قۇرغۇي

قۇرغۇي دىيارىمىزدىكى ئەنئەنىۋى قۇش بولۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، دۆلەت تەرپىدىن ئىككىنچى دەرجىلىك نوقتىلۇق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق قۇش تۈرى. 

ئۇيغۇرچە نامى قۇرغۇي
ئىنگلىزچە نامى Eurasian Sparrowhawk
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى لاچىنسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قارچىغا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 雀鹰
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى بۈركۈتسىمانلار ئائىلىسى
تۈرى قۇرغۇي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇرغۇيقۇرغۇي كىچىك تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش بۇلۇپ، تەن ئېغىرلىقى 130 ـ 300 گرام كېلىدۇ. تەن ئۇزۇنلۇقى 30 ـ 40 سانتىمېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 ـ 20 سانتېمىتىر، پاقالچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 ـ 8 سانتىمېتىر بولىدۇ. ئەركىكى چىشىسىدىن سەل كىچىك بولىدۇ ھەم رەڭ جەھەتتە سەل پەرقلىنىدۇ، ئەركەكلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئۈستى تەرىپى خۇنۈك كۈل رەڭ، چىشىلىرىنىڭ كۈل رەڭ قوڭۇر بولىدۇ. تېنىنىڭ ئاستى ئاقۇچ بۇلۇپ، ئەركەكلىرىنىڭ ئىنچىكە قوڭۇر داغلىرى بولىدۇ. چىشىلىرىنىڭ قوڭۇر داغلىرى ئەركەكلىرىنىڭكىدىن چوڭراق بولىدۇ. چىشىسىنىڭ ماڭلىيى ئاق بولىدۇ، قۇيرۇق ياپقۇچ پەيلىرىنىڭ ئۇچى ئاق بولىدۇ، بېشىنىڭ ئىككى يېنى ۋە يۈزى ئاق بولىدۇ، جاغ ۋە بوغۇز قىسمىدىكى قوڭۇر يول سىزىقچىلار سەل كەڭرى بولىدۇ. قورساق، كۆكرەك، ئىككى يان ۋە پاچاق پەيلىرىدە قوڭۇر توغرا داغلار بولىدۇ. ئەركەكلىرىنىڭ پېشانىسى، باش چوققىسى، بوينىنىڭ ئارقا قىسىملىرى قېنىق كۆكۈچ كۈل رەڭ بولىدۇ. ئارقا قىسىم بوينىنىڭ پەي ئاساسى ئاق بولىدۇ، قانات پەيلىرى خۇنۇك قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، قانات ئىچكى مامۇق پەيلىرىدە قارامتۇل قوڭۇر داغلار بولىدۇ، پەيلىرى خۇنۈك كۆكۈچ كۈل رەڭ بولىدۇ، قۇيرۇق پېيىدە بەش قۇر قوڭۇر داغسىمان بالدىقى بولىدۇ، ھەر قايسى پەيلىرىنىڭ پەي ئۇچى ئاقۇچ بولىدۇ، بوغۇزىدا قارامتۇل قوڭۇر ئىنچىكە يول سىزىقچىلار بولىدۇ. كۆكرەڭ، قورساق ۋە ئىككى ياندا قوڭۇر داغلار بولۇپ، كەڭلىكى 3 ـ 4 مىللىمېتىر كېلىدۇ، قۇيرۇق ئاستى ياپقۇچ پەيلىرى ئاق بولىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى قىزغۇچ سېرىق، تۇمشىقى كۈل رەڭ، تۇمشۇق ئۇچى قارا، تۇمشۇق ئاساسى يېشىلغا مايىل، موم پەردىسى ۋە پۇت ـ پاقالچىقلىرى كۆكۈچ سېرىق، تىرنىقى قارا بولىدۇ. 

قۇرغۇي قۇرغۇي يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلاردا، كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلاردا، يىڭنە يوپۇرماقلىرى دەرەخ بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ ئارىلاش ئۆسكەن ئوسكەن ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئەتىگەن ۋە كەچتە ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدۇ ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇچقاندا ئالدى بىلەن قانىتىنى كۈچلۈك قېقىپ ئاندىن سىيرىلىپ ئۇچىدۇ، بۇ دائىم تەكرارلىنىپ تۇرۇدۇ، بەزىدە قانات قېقىپ بوشلۇقتا قىسقا ۋاقىت تۇرۇپ ئوۋلاش ئوبيېكتىنى كۆزىتىدۇ، ئوۋلاش ئوبيېكتىنى بايقىغان ھامان تۇيدۇرماي چۈشۈپ ئولجىنى قاماللايدۇ، ئۇ ئاساسلىقى قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى كىچىك قۇشلار، چاشقانلار ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، دائىم دەرەخ، ئىستولبا قاتاتلىق ئېگىز يەرلەرگە قوبۇۋېلىپوۋلاش ئوبيېكتىنى كۆزىتىدۇ، بايقىغان ھامان تىك چۈشۈپ قاماللايدۇ، ئۇنى بارمىقى بىلەن قىسىپ دەرەخ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ تىتىپ يەيدۇ، بەزىدە كەسلەنچۈكلەر بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ. 

