داۋىنچى

داۋېنچى

لىئوناردو پىئېرو داۋىنچ ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىش دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم، ئۇ بىزگە رەسساملىقى بىلەن بولۇپمۇ مونالىزا ناملىق رەسىمى بىلەن مەشھۇر، بىراق داۋىنچى رەسسام بولۇپلا قالماي ماتېماتىك، لايىھەلىگۈچى، بىناكار، ئاناتومىيە ئالىمى، بوتانىك، شۇنداقلا شائىر ۋە مۇزىكانت، ئۇنىڭ يەنە ئاستىرونومىيە ساھەسىدىمۇ مول ئەمگەك مىۋىلىرى بار. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى داۋىنچى
باشقا نامى 李奥纳多·迪·皮耶罗·达·芬奇
يۇرتى فلورېنسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1519-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى
چەتئەلچە نامى Leonardo Di Ser Piero Da Vinci
خەنزۇچە ئىسمى 达·芬奇
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى (يۇلىئان كالېندارى 1452-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى)، (مىلادىيە 1452-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى)
كەسپى رەسسام
ۋەكىللىك ئەسرى «مونالىزا»، «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داۋىنچىداۋىنچى 1452-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىتالىيەنىڭ فلورېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى ۋېنچى دېگەن بازاردا تۇغۇلغان. داۋىنچى ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سەنئەت پېشۋاسى، ئۇنىڭ رەسساملىق ئىجادىيىتى ۋە تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىكى نەتىجىسى بىلەن 500 يىلدىن بۇيانقى «تۇنجى كىشى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. 1517-يىلى، داۋىنچى فىرانسىيە پادىشاھى فىرانسوۋانىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن فىرانسىيەگە بېرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1519-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالىم پادىشاھ فىرانسوۋانىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزگەن.

داۋىنچىنىڭ ئاتىسى شۇ يەرنىڭ ئاتاقلىق گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئائىلىسى باي ئىدى. داۋىنچى كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ سىزغان بىر - بىرىدىن جانلىق رەسىملەر دادىسىنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. 14 ياشقا كىرگەندە، ئائىلىسىدىكلەر ئۇنى شەھەردىكى بىر گۈزەل سەنئەت رەسىمخانىسىغا ھۈنەرگە بەردى. ئۇنىڭ ئۇستازى بۇ رەسىمخانىىڭ باشقۇرغۇچىسى، مەشھۇر رەسسام ۋېروچىيو ئىدى. داۋىنچى رەسىمخانىغا كىرگەن كۈنىلا ئۇستازى ئۇنى تۇخۇم سىزىشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى يەنە تۇخۇمى سۈرەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇدى. ئۆگىنىمۇ يەنىلا تۇخۇمنى سۈرەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇدى. داۋىنچى ھەيران بولۇپ «نېمىشقا ماڭا تۇخۇمنىلا سىزدۇرىسىز؟»-دەپ سورىدى. ئۇستازى ئۇنىڭ چىرايىدىن زېرىكىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ، «تۇخۇم كىچىككىنە تۇرغان بىلەن ئاددىي نەرسە ئەمەس!-دېدى ئۇ چوڭقۇر مەنە بىلەن، - بىلىشىڭىز كېرەككى، مىڭ تۇخۇمنى بىر يەرگە قويۇپ قارىسڭىز، پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان بىر جۈپ تۇخۇم تاپقىلى بولمايدۇ. تۇخۇم بىر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا قاراش ۋە ئۇنى توختىتىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئۇنىڭغا چۈشكەن نۇرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئۇنىڭ شەكلى ھالىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مېنىڭ سىزنى تۇخۇم كۆپلەپ سىزدۇرۇشۇم، سىزنىڭ ئوبرازلارنى كۈزىتىش ۋە ئىگەللەش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىشتۈرۈپ، سىزنى بارلىق شەيئىلەرنى بىمالال ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. مۇشۇنداق قىلغاندىلا رەسىم سىزىشنى ياخشى ئۆگىنىۋالالايسىز.» بۇ سۆزنى ئاڭلاپ داۋىنچى بىردىنلا چۈشىنىپ يەتتى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن زېھنى بىلەن رەسىم سىزىشنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى مەشق قىلىپ، ماھارەت جەھەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرلگەن.

داۋېنچىداۋىنچى 1513-يىلى داۋىنچىى ئىتالىيە نىڭ مىلان شەھىرىدىن رىمغا كۆچۈپ كېلىپ، پاپالار ئۈچۈن رەسىم سىزغان، لېكىن ئەينى چاغدىكى رەسسام رافېللو بىلەن مايكىلانگىلو پاپالارنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئېرىشكەنىدى. ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پادىشاھى داۋىنچىنى مۇھىم بىلگەچكە، ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ داۋېنچىنى ئۇنى ئىتالىيەدىن فرانسىيىگە تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ئامبويس ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاندىن داۋىنچىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «مونالىزا» ناملىق ئەسىرىنى ياتاق ئۆيىگە ئېسىپ قويغان، كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمىتى لۇۋرا ئوردىسىغا ئەكەتكەن. فرانسىيە 1952-يىلى داۋىنچىى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ داۋىنچى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سانى چەكلىك ئاتكېرتكا تارقاتقان. بۇ ئادەتتىكى ئاتكېرتكا بولماستىن بەلكى داۋانچىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى فرانسىسكو مېرتىزنىڭ سىزغان داۋىنچىىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىدى. رەسىمدە 1515-يىلى داۋىنچىى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجادىيىتى «مونالىزا» نى ئېلىپ، فرانسىيە شاھى ئەۋەتكەن مەپىگە ئولتۇرۇپ پارىژغا بارغان ۋە فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئۇنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى، لېكىن داۋىنچىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغاندىكى روھىي ئازاپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «مونالىزا» سۈرىتى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. ھازىرغا قەدەر «مونالىزا» ناملىق رەسىم ھەققىدە نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۈت بولۇپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى توختىماستىن مۇلاھىزىلەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

