ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جوڭشەن گاس-گاچىلار مەكتىپى

1987-يىلى 9-ئايدا كەڭ دائىرىلىك مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان مەكتەپ بولۇپ، ھۆكۈمەت قۇرغان، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدىغان مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جوڭشەن گاس-گاچىلار مەكتىپى
خەنزۇچە نامى 新疆阿克苏地区中山聋哑人学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1987-يىلى 9-ئايدا كەڭ دائىرىلىك مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان مەكتەپ بولۇپ، ھۆكۈمەت قۇرغان، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدىغان مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. 1992-يىلى مەمۇرىي مەھكىمنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ۋىلايەتلك مائارىپ باشقارمىسىغا بىۋاستە قاراشلىق ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، ئوقۇش مۇددىتى توققۇز يىل، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىدىيە-ئەخلاق، سىياسەت، تەبىئەت، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئەمگەك قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە، بىر شەھەر ۋە دېھقانچىلىق بىرىنچى دىۋىزىيىسىنىڭ ھەرقايسى پولىكلىرىدىن باشقا، يەنە بايىنغۇلىن ئوبلاستى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار. كۆپ قېتىم دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. يەنە مەملىكەتلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 33966 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2700 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 10 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 50 نەپەرگە يەتكەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#