ئاشقازان راكى

ئاشقازان راكى

ئاشقازان راكى بىرلەمچى ھالدا ئاشقازاندا پەيدا بولىدىغان بىرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن ئىبارەت. دەسلەپكى كېسەللىك ئىپادىلىرى ئادەتتىكى ئاشقازان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، بىمارنىڭ ئانچە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمايدۇ. بەدەن بەلگىلىرى ئاشكارىلىنىپ چىققاندا ئۆتكۈر دەۋرىگە قەدەم قويغان بولىدۇ. ئاشقازان راكى ئاشقازاننىڭ ھەرقانداق يېرىدە پەيدا بولىدۇ، ئاشقازان راكى سەۋدا، سەپرا، بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ھەمدە تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئاشقازان راكى
كېسەللىك سەۋەبى سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 50ياشتىن يۇقىرىلار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى gastric cancer
ئاساسلىق ئالامىتى ماغدۇرسىزلىنىش، قانلىق تەرەت كېلىش،قورساق ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 胃癌
تەۋە بۆلۈم ئۆسمە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئاشقازان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاشقازان راكىسەۋەبى: ئاشقازان راكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى تازا ئېنىق ئەمەس، لېكىن ھۆكۈمالىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق كىلىنىكىلىق تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقازان راكى نورمال سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىشى، قان ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ ھارارەت تەسىرىدە كۆيۈشى، نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ يات ئىسسىقلىقنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى بەلغەم خىلىتىغا كۆيگەن سەپرا ماددىسىنىڭ قوشۇلۇشى ھەمدە ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە باشقا ئىرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك تەرەققىياتى تېز بولىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە بىلىنمەيدۇ ياكى ئادەتتىكى ھەزىم بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تاماقنىڭ سىڭىشى تەسلىشىدۇ. ئاشقازاندا يېقىمسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. ھەزىم پائالىيىتى ناچارلىشىدۇ. بىمار ھېق تۇتىدۇ، كېكىرىدۇ. ئاشقازىنىدا ئېچىشىش كۆرۈلىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. ئەگەر ئۆسمە ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا پەيدا بولسا يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، چىقىرىش ئېغىزىدا پەيدا بولسا بوتقا ئۈچەيگە ئۆتەلمەي ئاشقازاندا تۇرۇپ قالىدۇ ياكى قۇسىدۇ. ئاشقازاندا دەسلەپتە تۇيۇق ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، كېيىنچە سانجىلىپ ئاغرىيدۇ تويۇنغاندىن كېيىن ياكى باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ، راك ئۆسمىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازاننى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قولغا مونەكچە ئورىنىدۇ. قورساق ئېسىلىدۇ. قۇسۇش كۆپىيىپ كۈنىگە بىر قېتىم ياكى بىرنەچچە قېتىمغا يېتىدۇ. بەدەن قىسقا ۋاقىتتا ئورۇقلاپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاخىرىدا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.[0]

1-رېتسېپ

ئاشقازان راكىتەركىبى: سەبرە سۇقۇترى 64 گىرام، قارىمۇچ 48 گىرام، تەنكار سەككىز گىرام، ئاق بەزرۇلبەنجى 10 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

2-رېتسېپ 

تەركىبى: كۇچۇلا، چايان، قىرىقئاياغ، كېلەر، ھەرە كۆنىكى تەڭ مىقداردا، كۈنجۈت 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: كۈنجۈتتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈنجۈتتە ياغ تارتىپ، سوقۇلغان دورىلارنى كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، كۆممىقوناق چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كەھرىۋا، سەمغى ئەرەبى، نىشاستە، كەتىرا، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى، ئانارگۈلى، ئاقاقىيا سەككىز گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بارتەڭ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 4 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ


داۋالاش پىرىنسىپى

 راك ئۆسمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا : سىماب كۈشتىسى، سوفۇپى مارى ئەپئا، مەجۈنى مارى ئەفئا، مەجۈنى بەرشىشا، قۇرسى كەھرىۋا، مەجۈنى ئازاراقى، مۈجۈنى كۇچۇلا، زەبىب شەربىتى، ئانار شەربىتى، پۇختاجۇش شەربىتى، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : قىيمىلىق، يەللىك، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم بېرىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى . 

http://www.saglambiz.com/LookContent.jsp?id=1491&flag=Knowledge&cid=13

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#