تاۋار ماركىسى

تاۋار ماركىسى
تاۋار ماركىسى تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ياكى باشقىلار ئىشلەپچىقارغان تىجارەت بىلەن تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تاۋار ماركىسى مەلۇم مەنىگە ئىگە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تاۋار ماركىسى
باشقا نامى Trade mark
خەنزۇچە نامى 商品商标
ئالاھىدىلىكى بىردىنبىر، ساختا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاۋار ماركىسىتاۋار ماركىسى تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى باشقىلار ئىشلەپچىقارغان تىجارەت بىلەن تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تاۋار ماركىسى ئىشلىتىدىغان يېزىق، شەكىل ياكى ئۇلارنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش بەلگىسى. تاۋار ماركىسى مەلۇم مەنىگە ئىگە بولىدۇ. خۇددى باشقا تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش، قانۇننىڭ مەنئىي قىلىش ماددىلىرىغا خىلاپ بولمىسىلا، جامائەت ئەخلاقى ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىسىلا، تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىكى ئىگە بولىدۇ. 

تاۋار ماركىسى قانۇنىدا تاۋار ماركىسى قوغدىلىدۇ، تاۋار ماركىسى ئىگىسىنىڭ ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تاۋار ماركىسىنى يەنە تاۋار ماركىسى ياساش ۋە تاۋار ماركىسى سېتىش دەپ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

تاۋار ماركىسى ياساش(MANUFACTURE MARK)

تاۋار ماركىسى ياساش تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇت ئۆزى ئۈچۈن بىۋاسىتە رويىخەتكە ئالدۇرغان ياكى ئىشلىتىۋاتقان تاۋار ماركىسى. كۆپ قىسىم تاۋار تاۋار ماركىسى ياساشقا تەۋە بولىدۇ. 

تاۋار ماركىسى سېتىش(COMMERCE MARK 或 PRAVITE LABEL)

تاۋار ماركىسى سېتىشتا ئۆزى ئىشلەپچىقارمايدۇ، پەقەت ئايرىۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تاۋارنى پارچە سېتىشتا تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغان ياكى ئىشلىتىۋاتقان بولىشى كېرەك. 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى»؛

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»؛

«تاۋار ماركىسى ئېلانى»؛ 

«تاۋار ماركىسىنى خەلقئارالىق رويخەتكە ئالدۇرۇش مادرىد كېلىشىمىگە ئائىت پۈتۈشمە لايىھە»؛ 

«تاۋار ماركىسى قانۇنى سىنگاپور شەرتنامىسى»؛ 

«تاۋار ماركىسى قانۇنى شەرتنامىسى»؛ 

«بىرلىككە كەلگەن تاۋار ماركىسى قانۇنى»؛ 

بېجىرىش يولى 

تاۋار ماركسى تاۋار ماركىسى ياكى مۇلازىمەت ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى  ئىلتىماس قىلىشتا ئىككى تۈرلۈك يول بار : 

(1) تاۋار ماركىسىنى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغان تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. 

(2) ئىلتىماس قىلغۇچى بىۋاسىتە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىغا بېرىش ياكى جوڭگۇەنسۈندىكى دۆلەت مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىش كېرەك، ئىش بېجىرىش ئورنى ئادرېسى : بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن بېيجىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى خەيديەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي ئىش بېجىرىش زالى ئىككىنچى قەۋەتتە.

بېجىرىش باسقۇچى 

(1) تاۋار ماركىسىنى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاش كېرەك، ھەر قانداق بىر تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. بارلىق تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسىنى « ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى» دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك. 

(2) تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە قىلىشى كېرەك :

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم سۈرۈشتە قىلىش← ئىلتىماسنى تەييار قىلىش← تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشزالى كۆزنىكىدە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇش← ئىلتىماس قىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش←تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇش←ھەققى ئېلىش ھۆججىتى. 

ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى سۈرۈشتۈرۈش

ئىلگىرى بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت كەتكەن. ئەگەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىنسا، بىر تەرەپتىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەقىقىگە زىيان بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تاۋار ماركىسىنى قايتا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن تاۋار ماركىسىنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈش، ئالدىنئالا ھوقۇق ئەھۋالىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ قايتا سۇنۇش. 

ئىلتىماس قىلىش تەييارلىقى

تاۋار ماركىسى (1) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇشتا، تۆۋەندىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك : 

1. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىغا تامغا بېسىلىشى كېرەك. 

2. تاۋار ماركا نۇسخىسى ئالتە پارچە بۇلىشى، ئىلتىماسنىڭ كەينىگە بىر پارچە چاپلىنىشى، بەش پارچىسى تاپشۇرۇلىشى كېرەك. نۇسخا ئېنىق بولىشى، ئۆلچىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بەش سانتىمېتىردىن كىچىك بولماسلىقى ۋە ئون سانتېمىتىردىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك.

