پەنجاپ ئۆلكىسى
ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پەنجاپ شىتاتى بىلەن پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ نامى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پەنجاپھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پەنجاپ شىتاتى بىلەن پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ نامى. بۇ جايلار ئەسلى بىر پۈتۈن پەنجاپ نامى بىلەن ئاتىلاتتى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىلىپ ئايرىم دۆلەت بولغاندىن كېيىن، ئىككىلا دۆلەتتە پەنجاپ شتاتى ھەم ئۆلكىسى بارلىققا كەلدى. بۇ ئىككى ئورۇن جايلاشقان تۈزلەڭلىكىمۇ پەنجاپ تۈزلەڭلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. «پەنجاپ» دېگەن نام پارىسچە «پەنچ» (بەش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) ۋە «ئاب» (سۇ دەريا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) سۆزلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «بەش دەريا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ساتلېج، چېناب، راۋى، بېئاس، جېھلىمدىن ئىبارەت بەش تارماق دەريا رايونى «پەنجاپ» دەپ ئاتالغان. بۇ بەش دەريا ئېقىپ ئۆتكەن رايونلارمۇ پەنجاپ دەپ ئاتالغان.
پەنجاپ بولسا پاكستاننىڭ يىزا-ئېگىلىك ئەڭ تەرەققى قىلغان ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. ئاساسلىق سانائتى ،توقۇمچىلىق ،تەنتەربىيە بويۇملىرى ،
داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ،ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ،ماشىنا ،ۋېلىسىپىت ،قول ھارۋىسى ،مىتال بويۇملىرى ،پول ۋە يىمەلىككە ئىش قوشۇش قاتارلىقلار .ئاساسلىق زىرائەتلىرى :بۇغداي ،كېۋەز ،شال .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.