موزىكىغا بولغان قىزىقىشى 2 يېشىدىلا باشلانغان، ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى ئۇنى «ماگرىن» نامىدىكى بىر ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ مەكتەپ ھوللىۋود چولپانلىرىغا نامزات ئىزدەيدىغان ۋاستىچىلەر دائىم قەدەم تەشىرىپ قىلىدىغان جاي ئىدى. شېرلى تەمپولنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ بىر كۈنلەردە مۇھىم روللارغا چىقىدىغان داڭلىق ئارتىس بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

1934-يىلى، سانت مونىكادىكى بىر كىنوخانىنىڭ ئالدىدا بۇ ئانىنىڭ ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلانغان. بۇ چاغدا كۈي نەزمىسى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جەي جەنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدىكى «دەس تۇرۇپ ئالقىشلايلى» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى كىنوخانىنىڭ پەلەمپىيىدە سەكرەپ ئوينىغاچ ئانىسىنى كۈتىۋاتقان شېرلى تەمپولغا تىكىلىدۇ ھەمدە يېزىۋاتقان سىنارىيەگە يەنە بىر ئوبراز قوشۇپ، بۇنىڭغا شېرلى تەمپولنى چىقىرىش قارارىغا كېلىدۇ. جەي جەنىنىڭ پەرەز قىلىغىنىدەك، بۇ فىلىم قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا بەش ياشتىن ئاشقان شېرلى تەمپول بىراقلا يەتتە يىللىق رول ئېلىش توختامىغا ئېرىشىدۇ.

شېرلى تەمپول1934-يىلى شېرلى تەمپول فوكىس شىركىتى ئىشلىگەن «يېڭى گۈللەر جۇلاسى»، «ئوماق پەرىشتە»، «بالا مەشۇق» قاتارلىق سەككىز فىلىمدە رول ئالىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى باشقىلار يىتەلمەيدىغان تالانتى بىلەن ئون داڭلىق چولپاننىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا 7-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالاھىدە ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

1935-يىلى، شېرلى تەمپول «كىچىك ئىسيانكار» قاتارلىق ئۈچ فىلىمدە باش رولچى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى روزۋېلىت ئۇنى ئاقسارايغا مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شېرلى تەمپول ئاقسارايغا بارغاندا كەپسىزلىك قىلىپ بىر تال تاشنى بىرىنچى خانىمنىڭ دۇمبىسىگە ئاتىدۇ ۋە: «مېنىڭ قارىغا ئېلىشقا نەقەدەر ئۇستا ئىكەنلىكىمنى كۆرگەنسىلەر!» دەيدۇ.

1937-يىلى، ئۇ مىجەز-خاراكتېرى ئۆزى بىلەن جىپسىلاشقان «كىچىك مەلىكە» فىلىمىدە باش رولچى بولىدۇ.

1938-يىلى، 10 ياشقا كىرگەن شېرلى تەمپول ئامېرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتالايدىغان داڭلىق ئارتىسلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ناخشىلىرى، ئۇسسۇللىرى ۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدەك كۈلكىلىرى سانسىز كىشىلەرنى ھەيرەتتە قويغان ئىدى. ئۇنىڭ سىياقىدىكى «شېرلى قونچىقى» نۇرغۇن قىزلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلانغان.

1939-يىلىغا كەلگەندە، شېرلى تەمپولنىڭ رولغا چىقىش ھەققى 120 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 200 مىڭ دوللارلىق پايدا تەقسىماتىمۇ بار ئىدى. ھازىرغا نىسبەتەن بۇ ھەق ۋە پايدا كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن شۇ چاغدىكى بېلەت باھاسى 15 سېنت ئىدى. موشۇ بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، شېرلى تەمپۇلنىڭ قانچىلىك ئىقتىسادى قىممەت ياراتقانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. شۇ يىلى ئۇنىڭ بىلەن توختاملاشقان فوكىس كىنو شىركىتى MGM شىركىتىنىڭ شېرلى تەمپولنى ئارىيەت ئېلىپ «بوستانلىقتا غايىپ بولغان پەرىشتە» دىگەن فىلىمگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تەكرار بەرگەن تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنى «يىتىم قىز» فىلىمىگە قاتناشتۇرىدۇ. گەرچە فوكىس شىركىتى بۇ رول شېرلى تەمپولنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمەيدۇ، دىگەن باھانە بىلەن MGM شىركىتىنى رەت قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ بۇ تىللا دەرىخىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق ئىدى. ۋەھالەنكى، «يىتىم قىز» فىلىمىدىكى شېرلى تەمپول يىتىلىشكە باشلىغان بىر قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇرۇنقى گۈدەك، ساددا مىجەزى يوقالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرىدىكى جەلىپكارلىق بارغانسىرى يىتىلىۋاتقان تەن-سىياقى ئالدىدا سۇسلاشقان بولۇپ، تاماششىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى پەرىشتىدەك ئوماق بۇ ئوبرازنىڭ چوڭ بولۇشىنى قوبۇل قىلالمىدى.