3. بىۋاستە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىغا بىرىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىگە دائىر ئىسپات، ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك، (مەسىلەن، تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىقلار) نىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

4. بىۋاستە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىغا بىرىپ، بېجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇش؛ ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

(2) تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغاندا، تۆۋەندىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك : 

1. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىمزا قويغان تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى.

2. تاۋار ماركا نۇسخىسى ئالتە پارچە بۇلىشى، ئىلتىماسنىڭ كەينىگە بىر پارچە چاپلىنىشى، بەش پارچىسى تاپشۇرۇلىشى كېرەك. نۇسخا ئېنىق بولىشى، ئۆلچىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بەش سانتىمېتىردىن كىچىك بولماسلىقى ۋە ئون سانتېمىتىردىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك.

3. ئىلتىماس قىلغۇچى بىۋاستە ھالدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش زالىغا بىرىپ،  ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە ئەسلى نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى يەنە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

تاۋار ماركىسى4. تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، مەسئۇل كىشىنىڭ نامى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

① مەسئۇلىنىڭ كىملىكى؛ 

② تىجارەت كىنىشكىسى.

(2) يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھۆددە توختامى نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

 ① كېلىشىم تۈزگۈچىنىڭ كىملىكى؛

② ھۆددىگە ئېلىش توختامى.

(3) ئۆزىنىڭ ئالاقىدار، مەمۇرىي ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگان تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتىدە بېسىلغان تىجارەتچى نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

① باشقۇرغۇچى كىملىكى؛

② ئالاقىدار مەمۇرىي ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگان تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتى. 

(4) تەبىئىي شەخسنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى چوقۇم ئۆزىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش ھۆججىتى، تەستىقلانغان تىجارەت دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ.

(5) «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىغا قارىتا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى يالغان ماتېرىيال تەمىنلەپ ئېرىشكەن بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش. 

تاۋار ماركىسى(3) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تولدۇرۇشنىڭ كونكرېت تەلىپى 

1. «تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 15-ماددىسىدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ماشىنكىدا ياكى مەتبەئەدە بېسىش كېرەك. قولدا يېزىلغان تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قوبۇل قىلمايدۇ؛ 

2. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى نامى، ئادىرسى بويىچە سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىگە دائىر ئىسپات ھۆججەتلەرنى تولدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر سۇبيېكتلىق سالاھىيەتكە دائىر ئىسپات ھۆججەتلەر ئىچىدىكى ئادرېس ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، ئادرىسنىڭ ئالدىغا چوقۇم  كارخانا بار جايدىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە نامى تۇلۇقلاپ يېزىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامى بىلەن سۇبيېكتلىق سالاھىيەتكە دائىر ئىسپات ھۆججەتلەر، تىزىملانغان كارخانا نامى بىلەن تامامەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

3. تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرى بويىچە، «تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈر جەدۋىلى» ياكى «قېلىپلاشتۇرۇش نامى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى پەرقلەندۈرۈش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇشى كېرەك، تاۋار نامى ياكى مۇلازىمەت تۈرىنى تۈرگە ئايرىش جەدۋىلىگە كىرگۈزمىگەن بولسا، ئىلتىماس قىلىدىغانلارغا تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلىشى كېرەك. 

4. ئىلتىماس قىلغۇچى تەبىئىي شەخس ئىسىم-فامىلىسىنى، يەنە كىملىك نومۇرىنى تولدۇرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلتىماس قىلغۇچى تەبىئىي شەخس ئەمەلىي ئادرېسىنى ياكى ئالاقە ئادرىسىنى تولدۇرۇشى كېرەك.

5. ئەگەر رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ۋە ئىسپاتلىق تاۋار ماركىسى بولمىسا،  ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنىڭ تۈرى دېگەن كاتەكچىگە توغرا بەلگىسى ئۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، ستېرېئولۇق تاۋار ماركىسى بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنىڭ تۈرى دېگەن ئورۇندىكى «ستېرېئولۇق» دېگەن كاتەككە توغرا بەلگىسى ئۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رەڭلىك تاۋار ماركىسى بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنىڭ تۈرى دېگەن كاتەكچىدىكى «رەڭ» دېگەن كۆزنەككە توغرا بەلگىسى قويۇشى كېرەك.

6. ئېلتىماسنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئاندىن ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك، ئىلتىماس سۇنۇلغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

ھەق تاپشۇرۇش

بىر تۈردىكى ئون تاۋار نامى ياكى مۇلازىمەت تۈرى ئىچىدە، ھەر بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققى 1000 يۈەن، 10 دىن ئارتۇق (10 نى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ)، ھەر بىر ئېشىپ كەتكەن تۈر ئۈچۈن يەنە 100 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ.

