قەشقەرنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى

قەشقەرنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر كېنى، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال قېزىلما بايلىقى، خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيال كېنى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە ئۇنىڭ مېتاللوئىد كانلىرى، ھاك تاش كېنى قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  قەشقەر ۋىلايىتىدە قارا مېتال، رەڭلىك مېتال، قىممەتلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى بايلىقلىرىدىن چىرىمتال، خىرۇستال، خىروم، فوسفور، گۈڭگۈرت، كۆمۈر، ياقۇت، قاشتاش، تۆمۈر، مىس، سىنىك، قىممەتلىك شىپات، ئىسلاندىيە شىپاتى، ئاپاتىت، سىنكا، سېغىز توپا، ھاك تاش، گەج، سىڭىرتاش، تەبىئىي گاز، ئالماس، گىرانت تاش، دولومىت، مەرمەر تاش، تاشپاختا قاتارلىق مېتال ۋە غەيرىي مېتالدىن ئىبارەت 24 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى. ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكى جايلارغا تارقالغان: گىرانىت پېگماتىتىك تىپتىكى ئاق چىرىمتال رۇدىسى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مېتال قېزىلمىلىرى غەربىي قۇرۇمتاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىن پۇلتىيىپ چىققان بەلباغلاردا شەكىللەنگەن؛ شىكارن تىپلىق، ئىسسىق سۇيۇقلۇق تىپىدىكى تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك ۋە پېگماتىتىك ئىسسىق سۇيۇقلۇق تىپىدىكى خىرۇستال كېنى، ئاساسەن جەنۇبىي، شىمالىي قۇرۇمتاغ پۈرۈلمە بەلبېغىدا يېتىلگەن؛ تېكىلىك ئۈزۈلمە بۆلىكى ۋە كەلپىن ئۈزۈلمە بۆلىكىدە ئىسسىق سۇيۇقلۇق تىپىدىكى رەڭلىك مېتاللار ۋە بارىت، قاشتاش، سىمانتاش، ئىسلاندىيە شىپاتى، ئاپاتىت، تاشتۇز كېنى قاتارلىقلار يېتىلگەن؛ كۆمۈر، سېغىز توپا، ئاق چىرىمتال، ھاك تاش، سىڭىرتاش كۆپىنچە تارىم پىلاتفورمىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئولتۇرۇشما يەرلەردىن چىقىدۇ؛ قەشقەر ئولتۇرۇشمىسى، قاغىلىق ئولتۇرۇشمىسى، مەكىت يانتۇلۇقىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بار، مارالبېشى كۆتۈرۈلمىسىدىن ئالماس چىقىدۇ.

كۆمۈر

  قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆمۈرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايدىن 22 سى بار، كۆمۈرنىڭ يىراق كەلگۈسى زاپىسى 40 مىليون 230 مىڭ توننا، بۇنىڭ ئىچىدە كانسۇ كۆمۈر كېنىنىڭ زاپىسى 11 مىليون 977 مىڭ 200 توننا، يېڭىسار كۆمۈر كېنى (سېسىقتېكە كۆمۈر كېنى) نىڭ زاپىسى 4 مىليون 800 مىڭ توننا، يەكەن ناھىيەسى قارا تۇز كۆمۈر كېنىنىڭ زاپىسى 23 مىليون 450 مىڭ توننا.

تۆمۈر كېنى

  قەشقەر ۋىلايىتىدە تۆمۈر كان نۇقتىسىدىن بەشى بار، تۆمۈر مىقدارى %22-46 كە، قىسمەن كان نۇقتىلىرىنىڭ %50-60 كە يېتىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە ۋانادىي، تىتان، مىس، قوغۇشۇنمۇ بار.

  1) تىتانو ماگنېتىت كېنى، ئۇنىڭ ئىككى كان نۇقتىسى بار، ۋانادىي، تىتانو ماگنېتىت  كېنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ۋاجىدى تېغىغا جايلاشقان. رۇدا تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى مول بولۇپ، %20-49.99 كە، ئۈنۈمسىز تۆمۈر رۇدا مىقدارى %15-19.99 كە، تىتان دىيوكسىدى مىقدارى %5.3 كە، ۋانادىي ئوكسىدى مىقدارى %0.14 كە يېتىدۇ، تۆمۈر رۇدىسىنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 100 مىليون توننا، تىتان دىيوكسىدىنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 6 مىليون توننىغا، ۋانادىي ئوكسىدى زاپىسى 130 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.

