لىبشى

گېرمانىيەلىك ئاتاقلىق خىمىك، خىمىيە مائارىپچىسى لىبشى 1803-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لىبشى
باشقا نامى 尤斯图斯·冯· 李比希
يۇرتى دارمىستاد
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1873-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئانرىلانىن ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 李比希
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1803-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
كەسپى خىمىيە ئالىمى
چەتئەلچە نامى Justus von Liebig

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىبشىخىمىك لىبشى 1803-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى گېرمانىيىنىڭ دارمىستاد شەھىرىدىكى بوياقچىلىق ئۇستىسى ئىدى. لىبشى كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىغا ياردەملەشكەن. 1818-يىلى، لىبشى 15 ياشقا كىرگەندە، دورىخانىغا شاگىرتلىققا كىرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىمىيىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. بۇ مەزگىلىدە، ئۇ خىمىيە تەجرىبىسىنى ئېلىپ بارغان، بىر يىلدىن كېيىن خىزمەتتىن بوشىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بونن ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. ئۇ خىمىيىگە بولغان ھەۋىسى بىلەن خىمىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئىگە بولغان. كېيىن ئۇ ئانرىلانىن ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكەلگەن، ئۇ يەردە ئىنتايىن نەتىجىلىك ئوقۇغان. 1822-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتلىغۇچ سىماپنىڭ تەركىبى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلغان. كېيىن پارىژغا بېرىپ ئوقۇغان. 1824-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ ھېسسېن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئاسسىسېنت بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەن. ئۇ بۇ يەردە 26 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىپ، تا ۋاپات بولغانغا قەدەر خىمىيە پروفېسسورى بولغان.

لىبشى 1873-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، 70 يېشىدا ۋاپات بولغان.

لىبشىلىبشىنىڭ ھاياتى خىمىيە تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن ئۆتكەن ھايات. ئۇ ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇرغان. لىبشى زامانىدا ئورگانىك خىمىيە ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار ئىدى. لىبشى قاتتىق باش قاتۇرۇپ بەزى خىمىيە ئەسۋاپلىرىنى ئىجاد قىلىپ، تەجرىبە قىلىش ئىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتقان. مەسىلەن، «لىبشى گاز قېتىش نەيچىسى»، «لىبىشى شارى» قاتارلىقلار ئورگانىك خىمىيىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەسۋاپلار بولۇپ قالغان. ماددىلارنى كەشپ قىلىش جەھەتتە، خلوروفورم، كېراتىن قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغان. ئورگانىك خىمىيە نەزىرىيىسى جەھەتتە، ئۇ «ئورگانىك ئېلېمېنتلار نەزىرىيىسى»، «ئاللوتروپىكلىقلار نەزىرىيىسى» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يېزا ئىگىلىكى خىمىيەسى

لىبشى يېزا ئىگىلىكى خىمىيىسى جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور نەتىجە ياراتقان. ئۇ چىرىندا تۇپراق تەلىماتىدا دەسلەپ ئېچىلغان بوز يەرلەردە چىرىندا ماددىلار نۇرغۇن بولغاچقا، تېرىشقا جەزمەن لايىق كېلىدۇ، دەپ قارالغان. چىرىندا تۇپراق توغرىسىدىكى تەلىماتتا چىرىندا ماددىلارنىڭ ئۆسۈملۈك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېلېمېنت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. لىبشى بۇ تەلىماتنى تولىمۇ بىمەنىلىك دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئېلىپ بارغان تەجرىبىلەردە مەلۇم بولۇشىچە چىرىندا تۇپراقنى ناھايىتى سوغاق ياكى ناھايىتى ئىسسىق بولغان تاشقا ھاۋا بېسىمىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، سۇغا سالساق ئۇ ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ، دېمەك بۇ تۇپراق تەركىبىدىكى چىرىندىنىڭ ئۆسۈملۈككە زورمۇ-زور ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى دەلىلىلەپ بېرىدۇ». ئۇ يەنە: «ئەگەر چىرىندا ئۆسۈملۈك ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرىندا ئۆسۈملۈكتىن ھاسىل بولغان بولسا، ئۇ ھالدا دەسلەپ ئۆسۈملۈك قانداق ئۆسكەن بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈلىدىن كالىي، فوسفات قاتارلىقلارنى تاپقان ۋە بۇ تەركىبلەر تۇپراقتىن كەلگەن دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن تۇپراقنىڭ قۇۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئوغۇت بېرىشنىڭ خىمىيىۋى قائىدىلىرىنى بەلگىلەپ چىققان. بۇ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىئو-خىمىيە ئۈستىدە كۆپرەك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىمۇ ئوبدان نەتىجە قازانغان. ئۇ يەنە بىر خىمىيە ئالىمى بىلەن بىرلىكتە «ئەمىلىي خىمىيە لۇغىتى» نى تۈزۈپ چىققان. لىبشىنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

 ئۇ ئۆزى ھېسسېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان چاغدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىز تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە ئىشلەيمىز، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىدىغان ۋە ئوينايدىغان ئەھۋال ھېسسېندا يوق.»[1]

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#