تولۇقلاپ قويۇش ياكى تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى 

(1) قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

تاۋار ماركىسىتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشتا، بىۋاستە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىغا بېرىش كېرەك، ئىلتىماس رەسمىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق بولسىمۇ ياكى ئىلتىماس بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇن بولسىمۇ، تولۇقلاش زۆرۈر بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ  تولۇقلىشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بەلگىلىگەن مەزمۇن بويىچە تولۇقلاش كېرەك. مۆھلەت توشقۇچە تولۇقلىمىغانلار، بۇنى ئىلتىماس قىلىشتىن ۋاز كەچكۈچى دەپ ھېسابلىنىدۇ. 

(2) بېجىرىش

"تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قىسمەن رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى» نى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىر تۇتاش بېسىپ بولغاندىن كېيىن، زاكاز خەت-چەك ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىغا بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرغان بولسا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ، (ئۆزى ئېلىۋالىدىغان بۇنىڭ سىرتىدا). 

 دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

1. ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسنى تولدۇرغاندا، تىجارەت كىنىشكىسى بويىچە ئادىرىسىنى تولدۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر تولۇقلاپ تۈزىتىپ قويۇش رەت قىلىنسا ياكى ياكى قىسمەن رەت قىلىنسا، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېلان قىلىش كېرەك، «تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى» غا ئاساسەن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بۇ ئادرىس ئارقىلىق زاكاز پوچتا يوللانمىسى شەكلىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئادىرىسى بىلەن  تىجارەت كىنىشكىسىدىكى ئادىرىسى ئوخشاش بولمىسا، ئالدى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىدىكى ئادىرىسى بويىچە  ئۆزگەرتىپ قايتا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادىرىسىدا ئۆزگەرتىدىغان جايلار كۆرۈلسە، تىجارەت كىنىشكىسىدىكى ئادىرىسى بويىچە ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇنى تولۇق، ئۆلچەملىك رەسمىيەت دەپ قارىسا، ئادەتتە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ئىلتىماس قىلغۇچىغا «قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى» ئارقىلىق زاكاز پوچتا يوللانمىسى شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەگەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى «قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى » ئارقىلىق، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدۇ. «قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى» بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماسىنى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

3. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بولسا، ئەگەر رەت قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچى رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

4. رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بېرىلسە، ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشقىچە پىكىر كېسىمنامىسىگە قايىل بولماي، باشقىچە پىكىر كېسىمىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

5. ئىلتىماسنى تۇلۇقلاپ تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش يۈز بەرمەي، باشقىچە قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشتىن، «تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى» نى ئېلىشقىچە، تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ. تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر بىۋاستە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىغا بىرىپ، تاۋار ماركىسىنى رويىخىەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىغا تولدۇرۇلغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادىرىسىنى، «تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ئۇقتۇرۇشى» بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ؛ ئەگەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى «تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى» بويىچە، بۇ تاۋار ماركىسىنى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدۇ. 

6. تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئەمما رويخەتكە ئېلىنمىغان بولسا، يەنىلا رويىخەتكە ئېلىنمىغان بويىچە ئىشلىتىش؛ ئەگەر شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتسە، مۇناسىۋەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى بۇ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

7. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش زالىنىڭ تەكشۈرۈش كۆزنىكىگە بېرىپ بېجىرىش كېرەك، يەنە «جۇڭگو تاۋار ماركىسى تورى» دىن سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

8. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى ئالتە ئاي ئىچىدە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك.

9. تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى بېجىرىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

تاۋار ماركىسى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، ياساش، ئىشلەش، تاللاش، تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان تەبىئىي شەخس، زۆرۈر تېپىلغاندا، تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەبىئىي شەخس نامى ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەبئىي شەخس «تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، يەنە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك : 

(1) «يەككە سودا-سانائەتچىلەر تىجارەت كىنىشكىسى» نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تىزىملاش كىنىشكىسى ئارقىلىق مەسئۇل كىشىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. مەسئۇل كىشىنىڭ نامى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك : 

① مەسئۇل كىشىنىڭ كىملىكى؛ 

② تىجارەت كىنىشكىسى.

(2) يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھۆددە توختام كېلىشىمى نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :

① كېلىشىم تۈزگۈچىنىڭ كىملىكى؛ 

② ھۆددىگە ئېلىش توختامى. 

(3) باشقا قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالغان، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي شەخس، ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگان تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتىدە بېسىلغان تىجارەتچى نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :

① باشقۇرغۇچى كىملىكى؛ 

② ئالاقىدار مەمۇرىي ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگان تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتى.

(4) تەبىئىي شەخسنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى چوقۇم ئۆزىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش ھۆججىتى تەستىقلانغان تىجارەت دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ.

(5) «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىغا قارىتا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرىدۇ. 

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى، يالغان ماتېرىيال تەمىنلەپ ئېرىشكەن بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

 (6) تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىنى بېجىرىشتە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەبىئىي شەخس بولسا، يۇقىرىقىدىكى تۈرلەرنى بېجىرىش كېرەك. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#