  2) خالكو پېرروتىن كېنى. بۇ كان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۇدە دېگەن يېرىگە جايلاشقان. ئېنىقلانغان تۆمۈر رۇدىسىنىڭ مىقداى 174 مىڭ 700 توننىغا يېتىدۇم مىس رۇدىسىنىڭ مىقدارى 17 مىڭ 400 توننىغا يېتىدۇ.

  3) تاغارما تۆمۈر كېنى. بۇ كان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ 20 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى خۇلاڭكۇر جىلغىسىغا جايلاشقان. يەر ئۈستىنى تەكشۈرگەندە تۆمۈرنىڭ مىقدارى %38.4-58.19 كىچە، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ پەن-تېخنىكا كومېتىتى تۆمۈرنىڭ زاپىسىنىڭ 524 مىڭ توننا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 4) كاندۇر داۋىنى ماگنېت كېنى. بۇ كان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى كاندۇر داۋىنى ئەتراپىدىكى لايلاق جىلغىسىنىڭ تارماق جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە تۆت مۇستەقىل كان گەۋدىسى بارلىقى، تۆمۈر مىقدارى %20.14-65.73 كىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە 46.9 ئىكەنلىكى، سىنكنىڭ مىقدارى %0.01-23.02 كىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە %1.5 ئىكەنلىكى، يەر يۈزىدە ئېچىلىپ قالغان تۆمۈر رۇدىسىنىڭ مىقدارى 1 مىليون 60 مىڭ توننا بولۇپ، مېتاللىق سىنك مىقدارى 15 مىڭ توننا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

  5) خىخىزەنجەن تۆمۈر كېنى. بۇ كان شىنجاڭ–شىزاڭ تاشيولىنىڭ 321 كىلومېتىرلىق يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، كان تەۋەسىدىكى تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى %31.8 كە، زاپىسى 6 مىليون 74 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.

ئاز ئۇچرايدىغان مېتال قېزىلما بايلىقى

  1) قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يۇرۇڭتاقات قوغۇشۇن–سىنك كېنى. بۇ كان قاغىلىق ناھىيەسى چىپان كەنتىنىڭ 40 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، كان گەۋدىسى لىنزا شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، مېتال سىنك 22.5 توننا، مېتال قوغۇشۇن 22.5 توننا.

  2) نېكىل كېنى. بۇ كان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قورغان كەنتىنىڭ 1.2 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، چوڭ – كىچىك 39 كان ەەۋدىسى بار، مەدەن تىپى زىچ كاللەكسىمان ۋە كۈنجۈتسىمان، نىكېلنىڭ مىقدارى %0.11-0.32 كىچە، ئوتتۇرىچە %0.23. مېتال رۇدىلىرى ئاساسلىقى خىرومىت، پقكوتىت، ماگنىت قاتارلىقلار، غەيرىي مېتال كانلىرىدىن سېرپېنتىن، تالك، تىرېمولىت قاتارلىقلار بار، گىئولوگىيەلىك زاپىسى 5 مىليون 520 مىڭ توننا.

 3) ۋولفرام كېنى. بۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مىڭتېكە چېگرا مۇداپىئە مەلۇم قىسمى ئورۇنلاشقان شىمالىي تاغ دۈمبىلىگە جايلاشقان، سورتى بىرقەدەر مول، بىراق ۋولفرام مىقدارى ئىنتايىن ئاز.

 4) ئۈچ ئېلېمېنتلىق بېرىللىي كېنى. بۇ كان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، تۈز سىزىق ئارىلىقى 150 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتناش قولايسىز، زاپىسى 13.73 توننا.

  5) نادىر مېتاللار كان نۇقتىسى. بۇ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ۋاجىدى تېغىغا جايلاشقان. بۇ كان گەۋدىسىدە كاربونات تومۇرچىسى بولۇپ، ئاپاتىت بىلەن بىللە پەيدا بولغان، يەككە كانلاردىكى نادىر مەدەن مىقدارى %0.3-2 كىچە، ئەڭ كۆپ بولغاندا %5.43 كە يېتىدۇ. 3O2bN نىڭ تەركىبى %0.057، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشتا مەلۇم قىممەتكە ئىگە.

خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيال كېنى

  1) پىرىت كېنى. بۇ كان ئاساسلىقى قاغىلىق ناھىيەسىگە جايلاشقان، ئىككى ئورۇندىن پىرىت چىقىدۇ. بىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارقا تاغقا جايلاشقان، تۈز سىزىق ئارىلىقى 110 كىلومېتىر، كان رايونىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان 20 نەچچە جاي بار. تەخمىنەن 1 كىلومېتىر سوزۇلغان، رۇدا تىپلىرى ئاساسلىقى كۈنجۈتسىمان چېچلما ھالەتتە بولۇپ، ئاساسلىق رۇدىلار : پىرىت، پىرروتىت (ماگنىتلىق سېرىق تۆمۈر رۇدىسى) تىن، ئىككىلەمچى رۇدىلار سېرىق مىس رۇدىسى، گالېنىتتىن تەركىب تاپقان. بۇ تومۇر تاش مىنېراللىرى ئاساسلىقى كىۋارتىس قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. سېرىق تۆمۈر رۇدىسىنىڭ زاپىسى 270 مىڭ توننا، گۈڭگۈرت 60 مىڭ توننا، مېتال مىس 432 توننا، يەنە بىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈز سىزىق ئارىلىقى 178 كىلومېتىر. كان رايونىدا بەش كان گەۋدىسى بار،بۇنىڭ ئىچىدە 3–نومۇرلۇق كان گەۋدىسى ئاساسلىق كان گەۋدىسى بولۇپ، مەدەن تىپلىرى كاللەكسىمان ۋە كۈنجۈتسىمان چېچلما ھالەتتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى ئاساسەن سېرىق تۆمۈر رۇدىسى، كېيىنكىسى سېرىق تۆمۈر رۇدىسىدىن باشقا يەنە سىالفېرتمۇ بار. رۇدا تەركىبىدىكى گۈڭگۈرتنىڭ ئوتتۇرىچە سورتى %26.35، سېرىق تۆمۈر رۇدىسىنىڭ زاپىسى 37 مىڭ توننا.

  2) تەبىئىي گۈڭگۈرت كېنى. بۇ كاننىڭ بىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى راسكامغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا بىۋاستە ئارىلىقى 128 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەبىئىي گۈڭگۈرت ھاك تاش قاتلىمىغا جايلاشقان، كان گەۋدىسىنىڭ قېلىنلىقى 2–3 مېتىر، ئۈزۈك قاتلىمى 2 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا مىنېراللاشقان، مۆلچەرلەنگەن سورتى %10-15 كە يېتىدۇ، مول بولغانلىرى %20 تىن ئاشىدۇ، گۈڭگۈرت رۇدىسىنىڭ زاپىسى 100 مىڭ توننىدىن كۆپ. يەنە بىرى قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى شىنجاڭ–شىزاڭ تاشيولىنىڭ يەكەن دەرياسى جەنۇبى ي قىرغىقىدىكى ھەيدۇقسالاتقا جايلاشقان، گۈڭگۈرت كېنىنىڭ گەۋدىسى كىۋارتىسلىق چىپار جىنس بىلەن قېلىن قاتلاملىق ھاك تاش ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن، لىنزىسىمان ھالەتتە، مۆلچەرلەنگەن سورتى %5-15 كىچە، ئەڭ ياخشى بولغاندا 30-405 كىچە بولىدۇ، گۈڭگۈرت رۇدىسىنىڭ زاپىسى 10 مىڭ توننا ئەتراپىدا.

