ئۇيغۇرچە ئىسمى شومۇتۈن
مىللىتى شىبە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1915-يىل 10-ئاي
باشقا نامى ئۇجالا
يۇرتى غۇلجا شەھىرى
كەسپى ئىنقىلابچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شومۇتۈن (ئۇجالا) شىبە، 1915-يىلى 10-ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ناغرىچى دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ. 1922-يىلىدىن 6192-يىلغىچە سۈيدۈڭ كۈرەدىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1926-يىلدىن 1930-يىلغىچە قازاقىستان نىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئىپتىدائىي مەكتەپتە، 1931-يىلدىن 1933-يىلغىچە غۇلجا خەنزۇ-رۇس مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1934-يىلىدىن 1937-يىلغىچە تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا گىئولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. 1937-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرمەي قايتىپ كېلىپ، 1938-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە غۇلجا بىلىم يۇرتىدا رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 38-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىقىلابىغا قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيە باش شىتاب رازۋېدكا بۆلۈمىدە رۇس تىلى تەرجىمانى، رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1946-يىلى 11-ئايدا چاپچال ناھىيىسىگە ھاكىم بولىدۇ، ھەربىي ئۇنۋانى ساقلىنىپ قالىدۇ، 1949-يىلى 5-ئايدا غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، مىللىي ئارمىيە باش شىتاب رازۋېدكا بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مىداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

شومۇتۈنگە 1949-يىلىدىن كېيىن، غەربىي شىمال ھەربىي مەھكىمە تەرىپىدىن غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش مىدالى بېرىلىدۇ. ئۇ 9491-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ساقچى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، 1960-يىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1978-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. 1984-يىلى دەم ئېلىشقا چىقىدۇ.

 دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، شىبە تىلىدا جىڭ ئۇرۇشىنى مەزمۇن قىلغان «جىڭ دەرياسى»، «خان يايلاق ئۇرۇشى»، «ليەنخۇا»، «جاھانگىر خوجىنى تۇتۇش»، «چاڭغارنىڭ ئۈزۈكى»، «سولۇنلارنىڭ ئۇرۇش تارىخى»، «جۇڭگودىكى رۇسلارنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#