قۇرغۇيقۇرغۇي 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرى سايراشقا باشلاپ جۈپ ئىزدەيدۇ، 7 ~4 ـ ئايلار ئۇنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى، ئۇ ئۇۋىسىنى دەرەخقە سالىدۇ، ئۇۋىسىنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4 ـ 14 مېتىر كېلىدۇ، ئۇۋىسىنى دەرەخ غولىغا يېقىن بولغان ئاچىلارغا شاخ ـ شۇمبىلار بىلەن سېلىپ ئىچىگە قۇرۇق ئوت ـ چۆپ قاتارلىق نەرسىلەرنى يېيىتىدۇ ئۇۋىسىنىڭ تاشقى دىئامېتىرى 38 ـ 50 سانتېمىتىر، ئىچكى دىئامېتىرى 20 ـ 28 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 4.5 - 7 سانتېمېتىر، ئېگىزلىكى 13 ـ 21 سانتېمېتىر بولىدۇ، بەزى چاغلاردا باقشا قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ، بىر ئۇۋىنى بىرقانچە يىل ئىشلىتىدۇ. بىر يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ. ھەر قېتىمدا 2 ـ 7گىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا 6 ـ 7 نىمۇ تۇغىدۇ. تۇخۇمى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، رەڭگى كۆكۈچ، پارقىرايدۇ، يۈزىدە داغلار بولمايدۇ، ھەربىر تۇخۇمنىڭ ئېغىرلىقى 6.23 گرام كېلىدۇ. تۇخۇمنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى 4.38 كۆپەيتىلگەن 7.44 مىللىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. تۇخۇمىنى ئاساسەن چىشى قۇش باسىدۇ، بەزى چاغلاردا ئەركەك قۇشمۇ بېسىپ قالىدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 20 ـ 30 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. باللىرى كېچىكىپ يېتىلىدۇ، بالللىرىنى ئورتاق باقىدۇ، بالىلىرى ئۇۋىسىدا تەخمىنەن 30 كۈن تۈرغاندىن كېيىن ئۇچۇپ بولىدۇ. 

قۇرغۇيقۇرغۇينىڭ دۇنيادا ئالتە كەنجى تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىزگە ئىككى كەنجى تۈرى تارقالغان، ئاپتورۇم رايونىمىز تەۋەسىگە بىر كەنجى تۈرى تارقالغان، ئۇ ئاسىيا كەنجى تۈرى دەپ ئاتىلىدۇ، بەزىلەر ئۇنى شىمال كەنجى تۈرى دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەڭرىتاغ ئورمانلىقلىرىغا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈزلەڭ ئورمانلىقلىرىغا، ئالتاي ئورمانلىقلىرىغا ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىغا تارقالغان. ئىچكى ئۆلكىلەردە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، سىچۇەن، يۈننەن، گۈاڭشى، رايونلارنىڭ بىر قىسىم ئورمانلىقلىرىغا تارقالغان. چەت ئەلللەردە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىغا تارقالغان. 

قۇرغۇي ئاساسەن چاشقان ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنى قولغا كۆندۈرۈشكە، ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىشقا بولىدۇ.[0]

قۇرغۇينىڭ دۇنيادا ئالتە كەنجى تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىزگە ئىككى كەنجى تۈرى تارقالغان، ئاپتورۇم رايونىمىز تەۋەسىگە بىر كەنجى تۈرى تارقالغان، ئۇ ئاسىيا كەنجى تۈرى دەپ ئاتىلىدۇ، بەزىلەر ئۇنى شىمال كەنجى تۈرى دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەڭرىتاغ ئورمانلىقلىرىغا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈزلەڭ ئورمانلىقلىرىغا، ئالتاي ئورمانلىقلىرىغا ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىغا تارقالغان. ئىچكى ئۆلكىلەردە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، سىچۇەن، يۈننەن، گۈاڭشى، رايونلارنىڭ بىر قىسىم ئورمانلىقلىرىغا تارقالغان. چەت ئەلللەردە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىغا تارقالغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-1869

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#