 3) فوسفور كېنى. ئۈچ جايدا كان نۇقتىسى بار. بىرىنچىسى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 5-داۋبەننىڭ شەرقىدىكى فوسفورلۇق قۇمتاش بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى–قەشقەر تاشيولىدىكى شېكەر كۆلنىڭ 41 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان، كان گەۋدىسى ئىككى قاتلامغا بۆلۈنىدۇ، تۆۋەن قاتلىمى قەۋەتسىمان ھالەتتە بولۇپ، بىرقەدەر مۇقىم، 5 كىلومېتىرغا سوزۇلىدۇ، قېلىنلىقى 1-1.5 مېتىرغىچە، فوسفورلۇق پىنتوكسىد مىقدارى ئادەتتە %1 كە، ئۈنۈملۈك فوسفور %0.5-0.8 كە يېتىدۇ، يۇقىرى قاتلىمى لىنزىسىمان ھالەتتە كېلىدۇ، يۆنىلىشى تۇراقلىق ئەمەس، ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر، قېلىنلىقى 0.15-0.47 مېتىرغىچە، فوسفورلۇق پىنتوكسىد %4.44-9.98 كە، ئۈنۈملۈك فوسفور %2 كە يېتىدۇ، يۇقىرى قاتلامدىكى مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 370 مىڭ توننا، تۆۋەن قاتلامدىكى زاپىسى 4000 توننا؛ ئىككىنچىسى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ۋاجىدى تېغى فوسفور كېنى بولۇپ، ئۇ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان يەكەن دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ۋاجىدى تېغىغا جايلاشقان. بۇ رايوندا چوڭ–كىچىك كان گەۋدىسىدىن 40 ى بايقالدى، ئادەتتىكى ئۇزۇنلۇقى 10-60 مېتىرغىچە، ئەڭ ئۇزۇنى 102-135 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 1-10 مېتىرغىچە كېلىدۇ. كان گەۋدىسىنىڭ شەكلى تومۇرسىمان، لىنزىسىمان ۋە يېسىمۇق شەكلىدە بولۇپ، رۇدا تىپلىرى كالتىسي–فوسفور كىسلاتالىق جىنس تىپىگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ سۈپىتى ئادەتتە %3.2-3.76 كىچە، تەركىبى ئەڭ ئاز بولغاندا %0.05 كە، ئەڭ كۆپ بولغاندا %14.49 كە يېتىدۇ. مۆلچەرلەنگەن رۇدا مىقدارى 1 مىليون 146 مىڭ 500 توننا؛ ئۈچىنچىسى، شېكەركۆلدىكى فوسفورلۇق قۇمتاش، ئۇنىڭ ئورنى شېكەركۆل مېھمانخانىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، فوسفورلۇق قۇمتاش قاتلام ھالەتتە بولۇپ، يۆنىلىشى بىرقەدەر مۇقىم، قېلىنلىقىنىڭ ئۆزگرىشى چوڭ ئەمەس، قېلىنلىقى 0.60-1.43 مېتىرغىچە، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1.13 مېتىر، فوسفور رۇدىسى تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك فوسفور %0.8 تىن يۇقىرى، قېلىنلىقى 0.5 مېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدىكى مۆلچەرلەنگەن زاپىسى 600 مىڭ توننا.

 4) سېرپېنتىن كېنى. بۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ 120 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. سېرپېنتىن تالالىق سېرپېنتىننى ئاساس قىلىدۇ، ئانتىگورىت ۋە يېلىملىق سېرپېنتىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سېرپېنتىن تەركىبىدىكى ماگنىي ئوكسىدى مىقدارى %31.05-46.92 كىچە، ئوتتۇرىچە مىقدارى %37 كە، تىتان دىئوكسىد مىقدارى %6.92-29.27 كىچە، ئوتتۇرىچە %37 كە يېتىدۇ، ئۇ كالتىسىي، ماگنىي، فوسفور ئوغۇتىنىڭ سانائەت تەلىپىگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ زاپىسى 2 مىليارد 400 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

  5) تاشتۇز. بۇنىڭ ئىككى جايدا كان مەنبەسى بار. بىرىنچىسى، كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق تاشتۇز كېنى، ئۇ كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 38 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. كان رايونى تەۋەسىدە ئىككى قەۋەت رۇدا بار، 1-قەۋىتىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان يېرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 720 مېتىر؛ 2-قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 670 مېتىر، كەڭلىكى 15-200 مېتىرغىچە، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يېرىنىڭ قېلىنلىقى 4 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئاساسلىقى تاشتۇز، قورام تاش، سىڭىرتاش، ئاندگىدرېت، ئاق چىرىمتالدىن تەركىب تاپقان، ناترىي خىلورىد مىقدارى ئادەتتە %65، دەرىجىسى 2-دەرىجە، ئەمما يود تەركىبى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى چەككىلەپ ئاجرىتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، رۇدا مىقدارىنى ھېسابلىغاندا، 1-قەۋىتىنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 2 مىليون 640 مىڭ توننا، ناترىي خىلورىدنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 1 مىليون 709 مىڭ توننا؛ ئىككىنچىسى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ تۇزتاغ كېنى بولۇپ، ئۇ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋاجىدى تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يان تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇ سوزۇلمىسىمان تىندۇرما جىنس قاتلىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1-3 مېتىرغىچە قېلىنلىقتا جەنۇبتىن شىمالغا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر سوزۇلغان، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 200-800 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئاساسلىق رۇدا مىنېراللىرىدىن تاشتۇز بار، تاشتۇز تومۇرىنىڭ كەڭلىكى 0.5-16 سانتىمېتىرغىچە، ئادەتتە 2-5 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ، قۇمتاش پارچىلىرىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، چوڭلىرى 20-30 سانتىمېتىر، كىچىكلىرى بىر قانچە مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئۇۋاق مىنېرال مىقدارى %40-70 كىچە، تاشتۇز مىقدارى %35-60 كىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 كە يېتىدۇ، ئۇ 3-دەرىجىگە تەڭ كېلىدۇ، ساپ تاشتۇزنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 300 مىڭ توننا.

 بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە ئۇنىڭ مېتاللوئىد كانلىرى

  1) ئاق چىرىمتال كېنى. ئۈچ جايدا ئاق چىرىمتال كېنى بار. بىرىنچىسى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئېلېمېنتلىق ئاق چىرىمتال كېنى. بۇ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بىۋاستە 150 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. گىرانىتلىق پېگماتىت تىپلىق ئاق چىرىمتال كېنىغا تەۋە. سانائەتتىكى ئاق چىرىمتالنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 700 توننا، چىرىمتالنىڭ رۇدا نىسبىتى ئەڭ ئاز بولغاندا ھەر كۇب مېتىرىنىڭ 5.65 كىلوگىرامغا، ئادەتتە ھەر كۇب مېتىرىنىڭ 20.2795 كىلوگىرامغا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر كۇب مېتىرنىڭ 170.37 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. ئىككىنچىسى، چەچەئاق چىرىمتال كېنى، بۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ 20-40 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان، ئۇ گىرانىتلىق پېگماتىت تىپىدىكى چىرىمتال كېنىغا تەۋە. ئاق چىرىمتاللىق پېگماتىتنىڭ 13 تومۇرىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ تۆت تومۇرىدىكى گېئولوگىيەلىك زاپىسى 10 توننا بولۇپ چىقتى، مىنېراللىشىشى تەكشى ئەمەس، ئادەتتە خام چىرىمتالنىڭ مىنېراللىق نىسبىتى ھەر كۇب مېتىرىنىڭ 30-40 كىلوگىرامغا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر كۇب مېتىرىنىڭ 100 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. رۇدا تومۇرنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئوچۇقچىلىقتا ئېچىشقا باب كېلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، راسكام ئاق چىرىمتال كېنى، بۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا بىۋاستە 120 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. گىرانىتلىق پېگماتىت تىپلىق ئاق چىرىمتال كېنىغا مەنسۇپ. رۇدا تەركىبلىك پېگماتىت تومۇرىدىن ئالتىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەش تومۇردا ئاق چىرىمتال رۇدا دائىرىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت قىممىتىگە ئىگە ئىككى تومۇر بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن.

خام چىرىمتالنىڭ مىنېرال نىسبىتى ھەر كۇب مېتىرىنىڭ 50 كىلوگىرام ۋە 150 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، گېئولوگىيەلىك زاپىسى 202 توننا.

  2) تاشپاختا كېنى. بۇ كان يەكەن ناھىيەسىنىڭ كۆز بۇلاق جىلغىسىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بىۋاستە 120 كىلومېتىر كېلىدۇ، كان ياتمىسى تىپى ئۇلترا ئاساسلىق جىنس تىپىدىكى تالالىق يىلان پوستلۇق تاشپاختىغا تەۋە، تاشپاختا رۇدىسى تەبىئىي ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، تەرتىپسىز سوقۇچاق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇزۇن ئوقى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 190 مېتىر، كەڭلىكى 32-123 مېتىر كېلىدۇ، تاشپاختا تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 0.7-6 مىللىمېتىرغىچە، ئاز بىر قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12-16 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ. كان گەۋدىسىدە ئاساسلىقى Ⅴ، Ⅵ، Ⅶ دەرىجىلىك تاشپاختا بار، گېئولوگىيەلىك زاپىسى 23 مىڭ 666 توننا.