شېرلى تەمپول40-يىللارنىڭ باشلىرىدا، شېرلى تەمپولنىڭ بۇرۇنقى كىشىنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدىغان بالىلىق ھالىتى بارغانسىرى جەلىپكارلىقىنى يوقاتتى. ئۇمۇ كىنوچىلىق ساھەسىدىن زىرىكتى. 15 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىنىڭ ئاكىسى، 22 ياشلىق ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرى جون ئاكار بىلەن تونۇشتى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئىككەيلەن توي قىلدى. بۇ چاغدا شېرلى تەمپول ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىشلىرى ھوللىۋودنىڭ كىنوچىلىقىدىن مۇھىم ئىدى. لېكىن ئاكار ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ئارتىس بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ،

ئاكارنىڭ بۇ قارارىدىن شېرلى تەمپول ھەيرانۇھەس بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا شېرلى ئاكارنىڭ ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىشىدىن قاتتىق تويۇپ كەتكەن ئىدى.

1950-يىلى، قىزى سۇسان تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىككەيلەن ئاجىرشىپ كەتتى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي شېرلى ھاۋايغا بارغاندا، سىتانفورد ۋە خارۋارد ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن چارلىس بلاك بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شېرلىنى خاتىرجەم قىلغىنى چارلىس ئۇ رولغا چىققان فىلىملەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. شۇنداقتىمۇ، ئېھتىيات يۈزسىدىن شېرلى تەمپول ئۆزىنىڭ قەدىناس دوستى، فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۇۋېرنى ياردەمگە چاقىرىپ چارلىس ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە توختالغاندا شېرلى تەمپول: «مەن يەنە بىر رەت ئازار يەپ قېلىشنى خالىمىدىم، بەختىمگە يارىشا چارلىس خۇددى ئالما مۇرابباسىدەك پاكىز چىقتى!» دىگەن.

1950-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، شېرلى تەمپول بىلەن چارلىس بىلاك توي قىلىدۇ ھەمدە ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ. شېرلى تەمپول كىنوچىلىق ساھەسىدىن رەسمىي چېكىنىشنى قارار قىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ بىرمۇ فىلىمدە رولغا چىقمايدۇ.

شېرلى تەمپول50-يىللاردا، شېرلى تەمپول ئۆزى ۋە ئۆزى رولغا چىققان فىلىملەر ھەققىدىكى بەزى پىروگىراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

60-يىللىرى بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى سۈپىتىدە سىياسىي ساھەگە قەدەم تاشلايدۇ. ئۇ بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان.

1974-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئو مۇشۇ چاغلىرىنى ئەسلىگەندە، ئۆزىنىڭ شۇ چاغلاردا ناھايىتى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن زۇڭتۇڭ فورد ئۇنى دىپلوماتىيە كۈتۈم مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقىلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى موشۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن تۇنجى ئايال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سەكسەن ياشتىن ھالقىغان شېرلى تەمپول گۈل بېقىشنى ۋە ئات مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر مۇنچە ئەرمەك ھايۋانلىرى ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ كىنوسىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە مۇنداق دىگەن: «مەن شېرلى تەمپولنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن ئۇنى چۆچەكلەردىن چىقمايدىغان غايىۋى ئوبراز قاتارىدا تەسەۋۋۇر قىلماستىن، بەلكى ئۇنى بىر ئايال ۋە ئانا سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ ۋاقىت ۋە قىزغىنلىق بىلەن يىتىلدۈرگىلى بولىدىغان يىڭىچە ياشاش ئۇسۇلىنى تېپىۋالدى. مەسىلەن، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىگە ئوخشاش؛ بالىلىقىدا ھوللىۋودنىڭ چولپىنى ئاتالغان ماڭا نىسبەتەن، يۇقارقىدەك ياشاشمۇ ئوخشاشلا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالايدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئۇتۇق قازانغان، بەخىتلىك بىر ئايال دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە تەلەيمۇ شۇنىڭ ئىچىدە!» شېرلى تەمپول ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ، ئۇ بۇھەقتە مۇنداق دىگەن: «ئەگەر ماڭا يەنە بىر قېتىم ياشاش نىسىپ بولىدىغان بولسا، بۇرۇنقى ھالەتلىرىمنىڭ بىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىگەن بولاتتىم!».

شېرلى تەمپولشېرلى تەمپول «ھەيدى»، «يالتىراق كۆز»، «دەس تۇرۇپ ئالقىشلايلى»، «يېڭى گۈللەر جۇلاسى»، «ئوماق پەرىشتە»، «بالا مەشۇق»، «كىچىك ئىسيانكار»، «كىچىك مەلىكە»، «يىتىم قىز» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان. 

شېرلى تەمپولشېرلى تەمپول 1934-يىلى ئوسكارنىڭ ئالاھىدە ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئامېرىكا كىنوچىلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن «1934-يىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخىس» دىگەن شەرەپكە نائىل بولغان.

ئۇ بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان؛  زۇڭتوڭ فورد ئۇنى دىلوماتىيە كۈتۈم مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقىلىقىغا تەيىنلىگەن؛ 1974-يىلى ئامېرىكىنىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن.

1989-يىلى، جورجى بوش، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

1988-يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۆسمۈر چولپان» ناملىق تەرجىمھالىنى نەشىر قىلدۇرغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#