داخىيەن بازىرى

داخېيەن بازىرى

داخېيەن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى داخېيەن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 10 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大河沿镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى
نوپۇسى 12 مىڭ
ماشىنا كودى يېڭى K

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داخېيەن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىغا جايلاشقان. قارىمىقىدا ئۈچ مەھەللە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېڭى رايون مەھەللىسى، تۆمۈر يول مەھەللىسى، گۈللىنىش ئىجتىمائىي رايۇن مەھەللىسى بار.

داخېيەن بازىرى2015-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ، تۇرپاندا ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنغان، بۇ بازار تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىنىغا ھازىرغىچە تەۋە بولغان. ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار %95 نى ئىگەللىگەن. ناھىيە تەۋەسىدە تۇرپان پويىز ئىستانسىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئوبلاست چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن. تۆمۈر يول سىستېمىسىدىكى ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلەردىكى تۇرۇشلۇق ھەر قايسى جايلار، ئوبلاست ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى توقۇمىچىلىق، تۈرلۈك ماللار، بەش خىل مېتال، تېببىي دورىگەرلىك، مېۋە-چېۋە، تاشقى سودا قاتارلىق ئون ئىككىنچى دەرىجىلىك توپ سېتىش پونكىتى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بار. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى.

داخېيەن بازىرى، 2000-يىللىق تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى» نىڭ بىرى، شەھەر بويىچە يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 34.6 كىلومېتىر، قېتىش نىسبىتى %92.44، ئاساسىي جەھەتتىن، «يەتتىنى راۋانلاشتۇرۇش، بىرنى تەكشىلەش» نى ئىشقا ئاشۇرغان، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان، سۇ ئىشلىتىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى تامامەن پۈتۈن رايونىنى قاندۇرغان.

ئىچكى ئېھتىياج، پوچتا - تېلگېراف ۋە ئالاقە، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، داۋالاش، سەھىيە، مەكتەپ قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق، فۇنكسىيىسى مۇكەممەل بولغان. ھازىر بىكار ئامبار 70 كورپۇس، كۆلىمى 37400 كۋادرات مېتىر، ئىش بېجىرىش ئورنى 12 كورپۇس، كۆلىمى 14169 كۋادرات مېتىر، ئۈستى ئوچۇق مال مەيدانى 321910 كۋادرات مېتىر، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى بىر، كۆلىمى 6661.5 كۋادرات مېتىر، 2 تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيىسى بار.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ داخىيەن بازارلىق پارتكوم شەھەر مەمۇرىيىتى قانۇن بويىچە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە خىزمەت تەلىپى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالتە جەھەتتىن تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئامان-ئېسەنلىك قۇرۇلۇشى، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

1. ساقچى ئىشلىرى، مەھەللە خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش.

2. يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، « تىنچ - ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش. 

3. جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەگە تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىش. 

4. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ۋاقتىدا چارلاش ئەترىتى قۇرۇش، ئامانلىق ساقلاش بويىچە چارلاش ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش.

5. نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق خادىملارنى تۈزەش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.

6. قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#