  3) كىرىستال كېنى. بۇ كان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پىر دېگەن جايغا جايلاشقان، بىۋاستە ئارىلىق 97 كىلومېتىر كېلىدۇ. كان ياتمىسى تىپى ئوتتۇرا–تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا قىزىپ قويۇقلاشقان جىنس تومۇرى تىپىدىكى كىرىستالىق رۇدا بولۇپ، ئۇنىڭ تومۇر گەۋدىسى ئاددىي، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 1-5 مېتىرغىچە، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا  15 مېتىر كېلىدۇ، قېلىنلىقى ئادەتتە 0.05-0.3 مېتىرغىچە، ئەڭ قېلىنى 0.8 مېتىر، كىرىستالنىڭ دىيامېتىرى ئادەتتە 1.5-4 سانتىمېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى 5-8 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ.

  4) ياقۇت، قاشتاش كېنى. بەش جايدا ياقۇت، قاشتاش كېنى بار. بىرىنچىسى، داتۇڭ يۇمشاق قاشتاش كېنى (تاش بازار يۇمشاق قاشتاش كېنى) تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ 80 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان، كان تىپى كونتاكىت ئۆتۈشمە تىپىدىكى يۇمشاق قاشتاش كېنى ھېسابلىنىدۇ. كان رايونىدا توققۇز كان ياتمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇق 1.4-18 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 0.1-0.6  مېتىرغىچە بولۇپ ئوخشاش ئەمەس. رۇدىسى ئاساسلىقى يېشىل قاشتاشتىن، بىر قىسمى بوز قاشتاشتىن تەركىب تاپقان، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 1382.78 توننا، ھازىر ئاز كەم  2000 توننا قېزىۋېلىندى. ئىككىنچىسى، مىردار يۇمشاق قاشتاش كېنى بولۇپ، ئۇ قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى خان يايلاق جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى 4358 ئېگىزلىك ئەتراپىدىكى پۇرۇق جىلغىسىغا يېقىن قىيالىققا جايلاشقان. بۇ كان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە ئېچىلىۋاتىدۇ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 115 مېتىر، كەڭلىكى 3-5 مېتىرغىچە، ئەڭ چوڭقۇر قېزىلغان كان ئۆڭكۈرى 30 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆك قاشتاش كۆپ، بوز قاشتاش ئاز. ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ توننا قېزىلدى، زاپىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىدى. ئۈچىنچىسى، شويانوت جىلغىسىنىڭ شىمالىدىكى ئېقىن بېشىغا جايلاشقان. قاتنىشى قىيىن، كۆك قاشتاش رۇدىسىنىڭ قېلىنلىقى 0.7-3.6 مېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى 37 مېتىر، قېلىنلىقى 0.5-3.2 مېتىرغىچە بولغان كۆك قاشتاشتىن تەركىب تاپقان. مۆلچەرلەنگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا 2000 توننىدىن كۆپرەك قېزىلغان، ھازىر يەنىلا قېزىلىۋاتىدۇ. تۆتىنچىسى، يۇلۇڭ يۇمشاق قاشتاش كېنى بولۇپ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ خالاستان دەرياسى بىلەن شىخشۇ دەرياسى تۇتىشىدىغان جاينىڭ 1 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۈچ كان تومۇرى بار، يېشىل قاشتاش، بوز قاشتاش بار، ئىلگىرى نەچچە مىڭ توننا قېزىلغان، ھازىر يەنىلا قېزىلىۋاتىدۇ. بەشىنچىسى، دۇڭلىڭ قاشتاش كېنى بولۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزىسىغا 7 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. دۇڭلىڭ يېشىل قاشتاش تومۇرىدىن ئىككىسى بار، 1-نومۇرلۇق تومۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر، قېلىنلىقى 2 مېتىر. 2-نومۇرلۇق تومۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.5 مېتىر، قېلىنلىقى 0.1-1.4 مېتىرغىچە.

  5) ئالماس كېنى. بۇ كان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ۋاجىدى تېغىغا جايلاشقان، كىمبېرلىت تاغ جىنس ئۆڭكۈرىدىن سەككىزى، تاغ جىنس تومۇرىدىن 34 ى بار، مەركەزلەشكەن بەلباغسىمان ھالەتتە تارقالغان، بەلبېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3-4 كىلومېتىر، كەڭلىكى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدۇ، كۆلىمىنىڭ چوڭلىرى 100×180 كىۋادرات مېتىر، كىچىكلىرى 10×10 كىۋادرات مېتىر، تاغ جىنس تومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر، كەڭلىكى 1.6-2.2 مېتىرغىچە، قىسقىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىر كېلىدۇ. ئالماس كىرىستالىنىڭ شەكلى سەككىز يۈزلۈك، رومبا شەكىلدىكىسى 12 يۈزلۈك.

