كۇراسو ئارىلى

كۇراسو ئارىلى

كۇراسو ئارىلى  غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ئارال ۋېنېسۇئېلاننىڭ 100 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان .

ئۇيغۇرچە نامى كۇراسو ئارىلى
چەتئەلچە نامى Curacao
خەنزۇچە نامى 库拉索岛
كېلىمات ئىسسىق بەلباغ قۇرغاق كلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇراسو ئارىلىكۇراسو ئارىلى  غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ئارال ۋېنېسۇئېلاننىڭ 100 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر، كەڭلىكى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 443 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 161 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، قارا ھەم ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىك كرىئور خەلقلىرى ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدۇ، پاپىمەندو تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىنىڭ %82 ى كاتولىك دىنىغا، قالغىنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى ۋىللېمىستاد شەھىرى.

ئارالنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىر يەتمەيدۇ، ئارىلاپ ئېدىرلىقلار ئۇچرايدۇ، ئارالنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، تەبىئىي پورتلار كۆپ، غەربىي تەرىپىگە مارجان ئاراللار جايلاشقان.

 ئىقلىمى تروپىك قۇرغاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26-℃28 ئارىلىقىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 560 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ھۆل-يېغىنى 10-، 11-ئايلارغا مەركەزلەشكەن، ئارالدا تاتلىق سۇ كەمچىل . 

كۇراسۇ ئارىلىغا 1499-يىلى ئىسپانىيىلىكلەر كەلگەن، 1634-يىلى گوللاندىيە ئىگىلىگەن، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئىگىلىگەن، 1816-يىلى قايتا گوللاندىيە ئىگىلىگەن.

كۇراسو ئارىلى ئىقتىسادتا نېفىت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئارالدا گوللاندىيە ھەم ئامېرىكا كاپىتالى بىلەن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بار. يېزا ئىگىلىكىدە تالالىق ئاگاۋى ھەم ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يېمەك-ئىچمەك بىلەن سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئارالنىڭ تاشيول، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. خەلقئارا ئايرودرومى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلماقتا، كۇراسو ئارىلى 1956-يىىدىن باشلاپ، ئەركىن سودا رايونى قىلىپ ئېچىلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/681620.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#