روزۋېلت

«ئۇ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئۈلگە ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن كۆپ، ئۇ پاچاقلاپ تاشلىغان كونا قۇرۇلما ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن كۆپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ قىياپىتىنى باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا شۇ قەدەر تېز ۋە زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەن»، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر «ئەنئەنىۋى ئامېرىكىلىق». بۇ، ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇخبىر گېدارد جونسوننىڭ ئامېرىكىنىڭ  32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى فرانكلن روزۋېلتقا بەرگەن باھاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى روزۋېلت
باشقا نامى FDR,小罗斯福
يۇرتى نيۇيورك
ۋاپات بولغان ۋاقتى 9451-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
چەتئەلچە نامى Franklin D. Roosevelt
خەنزۇچە ئىسمى 富兰克林·德拉诺·罗斯福
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1882-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى سىياسىئون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

روزۋېلت (1882-1945-يىللار) ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، بالىلىق چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ سەيلە-ساياھەت قىلىپ، ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بارغان. سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغاندىن كېيىن قالتىس ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، تېزلا مەملىكەت بويىچە داڭلىق سىياسىي ئەرباب بولۇپ قالغان. شۇ كۈنلەردە يۇلۇن ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىككى پۇتى پالەچ بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ كېسىلىنى داۋالىتىپ، جاپالىق مەشىق قىلغان. يەتتە يىل بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ گەرچە قوش ھاسا بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقتىن ئايرىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىپ، نيۇيورك شتاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، يەنى 1933-يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

قائىدە بويىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايتتى، ئەمما بۇ زۇڭتۇڭ ئۇدا تۆت نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا بۇنداق ئۇزاق ۋەزىپە ئۆتىگەن زۇڭتۇڭدىن يەنە بىرى يوق.

30-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىپ، زاۋۇتلار تاقىلىپ، ئىشچىلار ئىشسىز قالغان، خەلق ئاممىسى ئاچارچىلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئىسكەنجىگە چۈشۈپ قالغان. روزۋېلت «ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان» روھ بىلەن، كەسكىن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، «سانائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق بىرمۇنچە قانۇن-پەرمانلارنى تۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى دۆلەت تۈركۈم-تۈركۈم ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلارنى دوختۇرخانا سېلىش، سۇ قۇرۇلۇشى قىلىش قاتارلىق ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ بىر تۈرلۈك ئىشتىلا 4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان. بۇ ئىسلاھاتلار تارىختا «روزۋېلتنىڭ يېڭى سىياسىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئارقىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىققا قاراپ يۈزلەنگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشىلانغان.

 30-يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە دىن ئىبارەت ئۈچ فاشىستىك دۆلەت تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئوتىنى پۈتۈن دۇنياغا يامرىتىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشى ئۇرۇش پارتلاشتىن قورقۇپ، ئۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، بىر چەتكە چىقىۋېلىپ تاماشا كۆرۈش كويىدا بولغان. روزۋېلت فاشىزمنىڭ خېيىمخەتىرىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، مەشھۇر «ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇتقى» نى ئېلان قىلىپ، فاشىزمنى ۋاباغا ئوخشىتىپ قاتتىق تەنقىدلىگەن ھەمدە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشقا، ئۇرۇشنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، فاشىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان ئەنگلىيە، جۇڭگو ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ياردەم قولىنى سۇنغان.

1941-يىلى ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى − پيورل-خاربورغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فاشىزمغا قارشى تۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقان. روزۋېلت زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، ئامېرىكا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، فاشىستلار بىلەن ھايات-ماماتلىق كۈرەش قىلغان. ئۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پۇتىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي، ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ، نەچچە تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داھىيسى ستالىن، ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى چېرچىل قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، فاشىستلارنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالدۇرغان.

 1943-يىلى 11-ئايدا، روزۋېلت قاھىرەدە ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان، يىغىندا «قاھىرە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگودىن تارتىۋالغان شەرقىي شىمال، تەيۋەن، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. لېكىن، 1945-يىلىدىكى يالتا يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربانلىق قىلىۋەتكەن. فاشىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسى قولغا كېلىش ھارپىسىدا، يەنى 1945-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، روزۋېلت تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ۋاپات بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/25295.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#