ھاك تاش كېنى 

ئاساسلىقى بەش ئورۇنغا جايلاشقان. (1) مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يۇڭئەنبا ھاك تاش كېنى. بۇ كان مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ 50 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان. تېيىز دېڭىز چۆكمىسى تىپىدىكى ھاك رۇدىلىرى ياتمىسىغا كىرىدۇ. ئۈچ قەۋەتلىك رۇدا بولۇپ، 1-قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 750 مېتىر، قېلىنلىقى 11 مېتىر، 2-قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر، قېلىنلىقى 5-12 مېتىرغىچە، 3–قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 120 مېتىر، قېلىنلىقى 6.5 مېتىر. ھاك تاش قاتلىمىنىڭ سۈپىتى ياخشى، 1-دەرىجىلىك بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە ئۈچ قەۋەت رۇدىنىڭ تاغ ئۈستىدىكى زاپىسى تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ توننا كېلىدۇ، كان قاتلىمىنىڭ ئۈزۈك–ئۈزۈك داۋاملاشقان قىسمى نەچچە مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، زاپىسى ئىنتايىن كۆپ.

  (2) ئارا تاش ھاك كېنى. بۇ كان يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 82.5 كىىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قاتنىشى قولايلىق كان ياتمىسىنىڭ تىپى تېيىز دېڭىز تىنما ھاك تاش ياتمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىر، ئەڭ قېلىن يېرى 100 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 76 مېتىر، رۇدىسى 1–دەرىجىلىك سىلىكاتلىق سېمونت خام ماتېرىيالىدىن ئىبارەت، رۇدا زاپىسى 10 مىليون 264 مىڭ 700 توننا كېلىدۇ، گېئولوگىيەلىك زاپىسى 9 مىليون 687 مىڭ 300 توننا.

 (3) چوپان ھاك تاش كېنى. بۇ كان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ 65 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى جەھەتتە چىپان يېزىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ، قاتنىشى قولايلىق، كان ياتما تىپى تېيىز دېڭىز تىنما تىپىدىكى ھاك تاش ياتمىسىغا كىرىدۇ، كان قاتلىمىنىڭ كان رايونىغا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر، قېلىنلىقى 80 مېتىر، 2-دەرىجىدىكى كان قاتلىمىنىڭ ئۈستى ئوچۇق قىسمى 1200 مېتىر، قېلىنلىقى 240 مېتىر كېلىدۇ، بۇ جايدىكى رۇدىنىڭ سۈپىتى ياخشى، مېتال ئېرىشىشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ، ئاساسلىق كان قاتلىمىنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 60 مىليون توننا.

  (4) ئوپال سىڭىرتاش ھاك كېنى. بۇ كان كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تۈز سىزىق ئارىلىقى 32 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوپال يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان، قاتنىشى قولايلىق، كان ياتمىسى تىپى لاگۇنا چۆكمىسى تىپىدىكى سىڭىرتاش كېنى بولۇپ، سىڭىرتاش رۇدا قاتلىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر كېلىدۇ، تۆت قەۋەت، قېلىنلىقى 16-60 مېتىرغىچە بولۇپ ئوخشاش ئەمەس، كان قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي قېلىنلىقى 101 مېتىر، گېئولوگىيەلىك زاپىسى 24 مىليون توننا. ھاك تاش لىنزا شەكىللىك بولۇپ، رۇدىلىرى توق كۈلرەڭ. ئاساسلىق رۇدىلىرىدىن كالتسىت بار، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 160 مىڭ توننا.

 (5) قارا تۇز ھاك تاش كېنى. بۇ كان يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بىۋاستە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى جەھەتتە قوشراپ يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە، قاتنىشى قولايلىق، كان ياتمىسى تىپى تېيىز دېڭىز تىنمىسى ھاك تاش كان ياتمىسىغا تەۋە بولۇپ، كان قاتلىمىنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، قېلىنلىقى 70-80 مېتىر، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 75 مېتىر، رۇدا تىپى كاللەكسىمان بولۇپ، قۇرۇلمىسى تەكشى، چاكلىرى يېتىلگەن، ئاساسلىق رۇدا تەركىبى كالتسىتتىن تەركىب تاپقان، سىلىكاتلىق سېمونتنىڭ 1-، 2-دەرىجىلىك بۇيۇم بولۇپ سانائەت تەلىپىگە ئۇيغۇن، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 50 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، ھاك تاشنىڭ ئۈستىدە پالېئوزۇي ئېراسىغا تەۋە سىڭىرتاش قاتلىمى بار، كان قاتلىمى مۇقىم، 10 كىلومېتىر سوزۇلغان، كەڭلىكى 300 مېتىر، رۇدىسى ئاساسەن كاللەكسىمان ئاق گەجدىن تەركىب تاپقان، سۈپىتى خېلى ياخشى، سېمونت قاتۇرغۇچ قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئادەتتىكى بىنالارنىڭ مودېلى ۋە ئامىنو سۇلفات كىسلاتاسى قاتارلىق بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيە سانائىتى ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 200 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. 

