شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى

شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى بولسا ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدكى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ،بىۋاستە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوپ رايونلوق مائارىپ نازارىتىگە قارايدۇ. مەكتەپ ئورنى ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى 65 – نومۇرغا جايلاشقان ،1956- يىلى قۇرۇلغان ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئۈرۈمچى تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

1995 يىل شىنجاڭ  تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ  ئۆزگەرتىلگەن ،50 يىللاردىن بۇيان نەچچە ئەۋلاد كىشلەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈردى،  مەكتەپنىڭ ھازىر ئىلغار بولغان كادىرلار باشقۇرۇش قوشۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار،  ئوقۇتۇش تەربىيلەش سۈپىتى ياخشى،  تەربىيلەش مۇھىتى ياخشى بولۇپ شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى نام –ئابرويغا ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە .

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى
مەكتەپ مىزانى ئەستايىدىللىق ،كەسىپنى قەدىرلەش ،سەمىمىيلىك ،بىلىمدانلىق
تۈرى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
مەكتەپ شوئارى غايە قاناتلانسۇن
خەنزۇچە نامى 新疆实验中学
قۇرۇلغان ۋاقتى 1956- يىلى
تۇرۇشلۇق ئورنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى بولسا ئاپتونوم رايولنلۇق مائارىپ نازارىتى قارمىقىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ،  1956 –يىلى قۇرۇلغان قۇرۇلغان بولۇپ  54 يىللىق تارىخى مۇساپىلەرنى بېشتىن ئۆتكۈزگەن ،ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى مىللىي خەنزۇ ئارلاشما مەكتەپ .كۆپ يىللىق تەرەققىياتلار ئارقىلىق شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تولۇق  ئوتتۇرا  مەكتىپىگە ئايلىنىپ ،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ ،ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە مەدەنىيەتلىك ئورۇن،ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئونۋېرسال تۈزەپ باشقۇرۇشتىكى ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن دېگەن ناملارغا ئېرىشىپ ،جوڭگۇدىكى يۈز كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى  .

2013 –يىلى تەجىرىبە ئوتتۇرا  مەكتىپى  تولۇق بىرىنچى يىللىق ،تولۇق ئىككىنچى يىللىق ۋە تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنى تەسسىس قىلدى ،جەمئىي 66 سىنىپ بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇتىلى بۆلىمى12 تەبىي پەن تەجرىبە سىنىپى ، مىللىي بۆلۈم 6 تەجربە سىنىپى ، 3 نۇقتىلىق سىنىپ ، 4 ئىجتىمائىي پەن سىنىپى ھەمدە 41  پاراللىل سىنىپ بولۇپ مەكتەپتىكى ئادەم سانى 3766 دىن ئارتۇق بولۇپ ئوقۇتۇش كۆلىمى بارغانچە چوڭايماقتا .

شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى 1956- يىلى قۇرۇلغان ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئۈرۈمچى تەجىربە  ئوتتۇرا  مەكتىپى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ،1995- يىلى شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا  مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن .

شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تولۇق  ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئايلىنىپ  ،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ ،ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە مەدەنىيەتلىك ئورۇن ،ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئونۋېرسال تۈزەپ باشقۇرۇشتىكى ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن دېگەن ناملارغا ئېرىشتى ،جوڭگۇدىكى يۈز كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. .

ئىنگىلىزتىلى : لىياڭ ، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ رىياسەتچىسى : نېغمەت

شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى : مۇراد 

 50 يىلدىن بۇيان مائارىپ نازارىتى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ،مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئىشچى خىزمەچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ،بۇ مەكتەپ پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجنلىرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسنى توغۇرلاپ ،ئوقۇتۇش شارائىتلىرنى ياخشىلاپ ،تەربىيلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتەردى. ئەمەلىيەتكە،تەرەققى قىلىشقا ،  يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىقتىساسلىقلار  كۆز –قارىشىنى تىكلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى،شۇنداقلا بۇ مەكتەپنىڭ تەبىي پەن تەجىربە سىنىپى ۋە قوش تىل سىنىپى ئوقۇتىشى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى ،كۆپ يىللاردىن بۇيان ، پۈتۈن دۆلەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ تۆت پەن تۈرى بويىچە ئوۋلىنپىك مۇسابىقىسىدە 1 ئالتۇن مېدال ،15 كۈمۈش مېدال ،35 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى،غەربىي رايون ماتىماتىكا ئوۋلىمپىك مۇسابىقىسىدە 1 ئالتۇن مېدال ،5 كۈمۈش مېدال،9 مىس مېدال قولغا كەلتۈردى ،پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 4 پەن ئوۋلىنپىك مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى ماتىماتىكىدا 72 بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، فىزىكىدىن 89 بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ،خېمىيەدىن 79 بىرىنىچى دەرىجىلىك مۇكاپات ،بىئولوگىيەدىن 63 بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ،ئۇچۇر تېخنىكىدىن 11 بولۇپ جەمئىي مۇكاپات سانى شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#