شىراز شەھىرى

شىراز شەھىرى

شىراز شەھىرىنىڭ ‹‹ئەتىرگۈل شەھىرى››، ‹‹بۇلبۇللار شەھىرى›› ، ‹‹شائىرلار مۈلكى››، ‹‹شېئىر شەھىرى›› دېگەندەك ناملىرى بار. 


نامى شىراز شەھىرى
دۆلىتى ئىران
خەنزۇچە نامى 设拉子
ئورنى ئىران ئالتىنچى چوڭ شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىراز شەھىرى شىراز شەھىرى ئىراننىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . شىراز قەدىمكى پارس تىلىدا ‹‹سۈت – قايماق، باياشات جاي›› دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى فراس ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. ئۇنىڭ تېھران بىلەن بولغان ئارىلىقى 919 كىلومېتىر كېلىدۇ. شىراز شەھەرى ئىراننىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، تەرەققىي قىلىپ ئىراننىڭ مەمۇرىي، ھەربىي مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت مۇھىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، شىراز شەھىرىنىڭ ھەممە يېرى بۈك – باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان.

شىراز شەھىرىپارس شائىرى شەيخ سەئىد شىرازى شىراز شەھىرىدە تۇغۇلغان ھەم شىرازى (شىرازلىق دېگەن مەنىدە) نامى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىن ئورۇن ئالغان. سەئىد شىرازى بىلەن ھافىز شىرازىنىڭ مەقبەرىسى بار ئورۇن چىرايلىق باغچىغا ئايلانغان. شىراز شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار ئەتىقىلەر مەركىزى دېگەن نامىمۇ بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500 – يىلى پارس ئەھمېندلار جەمەتىدىن بولغان كورىيۇس ئىراندىكى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىراز شەھىرى مەركەز قىلىنغان پېرىسىيە ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان. شىراز شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغ باغرىدا قەدىمكى شاھ ساراي خارابىلىكى بار ، بۇ پېرىسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ خان ئوردىسى. 1971 – يىلى بۇخارابىلىكتە پېرىسىيە ئىمپېرىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2500 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ خارابىلىك غايەت زور خان ئوردىسى، دارىيۇس شاھنىڭ قوبۇلخانىسى، كورىيۇس شاھنىڭ 100 تۈۋرۈكلۈك چوڭ سارىيى، سىرلىق كالا ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئوردا دەرۋازىسى، قاپارتما نەقىش چىقىرىلغان پەلەمپەيلەر، پادىشاھ قەسىرلىرى، ئوردا خەزىنە خارابىسى، ئارقا ساراي خارابىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەيۋەتلىكلىكى ۋە ھەشەمەتلىكلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. 

شىراز شەھىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتا يەنە بىر ھەيۋەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بار. ئۇ قەدىمكى پارس ئىمپېراتورلىرى شاھزادىلىرىنىڭ قەبرىلىرى. بۇ قەبرىلەر ئىچىدە پارس شاھى كورىيۇسنىڭ قەبرىسى تاشتىن ھەشەمەتلىك ياسىلىپ، ئۈستىگە يادنامە ئويۇلغان. بۇ تارىختا پېرسېپولىس پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ئاخمېند خاندانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان، ‹‹نەقىشى رۇستەم›› (رۇستەم توغرىسىدىكى نەقىشلەر مەنىسىدە) يادنامىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇشبۇ تاش ئابدىگە دارىيۇس شاھنىڭ پائالىيىتى ۋە نۇسرەت تۆھپىسى ئويۇلغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە قەدىمكى ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان ساكلارنىڭ ئۈچ گۇرۇھى توغرىسىدا تەزكىرە خاراكتېرلىك ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن. شىراز شەھىرىدە يەنە نۇرغۇن مەسچىت – خانىقالار بار. شىراز شەھەر كوچىلىرىنىڭ نامى بۈيۈك تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. شىراز شەھىرىدىن قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى، يېقىنقى زامان مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شىراز شەھىرىنى ئىران دۆلىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى دىيىشكە بولىدۇ.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/413217.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#