 (5) قارا تۇز ھاك تاش كېنى. بۇ كان يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بىۋاستە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى جەھەتتە قوشراپ يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە، قاتنىشى قولايلىق، كان ياتمىسى تىپى تېيىز دېڭىز تىنمىسى ھاك تاش كان ياتمىسىغا تەۋە بولۇپ، كان قاتلىمىنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، قېلىنلىقى 70- 80 مېتىر، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 75 مېتىر، رۇدا تىپى كاللەكسىمان بولۇپ، قۇرۇلمىسى تەكشى، چاكلىرى يېتىلگەن، ئاساسلىق رۇدا تەركىبى كالتسىتتىن تەركىب تاپقان، سىلىكاتلىق سېمونتنىڭ 1-، 2-دەرىجىلىك بۇيۇم بولۇپ سانائەت تەلىپىگە ئۇيغۇن، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 50 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، ھاك تاشنىڭ ئۈستىدە پالېئوزۇي ئېراسىغا تەۋە سىڭىرتاش قاتلىمى بار، كان قاتلىمى مۇقىم، 10 كىلومېتىر سوزۇلغان، كەڭلىكى 300 مېتىر، رۇدىسى ئاساسەن كاللەكسىمان ئاق گەجدىن تەركىب تاپقان، سۈپىتى خېلى ياخشى، سېمونت قاتۇرغۇچ قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئادەتتىكى بىنالارنىڭ مودېلى ۋە ئامىنو سۇلفات كىسلاتاسى قاتارلىق بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيە سانائىتى ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 200 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

  (3) زۇباش سىڭىرتاش كېنى. بۇ كان يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا بىۋاستە 26 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى جەھەتتە توپلۇق يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. كان ياتمىسى تىپى لاگۇنا چۆكمىسى تىپىدىكى سىڭىرتاش كان ياتمىسىغا مەنسۇپ. ئۇزۇن ئوقى 225 مېتىر. رۇدىسى ئاق، ئاساسلىقى تالاسىمان سىڭىرتاش ۋە قاتتىق سىڭىرتاشتىن تەركىب تاپقان، رۇدىسىنىڭ دەرىجىسى 1-دەرىجىلىك، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 1 مىليون 240 مىڭ توننا. 

 (4) تاشمىلىق سىڭىرتاش كېنى. بۇ كان كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، رۇدىسىنىڭ سۈپىتى 1-دەرىجىلىك، مۆلچەرلەنگەن گېئولوگىيەلىك زاپىسى 580 مىڭ توننا.

  8) مەرمەر تاش كېنى. بۇ كان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاققۇرۇم دېگەن يېرىگە، يەنى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بىۋاستە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شىنجاڭ–شىزاڭ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تارقالغان بولۇپ، قاتنىشى قولايلىق، كان ياتمىسى تىپى رايون دائىرىلىك ئۆزگەرگەن مەرمەر تاش كان ياتمىسىغا تەۋە، ئۈستى ئوچۇق كۆلىمى 46 كىۋادرات كىلومېتىر، قېلىنلىقى 600 مېتىرغا يېتىدۇ. رۇدىسى ئاق بۆلەكسىمان، 2 كىۋادرات كىلومېتىردىكى ئۈستى ئوچۇق كۆلەم بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۈستى ئوچۇق جاينىڭ ئېگىزلىكى 100 مېتىر بولۇپ، زاپىسى بار.

  9)باشقىلار. قەشقەر ۋىلايىتىدە يەنە كان نۇقتىلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇران، تورىي، سىنك، قوغۇشۇن قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار، بىراق زاپىسى ئاز، قاتنىشى قىيىن بولغاچقا، گېئولوگىيە تارماقلىرى تېخى تەكشۈرمىدى.




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#