مونالىزارەسىمدىكىسى فرورىنسادىكى بىر بانكېرنىڭ ئايالى بولۇپ، داۋىنچى بانكىرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. داۋىنچى مۇنالىزا ناملىق رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ بۇ ئەسىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، بىر قانچە قېتىم رەسىمنىڭ ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار دەپ رەسىمنى ئېلىۋىلىپ، كېيىن قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

«مونالىزا» رەسىمى كېيىن پوچتا ماركىسىغا بېسىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىتىلغان، تۇنجى «مونالىزا» پوچتا ماركىسىنى گېرمانىيە 1952-يىلى تارقاتقان، كېيىن فرانسىيەمۇ تارقاتقان، ئەڭ غەلىتە بولغىنى ئىتالىيە ھازىرغا قەدەر بۇ خىل پوچتا ماركىسىنى تارقىتىپ باقمىغان. «مونالىزا»پوچتا ماركىسى گۈزەل-سەنئەت تارىخىدىكى بىر ھەقىقىي تارىخنى ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «مونالىزا» ئوغرىلانغان، كۈتۈلمىگەن يەردىن ئوغرى بۇ سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرگەن.

داۋىنچىداۋىنچى يەنە سەييارىلەرنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىپ بىر پارچە ئەسەر يازغان بولۇپ ئۇنىڭدا سەييارىلەرنىڭ يۇمىلاق بولىدىغانلىقى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بىر-بىرىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىشتىن سىرت يەر شارىنىڭ دىئامېتىرىنىڭ تەخمىنەن 50 مىڭ كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ تۇنجى لايىھىسى سىزىلغان. (1994-يىلى بۇ كىتاپ داڭلىق باي بېل گاتېس تەرىپىدىن 30 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىنىپ شەخسى كۇتۇپخانىسدا ساقلىنىۋاتىدۇ. داۋېنچ مەشھۇر ئارخېتوكتور ھەم ھەيكەلتاراچ ئىدى. ئۇ ياسىغان ۋە سىزغان تانكا مودېلى، ماشىنا ئادەم مودېلى، قۇياش ئىنىرگىيىسىنى باتارىيە قىلغان ھىساپلاش ماشىنىسى، ئاپتوموبىل، ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. داۋىنچى يەنە تۇنجى بولۇپ ئايلىنىش ئارقىلىق تۆمۈرلەرنى تېشىدىغان ئاپتوماتىك ئۈشكە ۋە تۆمۈرنى تارتىپ تۈزلەپ ئىنچىكىلىتىدىغان سىلىندىر غالتەك شۇ زامانلاردىن باشلاپلا كەڭ قوللىنىلغان، داۋىنچى يەنە بىر نەچچە ئىسىل ھەيكەللەرنى ياسىغان، ئەمما ئۇنىڭ ھەيكەللىرى زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىگەن. 

داۋىنچى ھەر تەرەپتىن تالانتلىق ئالىم. ئۇ چاغدا، مىلان، ئىتالىيەدە ئىلىم-پەندە مەشھۇر شەھەر. 1482-يىلى، داۋىنچى بۇ يەرگە كېلىپ، ھەرخىل ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ باشقا-باشقا تىپتىكى نۇرغۇن ماشىنىلارنى ئىجاد قىلدى. مەسىلەن، ياۋروپانىڭ ئەسلىدىكى يىپ سۇغۇرۇش ماشىنىسى ئاران بىر تاللا يىپ سۇغۇرالايتتى، داۋىنچى كەشپ قىلغان يىپ سۇغۇرۇش ماشىنىسى نۇرغۇن تال يىپ سۇغۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان.

داۋىنچىنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن 6000 بەتتىن ئارتۇق قول يازمىسى پەن تارىخىدىكى ئۆچمەس ئابىدە سۈپىتىدە ھېلىھەم ئىلىم-پەن ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. داۋىنچى ياسىغان تانكا مودېلى:  داۋىنچى ياسىغان ماشىنا ئادەم مودېلى:  داۋىنچى ياشلىق دەۋرلىرىدە ئۇزاق مۇددەت فىئودال دىنىي كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىلا ئاندىن قەدىرلەنگەن.

داۋىنچى ھەقىقەتەن تالانتلىق. لېكىن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن، ئۇ بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان، پەرزەنتلىرىمۇ يوق. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق قول يازما ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى مېرتىزغا قالدۇرغان، مېرتىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋەرۈكلىرىگە قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ، قول يازمىلارنى رەتلەش خىزمىتىنى مۇكەممەل ئاياغلاشتۇرۇپ ئۇستازىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان. داۋىنچى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا فىرانسىيە پادىشاھى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#