بورىگ 14 يېشىدىلا شۋېتسىيە نىڭ ئۆسمۈرلەر تېننىس مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. بەش يىلدىن كېيىن «داۋىس لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، بۇ ھەم شۋېتسىيە نىڭ مۇشۇ تۈردىكى تۇنجى قېتىملىق غەلىبىسى ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى بورىگ
تەنھەرىكەت تۈرى تېننىس
دۆلەت تەۋەلىكى شۋېتسىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بورىگ 14 يېشىدىلا شۋېتسىيە نىڭ ئۆسمۈرلەر تېننىس مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. بەش يىلدىن كېيىن «داۋىس لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، بۇ ھەم شۋېتسىيە نىڭ مۇشۇ تۈردىكى تۇنجى قېتىملىق غەلىبىسى ئىدى. 20 يېشىدىن باشلاپ ئۇدا تۆت نۆۋەتلىك ۋېنبلېدون مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق تاجىنى قولدىن بەرمىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بورىگ دۇنيا تېننىس ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىر بولۇپ قالغان.

بورىگ مۇسابىقىدە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تەمكىنلىككە ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىرادىگە ئىگە. ئۇ شۋېتسىيە نىڭ «جەڭدە غەلىبە قىلالمىساڭ، جەڭ قىلىپ ئۆل!» دېگەن ھېكمىتىنى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى قىلغان. 1984-يىلى ۋېنبلېدون تېننىس مۇسابىقىسىدە ئۇ بىرىنچى ئايلانمىدىلا شىددەت بىلەن توپ باشلاش، ھەمىشە توپنى سېتكا ئالدىدا كېسىپ ئېلىش ھەم يۇقىرى بېسىم بىلەن ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ئىگە ئامايا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلگەن بورىگ تەمكىنلىك بىلەن كۆپ ئۆزگىرىشلىك توپ يوللىرى ۋە پەم بىلەن لەيلىتىپ توپ چۈشۈرۈشلىرى بىلەن ئامايانى قاتتىق توپ ئۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆزىگە خاس پىرقىرتىش كۈچى زور بولغان توپنى كۆتۈرۈپ ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن ئۇدا نومۇر ئېلىپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#